«ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» تەشكىلاتى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشقا چاقىردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2019-02-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
«ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» نىڭ قۇرغۇچىسى ۋە باشلامچىسى سېرىكجان بىلاشئوغلى ئەپەندى(ئوتتۇرىدا).
«ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» نىڭ قۇرغۇچىسى ۋە باشلامچىسى سېرىكجان بىلاشئوغلى ئەپەندى(ئوتتۇرىدا).
Sérikjan Bilash’oghli teminligen

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىلى ئوبلاستىدىن قازاقىستانغا كۆچۈپ چىقىپ ئولتۇراقلاشقان بىر گۇرۇپپا ياش قازاق پائالىيەتچىلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان «ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» ناملىق تەشكىلاتنىڭ پائالىيەتلىرى يېقىندىن بۇيان دىققەت قوزغاشقا باشلىدى. ئىگىلىشىمىزچە، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى قۇتۇلدۇرۇش بويىچە قازاقىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە لاگېرلاردىن بىر قىسىم قازاق تۇتقۇنلارنىڭ قويۇپ بېرىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قازاقلاردىن باشقا يەنە ئاز ساندىكى ئۇيغۇر، قىرغىز، تاتار ۋە باشقا مىللەت تۇتقۇنلىرىنىڭمۇ بار ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

بىز يېقىندا «ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» ناملىق بۇ تەشكىلاتنىڭ ئالمۇتادىكى ئىشخانىسىغا قىلغان سەپىرىمىزدە گۇۋاھلىق بېرىشنى خالىغۇچىلارنىڭ ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يەرلىك ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە قىرغىزىستاندىنمۇ بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆردۇق. ھازىرچە ئۆزلىرىنىڭ كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بۇ گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەر خىتاي لاگېرلىرىدا ئازاب چېكىۋاتقان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۈچۈن بۇ يەرگە كېلىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ لاگېردىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ تەقدىرىدىن بەكمۇ ئەنسىرەۋاتقانلىقنى بىلدۈردى.

«‹ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى› ناملىق تەشكىلاتنىڭ باشلىقى سېرىكجان بىلاشوغلىنىڭ ئېيتىشىچە، قازاقلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن جازا لاگېرلىرىغا قامىلىشىدا بىر نەچچە سەۋەبلەر بار بولۇپ، شۇلارنىڭ بىرى قازاقلارنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن يېقىن ۋە زىچ مۇناسىۋەتتە بولغانلىقى ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «دۇنيا قازاقلىرىنىڭ 5-قۇرۇلتىيى ئېچىلىشتىن ئىككى كۈن كۈن ئىلگىرى مەن ئامېرىكىدىكى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ ئىنگلىزچە ۋە خىتايچە بۆلۈمىگە قارامايدىكى قازاقلارنىڭ ئۇيغۇر دوستلىرى بولغانلىقى سەۋەبىدىن تۇتقۇن قىلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئىدىم. ئۇ يەردىكى قازاق ۋە ئۇيغۇرلار بىر-بىرى بىلەن تۇغقان بولۇپ كەتكەن. ئۇ يەردىكى قازاقلار ئۇيغۇرلارنى كۆرسە خىتاينىڭ بېسىمىدىن قورقۇپ ھەتتا سالاملاشمايدىغان ھالغا بېرىپ قالغان.»

سېرىكجان بىلەشوغلى يەنە مۇنداق دېدى: «بىزگە ئەرز سۇنغان قىرغىزلارنىڭ سانى 20 دىن ئاشتى. ئۇيغۇرلار ئۇلاردىنمۇ كۆپ. ئۇلارنىڭ سانى كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىۋاتىدۇ. ھازىر تۈرمىدىن چىققان ئۇيغۇرلار 20 دىن ئېشىپ كەتتى. تۈنۈگۈن بىز يەنە گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنىڭ ياشىغان يېرىگە، مىللىتىگە ۋە ئىرقىغا قارىمايمىز دەپ ئېلان قىلدۇق.»

سېرىكجان بىلەشوغلى ئۇيغۇرلارنىڭ نېمە ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرى تۈرمىدە. ئالدى ئۈچ يىل، ئارقىسى ئىككى يىل. ئۇلارنىڭ ئۆلۈك ياكى تىرىكلىكىنى بىلمەيدۇ. بۇ توغرىلىق قازاقىستاندا ھېچ قانداق ئاخبارات خەۋەر بەرمەيدۇ. مەسىلەن، خالىدە ئاقىتقان ئۆزى قازاق، لېكىن ئۇنىڭ ئۈچ كېلىنى ئۇيغۇر. مۇشۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئېرى 2018-يىلى ئەنە شۇ دەرتتىن ئالەمدىن ئۆتتى. ھازىر مۇنداق ۋەقەلەر بەك جىق.»

بىز ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ خەشكىلەڭ ناھىيەسىدە ياشاۋاتقان خالىدە ئاقىتقاننى زىيارەت قىلدۇق. 1954-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە تۇغۇلغان خالىدە ئاقىتقان 2006-يىلى قازاقىستانغا كېلىپ، قازاقىستان پۇقرالىقىنى ئالغان ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «2018-يىلنىڭ 2-ئېيىدا ئۈچ بالامنى تۆت ئايلىق سىياسىي تەربىيە دەپ ئېلىپ كەتكەن ئىدى. ئاندىن شۇ يىلى چوڭ كېلىنىمنى ئېلىپ كەتتى. شۇندىن كېيىن كۈنەسنىڭ قارىياغاچ قىشلىقى 8-كەنتىدىن يەنە ئىككى كېلىنىمنى ئېلىپ كەتكەن. ئوغۇللىرىمنىڭ ئىسمى سېتىۋالدى، ئورازجان ۋە ئەخمەتجان. دادىسىنىڭ ئىسمى راخىمبېرگېن. كېلىنلىرىمنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر. بىرىنچى كېلىنىمنىڭ ئىسمى توختىگۈل مەمەتجان، ئىككىنچى كېلىنىمنىڭ ئىسمى شاراپەت بولۇپ، ئۇ يېتىم ئۆسكەن. ئۈچىنچىسىنىڭ ئىسمى مېھراي باھارگۈل. ئۇلارنىڭ تۇتۇلۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىغا مانا بىر يىل بولاي دېدى. مۇشۇ كۈنگىچە ئۇلاردىن خەت-خەۋەرمۇ يوق. تېلېفون قىلىشمۇ مۇمكىن ئەمەس. ئۈچ بالامدىن 14 نەۋرەم بار. ئۇلارنىڭمۇ نەگە كەتكىنىنى بىلمەيمەن. بالىلارنىڭ دادىسى قۇتتىبايېف راخىمبېرگېن بۇلتۇر 5-ئايدا تۈگەپ كەتتى. قازاقىستاندا بىر بالام بار. ئۇ ئائىلىسى بىلەن مېنىڭدىن ئايرىم تۇرىدۇ. مەن قازاقىستان پرېزىدېنتىغا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا بۇ ھەقتە مۇراجىئەت قىلدىم. ئۆزۈم يېتىم ئۆسكەن ھەم خەت تونۇمايمەن. مەن بالىلىرىم ۋە نەۋرىلىرىمنى ئۆز يۇرتى قازاقىستانغا قايتۇرۇپ بېرىشىنى ئۆتۈنىمەن.»  

ئىگىلىشىمىزچە، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا ئۇيغۇر ئېلىدىن قازاقىستانغا ئىنتايىن كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچۈپ چىققانلىقى مەلۇم. ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى قالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەقدىرى كۆپچىلىكنى بىئارام قىلماقتا. ھازىر قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار نېمە ئۈچۈن خىتاي لاگېرلىرىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى سۈرۈشتۈرمەيدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بۇ ھەقتە گۇۋاھلىق بەرمەيدۇ؟ دېگەن سوئاللار ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

سېرىكجان بىلەشوغلى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «خىتاي ئۇنچىۋالا بىر قۇدرەتلىك دۆلەتمۇ ئەمەس. سوۋېت ئىتتىپاقىدەك بىر زور ئىمپېرىيەمۇ تارمار بولۇپ كەتتى. شۇنىڭغا ئوخشاش ئەتە-ئۆگۈن بىز خىتاينىڭ تارمار بولۇشىنى ئاڭلىشىمىز مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلار لاگېرلاردىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى توغرىلىق گەپ قىلىشى كېرەك.»

سېرىكجان بىلەشوغلى يەنە ئۇيغۇرلارنى ۋە باشقا مىللەتلەرنى خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدىكى قېرىنداشلىرىنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىشقا چاقىردى.

