د ئۇ ق رەئىسى ۋېنگىرىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ۋە جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىمەكتە

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2019-07-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ۋېنگىرىيە پايتەختى بۇداپېشتتا ئۆتكۈزۈلگەن «خەلقئارا ھوقۇقلار ۋە ئازسانلىقلارنىڭ ھەقلىرى» ناملىق كۇرستا د ئۇ ق رەئىسى لېكسىيە بەرمەكتە. 2019-يىلى 10-ئىيۇل.
ۋېنگىرىيە پايتەختى بۇداپېشتتا ئۆتكۈزۈلگەن «خەلقئارا ھوقۇقلار ۋە ئازسانلىقلارنىڭ ھەقلىرى» ناملىق كۇرستا د ئۇ ق رەئىسى لېكسىيە بەرمەكتە. 2019-يىلى 10-ئىيۇل.
RFA/Ekrem

ۋېنگىرىيە پايتەختى بۇداپېشتتا ئۆتكۈزۈلگەن «خەلقئارا ھوقۇقلار ۋە ئازسانلىقلارنىڭ ھەقلىرى» ناملىق كۇرستا د ئۇ ق رەئىسى لېكسىيە بەرمەكتە.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ۋېنگىرىيەدە چاقىرىلغان «خەلقئارا ھوقۇقلار ۋە ئازسانلىقلارنىڭ ھەقلىرى» ناملىق كۇرسقا قاتنىشىش ئۈچۈن يولغا چىقىشتىن بىر كۈن ئىلگىرى، يەنى 8-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكانىڭ ميۇنخېندىكى باش كونسۇلى گرېگونىس خانىم بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق تاجاۋۇزچىلىقى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بارغانىدى. باش كونسۇل گرېگونىس خانىم 10-ئىيۇل كۈنى ئۆزىنىڭ تۋىتتېر سەھىپىسىدە د ئۇ ق رەئىسى بىلەن چۈشكەن خاتىرە سۈرەتنى ئېلان قىلىپ، ئاستىغا «خىتاي شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرىغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان دەپسەندىچىلىك قىلمىشلىرىغا خاتىمە بېرىشى، بارلىق ئىنسانلارنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى لازىم» دەپ يازغان.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى مۇزاكىرە تېمىسى بولغان.

7-ئىيۇل ۋېنگىرىيە پايتەختى بۇداپېشتتىكى دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتتا «خەلقئارا ھوقۇقلار ۋە ئازسانلىقلارنىڭ ھەقلىرى» ناملىق يازلىق كۇرس باشلانغان. 14-ئىيۇلغىچە بىر ھەپتە داۋام قىلىدىغان بۇ كۇرسنى مەركىزى بۇداپېشتتا بولغان «توم لانتوس ئىنستىتۇتى»، ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندىكى «مىددلەسېكىس ئۇنىۋېرسىتېتى»، «ۋېنگىرىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتى» قاتارلىق ئۈچ ئورگان بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان.

ۋېنگىرىيە دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان «خەلقئارا ھوقۇقلار ۋە ئازسانلىقلارنىڭ ھەقلىرى» ناملىق كۇرستا ھەر يىلى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن تاللانغان 40-50 ئەتراپىدىكى ياش تەربىيەلىنىدىغان بولۇپ، ئۇلارغا خەلقئارادا تونۇلغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، ب د ت مۇتەخەسسىسلىرى، سىياسەتچىلەر لېكسىيە بېرىدىكەن.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 9-ئىيۇل بۇداپېشتقا يېتىپ كەلگەن. ئۇنىڭ بۈگۈن ۋېنگىرىيەدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا بىلدۈرۈشىچە، «خەلقئارا ھوقۇقلار ۋە ئازسانلىقلارنىڭ ھەقلىرى» ناملىق يازلىق كۇرستا كىشىلىك ھوقۇقلىرى تاجاۋۇزىغا ئۇچراۋاتقان مىللەتلەرنىڭ مەسىلىلىرى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 10-ئىيۇل بۇ كۇرستا سۆزلىگەن لېكسىيەسىدە «شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەملىكە تارىخىدىن تارتىپ تاكى خىتاينىڭ بۈگۈنكى جازا لاگېرلىرى سىياسىتى» گىچە بولغان كەڭ مەزمۇنلار ئۈستىدە توختالغان.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ۋېنگىرىيە تارمىقىدىكى خادىملار بىلەن بۈگۈن ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزگەن دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، سۆھبەت جەريانىدا خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنى پارچىلاش ئۈچۈن ۋېنگىرىيەدە پائال ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى مەلۇماتلارغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ ئىگىلىشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى ئىقتىسادىي كرىزىس ئىچىدىكى ۋېنگىرىيەگە سىڭىپ كىرىش ۋە زور ساندا كۆچمەن يۆتكەش يولىدا جىددىي ھەرىكەت قىلماقتا ئىكەن.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋېنگىرىيە تارمىقىنىڭ خادىملىرى بىلەن خىتاي تەھدىتى مەسىلىسى ۋە ۋېنگىرىيەدە ئۇيغۇر دەۋاسىنى كۈچلەندۈرۈش توغرىسىدا تەپسىلىي مۇزاكىرىلەردە بولغان.

بۇ قېتىمقى يازلىق كۇرسقا تۈركىيە ۋە قىرغىزىستاندىن كەلگەن ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ياشمۇ قاتناشقان. تۈركىيەدىن كەلگەن فەرت ئىسىملىك ياش زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى كۇرستىن ئالغان تەسىراتلىرى توغرىسىدا توختالدى. قىرغىزىستاندىن كەلگەن دىلشات بولسا، بۇ قېتىمقى كۇرستىن پايدىلىنىپ خىتاينىڭ قىرغىزىستانغا بولغان تەسىرىنى كۇرس ئەھلىگە ئاڭلىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت