قازاقىستاندىكى لاگېر شاھىتى گۈلزىرە ئۆتكەن كۈنى

ئىلگىرى ئۇيغۇر رايونىدا 19 يىل ياشىغان ۋە 2014 ‏-يىلى تايلاندقا قېچىپ چىققان خىتاي ئارمىيىسىنىڭ سابىق ئەسكىرى لى نەنفېي يېقىندا ئاخباراتقا قىلغان سۆزىدە ئۇ غۇلجا شەھىرىدىكى مەزگىلىدە پارتىيە مەكتەپ ئەتراپىدا سېلىنىۋاتقان
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2019-08-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
 maxmuty qeshqiri
maxmuty qeshqiri
Photo: RFA

دېدى: «بۇ مەخسۇس ساننى چىقىرىشىمىزدىكى مەقسەت شەرقىي تۈركىستاندا نۆۋەتتە يۈز بېرىۋاتقان تراگېدىيەلىك ۋەقەلەرنى ۋە ئىنسانىيەت دەپسەندىچىلىكلىرىنى تۈركىيە جامائەتچىلىكىگە ۋە شۇنداقلا دۇنياغا ئاڭلىتىشتىن ئىبارەت. شەرقىي تۈركىستان ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇرۇلدى. بىتەرەپ كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بايانلىرىغا ئاساسلانغاندا ھازىر 1 مىليوندىن ئارتۇق تۇتقۇنلار جازا لاگېرلىرىدا مېڭە يۇيۇش، قورقۇتۇش ۋە دەپسەندە قىلىنىشتەك خورلۇقلارغا ئۇچراۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ياشاپ كەلگەن ئۆز زېمىنىدا ياشاشنى خالايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۇلارنى يوق قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. بىز ‹تۈركىيە خاتىرىسى› ژۇرنىلى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ بۇ تراگېدىيەسىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشتۇق.»

مۇستافا چالىق ئەپەندى يەنە 2009-يىلى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» يۈز بەرگەندە ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مەخسۇس بىر سان چىقارغانلىقىنى، لېكىن بۇنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقىنى، بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ خىزمەت قىلىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىز 2009-يىلى ئۈرۈمچى قەتلىئامى توغرىسىدا مەخسۇس سان چىقارغان ئىدۇق. بۇ مەخسۇس ساننىڭ تېمىسى ‹گۈزەل تۈركىستان، ساڭا نېمە بولدى؟› دەپ قويۇلغان ئىدى. يېقىندا چىقارغان مەخسۇس سانغا بولسا ‹كۈندۈزدىكى قاراڭغۇلۇق: شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ناتسىزىمى› دەپ ماۋزۇ قويىدۇ. بۇلاردىن سىرت ئىككى ئايلىق ژۇرنىلىمىزنىڭ ھەر سانىدا شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدىكى ماقالىلارغا ئورۇن بېرىشقا تىرىشىۋاتىمىز. بۇلار يېتەرلىك ئەمەس، ئەلۋەتتە. بۇندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان بىلەن مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ كۆپ خىزمەتلەرنى قىلىشقا تىرىشىمىز.»

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت