ئۇيغۇرلۇقنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇۋەلى ئايۇپ
2019-04-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻮﻟﻠﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻮﻟﻠﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
AFP Photo

1. مۇسۇلمانلىقتىن ئۇيغۇرلۇققا

ھەر قانداق مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىدە خاسلىق، بىرىكمىلىك ۋە ئومۇمىيلىققا ياتىدىغان ئامىللار تەڭلا مەۋجۇت بولىدۇ. مىللەتتىكى خاسلىق شۇ مىللەتنىڭ ئۆزىدىلا مەۋجۇت بولغان، شۇ مىللەتنى باشقىلاردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان ۋە دۇنيادا ئۆزگىچىلىك سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىنىدىغان ئامىللارغا قارىتىلغان بولىدۇ. مەسىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ئەڭ مۇھىم خاسلىق بولۇپ ئۇيغۇرلۇقىمىزنىڭ ئۇلى، قورغانىدۇر. ئۇيغۇرنىڭ ئۆرپ-ئادىتى، ئەخلاقىي پرىنسىپلىرى، قىممەت قاراشلار، ئۇيغۇر سەنئىتى ۋە شۇنىڭ تەركىبىدىكى ئەدەبىيات، مۇزىكا، ئۇسسۇل، رەسساملىق، تىياتىر، ئويۇنلار، دارۋازلىق. . . قاتارلىقلار ئۇيغۇرلۇق گۈلىنىڭ پورەكلىرىدۇر.

ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىكى بىرىكمىلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئامىللار تۇرالغۇ، كىيىم-كېچەك ۋە يېمەك-ئىچمەكتە كۆپرەك ئىپادىلىنىدۇ. ئۇيغۇرلۇقتا ياشاۋاتقان ھەر بىرىمىز دائىم ئۇيغۇرچە تاماق يەپ، ئۇيغۇرچە كىيىنىپ، ئاتا-بوۋىلار قالدۇرۇپ كەتكەن تال باراڭلىق ھويلا سارايلاردا، ئوچاقنىڭ يېنىدا مومىلار تىككەن تەكىيلەرگە يۆلىنىپ ياشاپ بولالمايمىز. بىز ياۋروپالىقلار ياسىغان يۇمىلاق شىرەدە ئولتۇرۇپ، لەڭمەننى خىتايدىن كىرگەن چوكا بىلەن يەپ كەينىدىن بىر ئىستاكان يېشىل چاي بۇيرۇتقانغا خىتاي بولۇپ قالمايمىز. دۇنيادىكى ھەممە مىللەتلەرنىڭ كىيىم، تاماق، تۇرالغۇ مەدەنىيىتىدە بىزگە ئوخشاش بىرىكمە خۇسۇسىيەت ۋە ئارىلاشما ھالەت مەۋجۇت. 

ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىكى ئومۇمىيلىققا مەنسۇپ ئامىل ئىسلام دىنىغا ئائىت مەزمۇنلار يەنى بىزنىڭ مۇسۇلمانلىقىمىزدۇر. ھالبۇكى، ئىسلام ئۇيغۇرلارنىڭلا دىنى ئەمەس، ئىنسانىيەتنىڭ دىنىدۇر. ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىكى ئىسلامغا خاس مەزمۇنلار بارلىق ئىنسانلارغا ئورتاق بولۇپ، مۇسۇلمانلىق ئۇيغۇرنىڭ ھەر بىر ئەزاسىدىكى بىر ئىختىيارى تاللاش، خۇسۇسىي قارار مەسىلىسى. ئىنسان ئۆزىنىڭ قايسى مىللەت بولۇپ تۇغۇلۇشىنى تاللىيالمايدۇ، ئەمما قايسى دىنغا ئېتىقاد قىلىشىغا ئۆزى قارار بېرىدۇ. شۇڭا ئىنسانلار يوقالمايدىكەن، دىن يوقالمايدۇ. دۇنيادا خەۋپتە قالغان، يوقىتىلىۋاتقان مىللەتلەر ۋە تىللارنى قوغداشقا چاقىرىقلار بار، ئەمما خەۋپتە قالغان دىنلار دېگەن ئۇقۇممۇ مەۋجۇت ئەمەس. شۇڭا ھازىر خەۋپتە قالغىنى بىزنىڭ شەخسىي تاللىشىمىز بولغان مۇسۇلمانلىقىمىز ئەمەس، بەلكى مىللىي كىملىكىمىز بولغان ئۇيغۇرلۇقىمىزدۇر. 
ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىكى خاسلىققا، بىرىكمىلىككە ئىگە مەزمۇنلار مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ ۋە ئويناۋاتىدۇ. شۇڭا خەلقئارالىق پائالىيەتلەردە، مىللەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئورۇن ۋە سورۇنلاردا ئۇيغۇرلۇق خاسلىقىمىزنىڭ سەنئەت، كىيىم-كېچەك ۋە يېمەك-ئىچمەكلىرىمىز بىلەن نامايان قىلىنىشى مۇھىم. ئەگەر ئۇيغۇرلۇق خاسلىقىمىزغا سەل قارالسا خىتاي ھۆكۈمىتى شۇنى ئاجىزلىق دەپ قاراپ ھۇجۇمغا ئۆتۈشى مۇمكىن. مەسىلەن، 2019-يىلى 26-يانۋاردا ئاۋسترالىيەنىڭ ئادىلايد شەھىرىدە قۇتلانغان «ئاۋسترالىيە كۈنى» دە ئۇيغۇرنىڭ مىللىي كىيىملىرىنى كىيگەن خىتايلارنىڭ ئالاھىدە ئالقىشقا ئېرىشكەنلىكى ئۇيغۇرلارنى ئويغا سالدى. ئۆزىنى «شىنجاڭلىق» دەپ ئاتىۋالغان خىتايلارنىڭ ئاۋسترالىيەدە يىللار بويىچە ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنى ئويناپ ئۇيغۇرنىڭ خاسلىقىغا چاڭگال سېلىۋاتقانلىقى ئەمەلىيەت ئىدى، مانا ئەمدى بايراملاردا كىيىملىرىمىزنى كىيىپ چىقىشقا باشلاپتۇ. دېمەك، خىتاي يۆلىگەن «شىنجاڭلىقلار» مەدەنىيىتىمىزگە ۋەكىللىك قىلىشقا باشلىدى دېگەن سۆز.

ئۇيغۇرلار 2014-يىلدىن كېيىن مۇھاجىرەتكە كەڭ كۆلەملىك يۈزلەندى. ئېنىقكى، ھەر قانداق بىر ئىنسان ۋەتىنىدىن ئايرىلغاندىن كېيىنلا ئۆزىنىڭ كىملىكى ھەققىدە كەسكىن بىر ئويلىنىشقا دۇچ كېلىدۇ ۋە پەرقلىق قارارلارنى چىقىرىدۇ. ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىدىكى كىملىك ھەققىدە ئويلىنىش ئوخشىمىغان شەكىللەردە ئىپادىسىنى تاپتى. بەزىلەر ئۇيغۇرلۇقتىكى خاسلىققا بەكرەك ئەھمىيەت بەرسە، بەزىلەر ئۆزلىرى بارغان ئەللەردىكى مۇسۇلمان جامائىتى بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ ئومۇمىيلىققا قاراپ چوڭقۇرلىدى. ھەتتا بەزىلەر ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىق خۇسۇسىي تاللىشىغا مىللىي كىملىكىنى قارشى قويۇپ، بىرىنى تەكىتلەپ بىرىدىن كەچتى ياكى تېڭىرقاپ قالدى.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىك ھەققىدىكى بۇنداق تاللاش، تالاش-تارتىش ۋە تېڭىرقاشلىرى داۋام قىلىۋاتقاندا ۋەزىيەت ئۆزگەردى. 2017-يىلى ئاپرېلدىن باشلانغان ئومۇمىي تۇتقۇن ئۇيغۇرلارنى خەلقئارا سەھنىگە ئېلىپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن سەھنىدە نېمىنى نامايان قىلىمىز، قانداق نامايان قىلىمىز دېگەن سوئال تۇغۇلدى. بىز بۇ سوئاللارغا جاۋاب تېپىپ بولغۇچە خىتاي بىزنى مەرىپەتكە زىت خۇراپاتچى، سەنئەتكە قارشى ئاشقۇن، تەرەققىياتقا قارشى جاھالەتچى كۆرسىتىش ئۈچۈن خىتاينىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا تەشۋىقاتنى باشلىدى. چەتئەللەردە خىتاي گۇماشتىلىرى نورۇزلۇق سەنئەت كېچىلىكلىرى، ئۇسسۇل فېستىۋاللىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ ئۈلگۈردى. ھازىر شۇ نەرسە ئېنىق بولدىكى، ئەگەر بىز سەھنىلەردە ئومۇمىيلىقىمىزنى، مۇسۇلمانلىقىمىزنىلا تەكىتلەپ، خاسلىقىمىزنى، ئۇيغۇرلۇقىمىزنى گەۋدىلەندۈرۈشكە سەل قارىساق، خىتاي تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ، مەدەنىيىتىمىزگىلا ئەمەس، بەلكى سىياسىي ئىرادىمىزگىمۇ ۋەكىللىك قىلىشقا باشلىشى، بۈگۈنى ئۇيغۇرچە كىيىنىپ ئۇسسۇلىمىزنى ئويناپ چىققان بولسا ئەتىسى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا قارشى «دۇنيا شىنجاڭلىقلار قۇرۇلتىيى» قۇرۇپ چىقىشى مۇمكىن. شۇڭا ئۇيغۇرلار مىللەت بويىچە خەۋپتە قالغان بۇ ئەسنادا ھەر بىر ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي تاللىشىدا مىللىي بۇرچ بىلەن شەخسىي خاھىشنى ئارىلاشتۇرۇپ قويماسلىقى كېرەك.
(ماقالىدىكى كۆزقاراشلار ئاپتورغا خاس بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت