قازاقىستاننىڭ چېلەك يېزىسىدا ياش تالانتلار فېستىۋالى ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2016-05-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

15-ماي كۈنى ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ ئەمگەكچىقازاق ناھىيىسىگە قاراشلىق چېلەك يېزىسىدىكى مەدەنىيەت ئۆيىدە قازاقىستان مۇستەقىللىقىنىڭ 25 يىللىقىغا بېغىشلانغان «ھوششەرە، ياش تالانتلار» فېستىۋالى بولۇپ ئۆتتى. ئەمگەكچىقازاق ناھىيىلىك ئۇيغۇر ئېتنومەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى، ناھىيىلىك ھاكىمىيەتنىڭ ۋە قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنومەدەنىيەت مەركىزىنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئۆتكەن كۆرنەكلىك مەرىپەتچى ھېبىبۇللام قاھاروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك 17-فېستىۋالغا ئالماتا شەھىرى ۋە ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ ئۇيغۇر، پانفىلوف، تالغىر ۋە ئەمگەكچىقازاق ناھىيىلىرىدىكى مەكتەپلەردىن 600گە يېقىن ئوقۇغۇچى قاتناشتى. مەزكۇر پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇش ئىشلىرىغا بولۇپمۇ قاھاروفلار ئائىلىسى ۋە چېلەك يېزىسىدىكى ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ كوللېكتىپى، شۇنداقلا خانىم-قىزلار كېڭەشلىرى كۆپ كۈچ چىقاردى.

ئىگىلىشىمىزچە، فېستىۋالنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ بىلىم سۈپىتىنى كۆتۈرۈش ۋە كېلەچىكىدىن ئۈمىد كۈتكۈزىدىغان بالىلارنىڭ ئۆز بىلىمى ۋە تالانتىنى نامايان قىلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئون يەتتە يىل مابەينىدە بۇنىڭ ئارقىسىدا كۆپلىگەن ئۇيغۇر بالىلىرى يۇقىرى پەللىلەرگە ئېرىشكەن.

ئەمگەكچىقازاق ناھىيىلىك ئۇيغۇر ئېتنومەدەنىيەت مەركىزى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى ئاينىسەم ۋايدېنوۋانىڭ پېشقەدەم ئۇستاز ھ. قاھاروۋنىڭ تەرجىمىھالى ۋە ئەمگەك پائالىيىتى ھەققىدىكى دوكلاتىدىن كېيىن سۆزگە چىققان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنومەدەنىيەت مەركىزى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى، ئەمگەكچىقازاق ناھىيىلىك ئۇيغۇر ئېتنومەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى سۇلايمان مەخسۈتوف، ناھىيىلىك ياشلار مەركىزىنىڭ باشلىقى، ناھىيىلىك مەسلىھەت ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى ئايبېك ئىلىبايېف، ئەمگەكچىقازاق ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى بىنەلى ئىسقاق، ناھىيىلىك مەسلىھەتنىڭ كاتىپى بېكېت ئاخمېتوف، ھ. قاھاروفنىڭ رەپىقىسى غەيرەتبۈۋى سەيدالىم قىزى ۋە باشقىلار فېستىۋالنىڭ كەلگۈسى مىللەتپەرۋەر، ۋەتەنپەرۋەر شەخسلەرنى تەربىيىلەشتىكى ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلارغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان فېستىۋال قازىلار كومىسسىيىسىنىڭ ئەزاسى، «ئالامەت» فىلىم ئىشلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى قەلبىنۇر روزىيېۋا قازاقىستاندا ئۇيغۇر ۋە باشقىمۇ خەلقلەرنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكلىرىنى ساقلاپ، راۋاجلاندۇرۇشىغا بارلىق شارائىتلارنىڭ يارىتىلغانلىقىنى، بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ شۇنىڭ يارقىن بىر مىسالى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «تەبىئىتىدىن ئادىل، دىلى پاك، كۆڭلى ئاق، مەرىپەتچى ھ. قاھاروف ياش ۋاقىتلىرىدىن باشلاپ ياشلىرىمىزنىڭ كېلەچىكىگە كۆڭۈل بۆلگەچكە، مۇشۇنداق بىر فېستىۋالنى ئاددىي بىر مەكتەپتىن باشلىغان ئىكەن. مانا بۈگۈنكى كۈندە شۇ ئاتىنىڭ ئىزىنى باسقان ئوغلى مەقسەدجان ئاكىنىڭ تەشەببۇسى ۋە داۋاملاشتۇرۇشى بىلەن بۇ فېستىۋال جۇمھۇرىيەت مىقياسىدا ئۆتكۈزۈلۈپ كەلمەكتە.»

فېستىۋال بىلىم، شاھمات، تەسۋىرىي سەنئەت، شېئىر، درامىلىق سەھنىلەشتۈرۈلگەن كۆرۈنۈش، لەپەر ئىجرا قىلىش، مىللىي ناخشا، مىللىي يەككە ئۇسسۇل، مىللىي توپ ئۇسسۇلى ۋە مىللىي ساز يۆنىلىشلىرىدە داۋام قىلدى. ئىلىيا بەختىيا نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىلمىي مۇدىرى گۈلۋىرا مەڭسۈروۋا، تالغىر ئاگروبىزنېس تېخنىكومىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئازاد نىزاموف، قازاقىستانغا خىزمىتى سىڭگەن رەسسام ئەخمەتجان ئەھەدباقىيېف، شائىرە ۋە ئالىمە پاتىگۈل مەخسەتوۋا، «ئالامەت» فىلىم ئىشلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى قەلبىنۇر روزىيېۋا، «ئاسіئا پلۇس رەچوردس» ستۇدىيىسىنىڭ مۇدىرى ئەھەردىن يۈسۈپوف، ق. غوجامىياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرى ئارتىسى گۈلنىسەم سادىقوۋا ۋە تىياتىرنىڭ بەدىئىي رەھبىرى نىياز تۇرسۇنوف تەشكىل قىلغان ئۇيغۇر تىياتىرى مۇدىرىنىڭ مەسلىھەتچىسى ساۋۇتجان سونۇروف رەھبەرلىكىدىكى قازىلار توپى فېستىۋال غالىبلىرىغا پەخرىي يارلىقلار ۋە باھالىق سوغىلار تاپشۇردى.

ق. روزىيېۋا ئۇيغۇر تىلىدا بىلىم بېرىۋاتقان يىگىرمىدىن ئوشۇق مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلىرى قاتناشقان مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئون بىر سائەت داۋام قىلىپ، ئۇنىڭدىن قاتتىق تەسىرلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى: «ياش غۇنچىلىرىمىزنىڭ ناخشىلىرى، مىللىي ساز ئەسۋابلىرىدا ئويناشلىرى، ئۇسسۇللىرى، ئېيتقان لەپەرلىرى تا ھازىرغىچە قۇلىقىمدىن كەتمەي، جاراڭلاپ تۇرىدۇ. مەن كېلەچىكىمىزدە ياش ئەۋلادلىرىمىزنىڭ سەنىتىمىزنى، ئەدەبىياتىمىزنى، تىلىمىزنى ساقلاپ، يەنىمۇ بۈيۈك چوققىلارغا يەتكۈزىدىغىنىغا كۆز يەتكۈزدۈم.»

فېستىۋال مېھمانلىرى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ مىللىي كىيىملەردە ناخشا ئېيتىش، ئۇسسۇل ئويناش، ئانا تىلىدا ئەركىن سۆزلەش ئوخشاش قابىلىيەتلىرىنى كۆرۈپ، چوڭقۇر ھاياجانلانغانلىقىنى، مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ مىللىي كىملىكنى ساقلاپ قېلىشتىكى ئەھمىيىتىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. شۇلارنىڭ بىرى ماھارەت ئىمىروۋانىڭ ئېيتىشىچە، ھ. قاھاروف ئۆز ۋاقتىدا پەرزەندلىرىگە بۇ ئىشنى يەنىمۇ داۋاملاشتۇرۇشنى ۋەسىيەت قىلىپ، ياشلارنى كېلەچەككە ئۈمىد بىلەن قارىشى ئۈچۈن مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ تۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «قاھاروفلارنىڭ بۇ ئىشى ياشلىرىمىز ئۈچۈن چوڭ بىر كۆۋرۈكتۇر. مېنىڭ ئېيتماقچى بولغان پىكرىم، بىز ئاساسەن ئۇسسۇلدىن، ناخشىدىن مۇسابىقىلەر ئۆتكۈزىمىز. نېمىشقا مۇنداق فېستىۋاللارنى ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە پەنلىرىدىن ئۆتكۈزمەيمىز؟ كېلەچەكتە شۇنداق پەنلەردىنمۇ بالىلىرىمىز بىرىنچىلىكلەرنى، ئىككىنچىلىكلەرنى ئىگىلىسە...»

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت