قاراقۇرۇم بۈركۈتى: نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ ھاياتى (4)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2018-09-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندى (ئوڭدىن 2-كىشى) 1995-يىلى، يەنى قولغا ئېلىنىشتىن ئىككى يىل ئىلگىرى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئۈرۈمچىدىكى ئۆيىدە چۈشكەن سۈرىتى. (سافادا نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ ئىككى قېشىدا ئولتۇرغان ئىككى ئايال نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ قاغىلىقنىڭ چوپان يېزىسىدا ياشايدىغان ئاتا بۆلەك سىڭىللىرى؛ ئۆرە تۇرغان ئىككى ئەر كىشى كەلپىندىن كەلگەن تۇغقانلىرى؛ ئوڭ تەرەپتە ئولتۇرغان ئايال دولقۇن ئەيسانىڭ ئانىسى ئايخان مەمەت). 1990-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرى.
نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندى (ئوڭدىن 2-كىشى) 1995-يىلى، يەنى قولغا ئېلىنىشتىن ئىككى يىل ئىلگىرى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئۈرۈمچىدىكى ئۆيىدە چۈشكەن سۈرىتى. (سافادا نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ ئىككى قېشىدا ئولتۇرغان ئىككى ئايال نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ قاغىلىقنىڭ چوپان يېزىسىدا ياشايدىغان ئاتا بۆلەك سىڭىللىرى؛ ئۆرە تۇرغان ئىككى ئەر كىشى كەلپىندىن كەلگەن تۇغقانلىرى؛ ئوڭ تەرەپتە ئولتۇرغان ئايال دولقۇن ئەيسانىڭ ئانىسى ئايخان مەمەت). 1990-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرى.
RFA/Qutlan

تۆتىنچى قىسىم: يېپىق سوتتا سوتلانغان بوۋاي

ۋۇجۇدىنى كېسەللىك ئازابى قىيناپ تۇرغان 71 ياشلىق نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندى ئۈرۈمچى قوراللىق ساقچى دوختۇرخانىسىدىن يەنە تۈرمىگە ئېلىپ كېتىلگەندىن كېيىن ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئۇ توغرىلىق ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمايدۇ. ئارىدىن يېرىم يىلچە ۋاقىت ئۆتكەندە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى تۇيۇقسىزلا جۈرئەت نىزامىدىن ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىغا ئۇقتۇرۇش ئەۋەتىپ، دادىسىغا سوت ئېچىلىدىغانلىقى، سوتنىڭ يېپىق ھالەتتە بولىدىغانلىقى، شۇڭا بىۋاسىتە ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىدىن باشقا ھەرقانداق كىشىنىڭ قاتناشتۇرۇلمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ.

يېپىق سوت ئېچىلىشتىن ئىلگىرى سوت مەھكىمىسى ئۇلارغا ئالاقە ئەۋەتىپ، «ئاقلىغۇچى» ئادۋوكات تەكلىپ قىلىدىغان ياكى قىلمايدىغانلىقىنى سورايدۇ. جۈرئەت نىزامىدىن شۇ ۋاقىتتا دادىسىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى يېقىن تونۇشلىرىدىن پېنسىيەدە ياشاۋاتقان مەلۇم بىر پېشقەدەم ئادۋوكاتنى ئىزدەپ بارىدۇ ۋە ئەھۋالنى ئېيتىدۇ. بۇ كىشى ئۆزىنىڭ يېپىق سوتتا ئوتتۇرىغا چىقىپ نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندى ئۈچۈن ئادۋوكاتلىق قىلىدىغانلىقىنى شۇنداقلا قولىدىن كېلىشىچە تىرىشىپ كۆرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىدۇ.

دېگەن قەرەلىدە سوت ئېچىلىدۇ. نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ بالا-چاقىلىرىدىن بولۇپ يېپىق سوتقا سىرتتىن پەقەتلا 6 كىشىنى قاتناشتۇرىدۇ. چاچ-ساقاللىرى ئۆسۈپ چاڭگىلاشقان، كېسەللىك دەستىدىن نىمجان گەۋدىسىنى ئاران كۆتۈرۈپ تۇرغان نىزامىدىن ئەپەندى ساقچىلارنىڭ قورشاۋىدا يېپىق سوت مەيدانىغا ئېلىپ كىرىلىدۇ. پۈتكۈل سوت جەريانى «جاۋابكار» ئورنىدا تۇرغۇزۇلغان نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندىنى ئەيىبلەش، ئۇنىڭ ئاتالمىش «جىنايەت» لىرىنى بىر-بىرلەپ ساناپ ئۆتۈش بىلەن مەزمۇن تاپىدۇ. يېپىق سوتتا نىزامدىن ھۈسەيىن ئەپەندىنى «گەرچە پاكىتلار تولۇق بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ‹5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى› ۋە ‹25-فېۋرال ئۈرۈمچى ئاپتوبۇس پارتلىتىش ۋەقەسى› نى سادىر قىلغان گۇماندارلار بىلەن مەلۇم چېتىشلىقى بار» دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندىنى يەنە «چەتئەللەردىكى شەرقىي تۈركىستان بۆلگۈنچىلىرى نەشر قىلدۇرغان قانۇنسىز گېزىت-ژۇرناللارنى ساقلىغان ۋە تارقاتقان» دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلەيدۇ.

جۈرئەت نىزامىدىننىڭ ئەسلىشىچە، يېپىق سوتتا ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ سۆز قىلىشىغا ھېچقانچە ئىمكانىيەت بېرىلمەيدۇ. باش سوتچى ئادۋوكاتقا ۋارقىراپ سۆزىنى قاپ بېلىدىن بۆلىۋېتىدۇ. سوت مەيدانىدا ھەتتا 20 نەچچە ياشلىق پۈتۈكچى قىزنىڭمۇ «جاۋابكار» ئورنىدا تۇرغۇزۇلغان 70 ياشتىن ئاشقان نىزامىدىن ھۈسەيىنگە قوپاللىق بىلەن سەنلەپ گەپ قىلىشى جۈرئەت نىزامىدىن ۋە ئۇنىڭ ئاچا-سىڭىللىرىنىڭ يۈرىكىنى لەختە-لەختە قىلىدۇ.

شۇنداق قىلىپ، يېپىق سوت دەلىل-ئىسپاتلار يېتەرلىك بولمىغان بىر ئەھۋالدىمۇ 71 ياشلىق نىزامدىن ھۈسەيىنگە ئىككى يېرىم يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىدۇ. يېپىق سوتتا نىزامىدىن ئەپەندى ئۈچۈن ھەتتا «ئاقلاش» ئىسپاتلىرىمۇ ئوقۇپ ئۆتۈشكە ئىمكانىيەت تاپالمىغان پېشقەدەم ئادۋوكات ئامالسىزلىق ئىلىكىدە نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىدىن «ئۆزر» سورايدۇ. سوت ئاخىرلىشىشى بىلەن ساقچىلار نىزامىدىن ئەپەندىنى قولتۇقىدىن سۆرىگىنىچە تۈرمىگە ئېلىپ كېتىدۇ.

ئارىدىن نەچچە ئايلار ئۆتكەن بىر كۈنى جۈرئەت نىزامىدىنغا نامەلۇم بىرىدىن تېلېفون كېلىدۇ. تېلېفون بەرگۈچى ئۆزىنىڭ بىرقانچە كۈن ئىلگىرى ئۈرۈمچىدىكى 3-تۈرمىدىن چىققانلىقىنى، ئۇلارغا يەتكۈزۈپ بېرىدىغان مۇھىم بىر «ئامانەت» نىڭ بارلىقىنى ئېيتىدۇ.

ئۇلار ئۈرۈمچىنىڭ سايبۇلاق دېگەن جايىدا ئۇچرىشىدۇ. تۈرمىدىن چىققان كىشى جۈرئەت نىزامىدىنغا ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچى 3-تۈرمىدە نىزامىدىن ئەپەندى بىلەن بىللە ياتقانلىقىنى، ئۇنىڭ دادىسىنىڭ تۈرمىدە ئاجىزلاپ نىمجان بولۇپ قالغانلىقى، بىر ئامال قىلىپ نىزامىدىن ئەپەندىنى داۋالىتىشقا ئېلىپ چىقمىسا ئەھۋالىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ئۇ يەنە نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ تۈرمىدىكى شۇنچە قىيىن شارائىتتا يازغان «ھاياتىمدىن ئەسلىمىلەر» ناملىق ئەسىرىنىڭ قوليازمىسىنى تۈرمىدىن يوشۇرۇنچە ئېلىپ چىققانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنى جۈرئەت نىزامىدىنغا تاپشۇرىدۇ.

جۈرئەت نىزامىدىن دادىسىنىڭ تۈرمىدىن چىقارغان «ئامانەت» لىرى ئارىسىدىن بىر پارچە خەتنى كۆرىدۇ. خەتتە دادىسى ئۆزىنىڭ تۈرمىدە قاتتىق خورلانغانلىقىنى، نىمجان يۈرىكىنىڭ تۈرمە ئازابلىرىغا ئۇزۇنغىچە بەرداشلىق بېرەلمەيدىغانلىقىنى، ئەگەر تۈرمىدە ئۇ دۇنياغا كېتىپ قالسا پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆزىدىن رازى بولۇشىنى ئۆتۈنىدۇ. دادىسىنىڭ خېتىنى ئوقۇپ قاتتىق ئازابلانغان جۈرئەت نىزامىدىننىڭ كۆزلىرى ياشقا تولىدۇ.

شۇنىڭدىن كېيىن جۈرئەت نىزامىدىن تەرەپ-تەرەپكە قاتراپ دادىسىنىڭ تۈرمىدە ئېغىر كېسەل ئىكەنلىكىنى، سىرتقا داۋالاتقىلى ئېلىپ چىقىشقا رۇخسەت بېرىشىنى ئىلتىماس قىلىدۇ. ئۇ يەنە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىغا بېرىپ، ئىلگىرى دادىسىنى تۇتقان ساقچىلار بىلەن كۆرۈشىدۇ ۋە دادىسىنى داۋالىتىشقا ۋاقتىنچە قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ھالبۇكى، ساقچىلار يوقىرى ئورگاننىڭ تەستىقى بولماي تۇرۇپ، نىزامىدىن ئەپەندىنى داۋالىنىشقا قويۇپ بېرىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.

(داۋامى بار)

تولۇق بەت