تاۋۇتتىكى مېكىيان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇۋەلى ئايۇپ
2019-03-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
تۈرمىگە ئېلىپ كىرىلىۋاتقان ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلار.
تۈرمىگە ئېلىپ كىرىلىۋاتقان ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلار.
Social Media

ماڭا ئىككىنچى قېتىم سوت ئېچىلغاندىن كېيىن تولۇق بىر ئاي ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ھېچ بىر ھۆكۈم چىقمىدى.

كېسىم كۈتۈپ ياتقان كامېردىكى باشقا مەھبۇسلار بىر-بىرلەپ چىقىپ كېتىشكە ياكى تۈرمىلەرگە يۆتكىلىشكە باشلىدى. ھەممەيلەن تۈرمىنى قاماقتىن مىڭ ئەلا كۆرۈشەتتى. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، تۈرمىگە يۆتكەلسە زاۋۇتلاردا ئىشلىگىلى، تويغۇدەك ياخشى تاماقلانغىلى، ئىشتىن چۈشكەندە بەلگىلەنگەن دائىرىدە ئازادە ئايلىنىپ يۈرگىلى بولارمىش.

ئايلاپ، ھەتتا بەزىلىرى يىللاپ ئاپتاپسىز، دېرىزىسىز قەپەسنىڭ ئىچىگە قامالغان تۇتقۇنلار بۇرۇنراق ھۆكۈمنى قولغا ئېلىپ تۈرمىگە يۆتكىلىش ئۈچۈن يوق جىنايەتلەرنىمۇ بار كۆرسىتىشكە ئالدىرايتتى. سوراقتا گۇناھىنى تەن ئالماي كېلىۋاتقان ئاقچى، ئوغرى ۋە پارىخور مەھبۇسلارمۇ كامېردىكى ئون نەچچە سائەتلەپ دىققەتتە قېتىپ ئولتۇرۇش، خالادىن پۇرقۇپ تۇرىدىغان سېسىقچىلىق، دائىم قۇرت چىقىدىغان «ئازاب شورپىسى» ۋە ھەپتىدە بىر تەكرارلىنىدىغان يالىڭاچلاپ سازايى قىلىشتىن زېرىكىپ ئىقرار قىلىشقا باشلىغان ئىدى.

فۇكاڭلىق تۇڭگان خەي شىياۋياڭ كامېردا ئىزچىل ئىقرار قىلماسلىق بىلەن تونۇلغان ۋە ئىككى يېرىم يىلدىن بېرى مۇرەسسەسىز يېتىۋاتقان كاداڭلاردىن بىرى ئىدى. چىرايىدىن ئۇيغۇرغا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان، يېشى ئەمدىلا يىگىرمىنىڭ قارىسىنى ئالغان بۇ بالا نېمە ئۈچۈندۇر ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارغا بىر غۇمى باردەك قوپاللىق قىلاتتى. ئۇنىڭ مەھبۇسلۇق ئىستاژى ئەڭ ئۇزۇن بولغاچقىمۇ ياكى تايانچى كۈچلۈك بولغاچقىمۇ كامېردا ھېچ تەپتارتماستىن خالىغانچە ھەرىكەت قىلاتتى. ئۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغانلىقىنى پەش قىلىپ، ھەمىشە خىتاي ۋە تۇڭگان مەھبۇسلارنى ساۋاتسىز دەپ ياراتمايتتى، مەندىن باشقىلار بىلەن ئانچە پاراڭلىشىپ كەتمەيتتى.

مەن خەي شىياۋياڭغا ئىنگلىزچە ئۆگىتىشنى كۆكتاغ قاماقخانىسىغا يۆتكىلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا باشلىغان ئىدىم. ئۇنىڭغا دەرس ئۆتكەن پۇرسەتتە تاغدىن-باغدىن پاراڭ سېلىپ ۋاقىت ئۆتكۈزەتتىم ۋە دىققەتتە ئولتۇرۇپ ئۇيۇشۇپ كەتكەن پۇتلارنى ئەركىن سۇنۇۋالاتتىم. ئاخشىمى دەرس تەييارلاش، كۈندۈزلىرى تەكرار-تەكرار ئۆگىتىش، مەشىق قىلدۇرۇش بىلەن كۈنلىرىم مەنىلىك ئۆتمەكتە ئىدى. ھەر ئاخشام ئىنگلىزچە بىر تېكىست يازاتتىم، خەي شىياۋياڭ دادا تېما قىلىنسا بەكرەك ياقتۇرۇپ يادلايتتى.

ۋاقىت ئۇزارغانچە مەن ئىنگلىزچە تېكىستلەرنىڭ ئىچىگە كامېردىكى ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ھېكايىسىنى قىستۇرۇشقا باشلىدىم. بولۇپمۇ كىچىكىدىن ئانىسىز چوڭ بولغان لوپلۇق ئابلىمىتنىڭ كەچمىشىنى ئۆتكىنىمدە خەي شىياۋياڭنىڭ كۆزلىرى ياشلانغان ئىدى.

ئابلىمىت  ئۈرۈمچىدە بولغان بىر پارتلاشتا ئىشلىتىلگەن بايراقنى ياساش بىلەن تۇتۇلغان ئىدى. ئۇ سەككىز ياش چېغىدا ئانىسى قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلغان ئىكەن. ئۇ ئۈچ ئۇكىسى بىلەن ئانىسىز قالغاندىن كېيىن كېسەلچان دادىسى ۋە ئۇكىلىرىغا تاماق ئېتىپ قارىغان ئىكەن. ئابلىمىت سۆزلەپ بەرگەن كەچمىشلەر ئىچىدە بىر ۋەقە ماڭا بەكلا تەسىر قىلغان بولغاچ، بىر كۈنى شۇنى تېكىست قىلدىم.

تېكىستنىڭ ئىسمى «تاۋۇتتىكى مىكىيان» ئىدى. ئابلىمىت ئانىسىز قالغاندىن كېيىن ئوقۇشتىن قېلىپ كېسەلچان دادىسى ۋە ئۇكىلىرىغا تاماق ئېتىپ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ. بىر كۈنى ئۇ چۈشلۈك تاماققا تۇتۇش قىلىپ چۆپ يېيىۋاتقاندا ئۇلارغا كۈن ئارىلىماي كاكىلاپ بېرىۋاتقان مىكىيان سۇپرىغا چېپىلىپ ئارام بەرمەيدۇ. تولا قورۇپ كەتكۈزەلمىگەن ئابلىمىتنىڭ غەزەپتىن نوغۇچنى بىر ئېتىشى بىلەن توخۇ يەرگە دۈم چۈشىدۇ. شۇ بىر توخۇنىڭ تۇخۇمى بىلەن تاماققا تەم كىرگۈزۈۋاتقان ئابلىمىت ئۆلۈپ قالغان تۇغۇمچان توخۇغا قاراپ ئۆكۈنۈپ ھۆركىرەپ يىغلاپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ تېخى يېقىندىلا ئانىسىنى ئۇزىتىپ قويغان ئۇكىلىرى نېمە بولغاننى ئۇقالماي ئابلىمىتقا ئەگىشىپ يىغلاپ كوچىغا چىقىپ ھازا ئاچىدۇ. يىغا ئاۋازىنى ئاڭلىغان قوشنىلار ئابلىمىتنىڭ كېسەلچان دادىسىنى قازا قىلغان ئوخشايدۇ-دەپ يىراق يېقىنغا خەۋەر قىلىشىدۇ. ئۇرۇق-تۇغقانلار يىغىلىپ ئىشنىڭ باش ئاخىرى بىلىنىپ بولغۇچە جامائەت بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ مېيىتنى ئەسىرگە ئۈلگۈرتۈش ئۈچۈن تاۋۇتنى ئېلىپ ئابلىمىتنىڭ ئۆيىگە كېلىدۇ. قارىسا ۋاپات بولغىنى ئادەم ئەمەس توخۇ. جامائەت كۈلكە قىلىشىپ تاۋۇتقا توخۇنى سېلىپ قايتىپ چىقىدۇ.

بۇ تېكىستنى ئۆتكىنىمدە خەي شىياۋياڭنى كۈلۈپ كېتەرمۇ دەپمۇ ئويلىغان ئىدىم. ئەمما ئۇ كۈلمىدى. بېشىنى تۆۋەن قىلىپ پېشانىسىنى تۇتقان بولۇپ كۆزلىرىدىن سىرغىۋاتقان ياشلارنى يوشۇردى. ئۇ بىر ھازا ئولتۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن «مۇئەللىم، ماڭا بۇ سىياسىي مەھبۇسلارنى ئاقلاپ تەربىيە بېرىۋاتىسەن بىلىمەن. بۇلار ھەققىدە ئىنگلىزچە سۆزلەۋاتقان بۇ ھېكايىلىرىڭنى مەن ئۆمرۈمدە ئاڭلاپ باقمىغان. مەن پەقەت ئۇلارنىڭ نەقەدەر قالاقلىقىنى، ياۋايىلىقىنى ۋە ياۋۇزلۇقىنى ئاڭلىغان. ئەمەلىيەتتە مەنمۇ يېتىم. ئابلىمىت ئانىسىز يېتىم بولغان بولسا، مانا مەن ئاتا-ئانىسى بار تۇرۇپ يېتىم بولغان. مېنىڭ ئانام تۇڭگان، دادام خىتاي. ئانام خىتايغا تەگكەچكە جەمەتىمىز دادامنى پاتۇرماي ئاخىرى ئۇلار ئاجرىشىپ كەتكەن ئىكەن. مېنى ئانام باققان. ئانام ماڭا كىچىكىمدىن دادام ئۈنئالغۇغا ئېلىپ ماڭا قالدۇرۇپ كەتكەن ناخشىلارنى ئاڭلىتىپ چوڭ قىلغان. مانا بۈگۈنگىچە مەن دادامنى كۆرۈپ باقمىدىم. ھەر قېتىم دادامنى قانداق بىر كىشى بولغىيدى، دەپ ئەسلىسەم كېسەكتەك بىر كونا ئۈنئالغۇ كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ» دېدى.

ئەتىسىدىن باشلاپ خەي شىياۋياڭ سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ كۆزىگە پەقەت كىرىۋالمايدىغان بولدى. بولۇپمۇ ئۇ ئابلىمىت بىلەن ئىچىدىن چىقىرىپ پاراڭلىشىدىغان بولۇپ كەتتى. مەنمۇ ئابلىمىتنى ئانچە ئىشەنمەي تۇرسىمۇ تولا دەپ يۈرۈپ خەي شىياۋياڭدىن خىتايچە ئۆگىنىشكە قايىل قىلدىم.

(ماقالىدىكى كۆزقاراشلار ئاپتورغا خاس بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ)

تولۇق بەت