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار قازاقلارنىڭ «ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» ئوخشاش تەشكىلات قۇرۇپ، جازا لاگېرلىرىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا گۇۋاھلىق بېرىش ھەمدە بۇ جەھەتتە قازاقىستاندا ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىش مۇمكىنچىلىكىگە ئىگىمۇ؟

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئالمۇتا شەھىرىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن تۇرسۇن ھاجىم ئەرزىيېف قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسەن 1955-1963-يىللار ئارىلىقىدا قازاقىستانغا كۆچۈپ ئولتۇراقلاشقانلار ئۇيغۇرلارنىڭ بالىلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئانا ۋەتىنىمىزدىن كېيىن چىققان بالىلارنىڭ كۆپى ياۋروپا، ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە چىقىپ كەتكەن، بۇ يەردە قالغانلار ناھايىتى ئاز. بىزمۇ ‹ئاتا يۇرت› تەك بىر تەشكىلات قۇرۇپ، ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىزنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلاتساق بولاتتى، لېكىن بۇنىڭغا ئىمكانىيەتلىرىمىز يېتىشمەيدۇ. كېيىنكى يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىلى ئوبلاستىدىن ناھايىتى كۆپ قازاق قېرىنداشلىرىمىز قازاقىستانغا كۆچۈپ چىقتى. ئۇلارنىڭ بۇ يەردىكى جامائىتى ۋە تەسىرى كۈچەيدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار كۆپلەپ گۇۋاھلىق بېرەلەيدۇ. بىزمۇ گۇۋاھلىق بېرەلەيمىز، لېكىن بىزنىڭ ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىز توغرىلىق ئېنىق بىلىدىغانلىرىمىز ئاز…»

تۇرسۇن ھاجىم ئارزىيېفنىڭ ئېيتىشىچە، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قېرىنداشلىرىنىڭ تەقدىرىدىن بەك ئەنسىرىمەكتىكەن. بۇ يەردىكى ھەر بىر ئۇيغۇر ماتەم تۇتۇش، دۇئا-تىلاۋەت قىلىشقا ئوخشاش قولىدىن كەلگەن ئىشلارنى قىلماقتىكەن.

سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ سۆزلىرىگە قارىغاندا، بولۇپمۇ 1997-يىلقى غۇلجا قانلىق پاجىئەسىدىن كېيىن قازاقىستاندا ئۇيغۇر ھوقۇقشۇناسلىرى تەرىپىدىن «ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» غا ئوخشاش تەشكىلاتلار قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنى مەرھۇم تامارا مەمەتوۋا باشقۇرغان. مەزكۇر تەشكىلات ئۇيغۇر ئېلىدىن چىققان قاچاقلار مەسىلىسى بىلەن شۇغۇللانغان ئىكەن.

قەھرىمان غوجامبەردى مۇنداق دېدى: «بىراق كېيىن ھۆكۈمەت بۇ مەسىلىگە قاتتىق دىققەت قىلىپ، پۈتكۈل قاچاقلارنى بۇ يەردىن قوغلاپ چىقىرىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ياققا قاچاقلار چىقمىدى. ئۇيغۇرىستاندىن قازاقىستانغا 200 مىڭدىن ئوشۇق قازاقلار كۆچۈپ چىقتى. ئۇلارنىڭ مەسىلىسى بىلەن بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىدە پەرق بار، ئەلۋەتتە. ئۇنىڭ ئۈستىگە قازاق كۆچمەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى ياشلار. 2016-يىلنىڭ ئاياغلىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىغا بارغانلار جازا لاگېرلىرىغا تاشلاندى.»

قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ ئېيتىشىچە، 2018-يىلى بۇ مەسىلىگە قازاقىستاننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئارىلىشىشقا باشلىغان ئىكەن.

قەھرىمان غوجامبەردى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ تامامەن باشقىچە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، يەنە مۇنداق دېدى: «مەسىلەن، بىر يىلدىن ئېشىپ كەتتى، بارغان يەرلىرىمىزدە، ئۆتكۈزگەن پائالىيەتلىرىمىزدە گۇۋاھلىق بېرىش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىمەن. ئەمما بىزدە ئۇنداق قىلىۋاتقانلار يوق. ‹ئاتا يۇرت› ياخشى ئىشلەۋاتىدۇ، چۈنكى ئارقىسىدا دۆلەت تۇرىدۇ، شۇڭا ئەرز-شىكايىتى بارلارنىڭ مۇشۇ يەرگە بارغىنى دۇرۇس.»

«ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» تەشكىلاتىنىڭ 29-يانۋاردىكى بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى جازا لاگېرلىرىدىن يەنە بىر تۈركۈم ئادەملەر بوشىتىلغان. شۇلارنىڭ بىرى 2017-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى تۇتقۇن قىلىنغان تۇرپانلىق ئۇيغۇر ئايال ئايتىللا رازاق ئۆز ئۆيىگە نەزەربەند قىلىنغان ئىكەن. ئايتىللا رازاقنىڭ يولدىشى قازاق بولۇپ، ئۇنىڭ قازاقىستاندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى گۇۋاھلىق بەرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت