سادام ھۈسەيىن ئاشلىق ئېلان قىلىپ ئادۋوكاتىنىڭ ئۆلۈمىگە نارازىلىق بىلدۈردى

2006-06-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

سادام ھۈسەيىن ئادۋوكاتلىرى گۇرۇپپىسىنىڭ ئېيتىشىچە، سادام ئاشلىق ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئاساسلىق ئادۋوكاتلىرىدىن بىرى ھېسابلانغان خامىس ئوبەيدىنىڭ ئۆلۈمىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن.

رويېترىس ئاگېنتلىىقنىڭ 22 ‏- ئىيۇن كۈنى بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ئادۋوكات خامىس ئوبەيدىنىڭ جەسىتى، 21 ‏- ئىيۇن كۈنى، ئىراقنىڭ پايتەختى باغداتتىن تېپىلغان. خەۋەردە يەنە ئېيتىلىشىچە، بۇ ۋەقە يۈز بېرىشتىن بىر قانچە سائەت بۇرۇن ئۇنى، نامەلۇم كىشىلەر ئۆيىدىن ئېلىپ كەتكەن.

بۇ ئارىدا ، سادام ئادۋوكاتلار گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى بولغان دۇلەيمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سادام ۋە ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارالغان 7 نەپەر جاۋابكارمۇ ، ئادۋوكاتلىرى خەلقئارانىڭ قوغدىشىغا ئېرىشكەنگە قەدەر ،ئۆزلىرىنىڭمۇ ئاشلىق ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

سادام ۋە ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك 7 كىشى، ئادالەتكە قارشى جىنايەتچى دېگەن گۇناھ بىلەن باغداتتا سوتقا تارتىلماقتا ، بىراق ئۇلار 148 نەپەر شىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۆلۈمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ كەلمەكتە. 1982 ‏- يىلى سادامنى ئۆلتۈرۈش سۈيقەستى ئىشقا ئاشمىغاندىن كېيىن، يۈزلىگەن كىشى مەزكۈر سۈيقەستكە مۇناسىۋەتلىك دەپ، سادام تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.

ئىراق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، ھازىرغا قەدەر سادامنىڭ 3 نەپەر ئادۋوكاتىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

سادامغا مۇناسىۋەتلىك دىلو ئۈستىدىن 7‏- ئاينىڭ 10 ‏- كۈنى قايتا سوت ئېچىلىدۇ، مەزكۈر سوتتا سوتچى ئەڭ ئاخىرقى ھۆكۈمنى چىقىرىدۇ. (ئەقىدە)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت