خىتاينىڭ كورلادا «خەلقئارالىق ھەربىي ئىشلار مۇسابىقىسى» ئۆتكۈزمەكچى بولۇشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

مۇخبىرىمىز سادا
2019-08-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
«ۋېيبو» تورىدا تارقىتىلغان خىتاي قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ كورلا شەھىرىدە يېقىندا ئۆتكۈزمەكچى بولغان «خەلقئارالىق ھەربىي ئىشلار مۇسابىقىسى» ھەققىدىكى سىن كۆرۈنۈشى.
«ۋېيبو» تورىدا تارقىتىلغان خىتاي قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ كورلا شەھىرىدە يېقىندا ئۆتكۈزمەكچى بولغان «خەلقئارالىق ھەربىي ئىشلار مۇسابىقىسى» ھەققىدىكى سىن كۆرۈنۈشى.
Social Media

بىرنەچچە كۈن ئاۋۋال خىتاينىڭ «ۋېيبو» تورىدا خوڭكوڭدىكى خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ھەر خىل ئىلغار تىپلىق قوراللار، تىك ئۇچار ۋە باشقا ھەربىي ئەسلىھەلەر ئارقىلىق تۇيۇقسىز ۋەقەلەرنى، نامايىشلارنى بىر تەرەپ قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى كۆرسىتىلگەن سىن كۆرۈنۈشلىرى تارقىتىلغان ئىدى. 2-ئاۋغۇستقا كەلگەندە خىتاي قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ كورلا شەھىرىدە يېقىندا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان «خەلقئارالىق ھەربىي ئىشلار مۇسابىقىسى» ھەققىدىمۇ بىر سىن كۆرۈنۈشى تارقالدى.

خىتاي قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى باش بولۇپ كۆرسىتىلىدىغان مەزكۇر مۇسابىقە 3-ئاۋغۇستتىن 15-ئاۋغۇستقىچە ئۆتكۈزۈلۈشكە پىلانلانغان. «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ 2-ئاۋغۇستتىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان مۇناسىۋەتلىك سىن كۆرۈنۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىملىق مۇسابىقە 32 تارماقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئۇلار «سۇۋاروۋ ھۇجۇمى»، «سۈزۈك ئاسمان»، «بىخەتەر مۇھىت» ۋە «قورال ياساش ماھىرى» قاتارلىق جەھەتلەردە ئېلىپ بېرىلىدىغان مۇسابىقىلەر ئىكەن.

«سۇۋاروۋ ھۇجۇمى» دا ئاساسلىق جەڭ ئاپتوموبىللىرى ۋە تانكىلارنىڭ ھەرقانداق يەر شارائىتىدا مەشغۇلات ئېلىپ بارالايدىغانلىقى ۋە يىراق ئارىلىقنى چەنلەپ ئاتىدىغان مىلتىقلارنىڭ «ئىقتىدارلىرى» كۆرسىتىلىدىكەن. 

مۇسابىقىنىڭ «سۈزۈك ئاسمان» نامىدىكى تۈرىدە پىلىموتلارنى ھاۋا بوشلۇقىدا يۈز بەرگەن تۇيۇقسىز ھۇجۇملارغا قانداق تاقابىل تۇرۇش كۆرسىتىلىدىكەن. 

«بىخەتەر مۇھىت» دېگىنىدە جەڭ ئاپتوموبىللىرىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلىدىغان «ئىنچىكە» تەكشۈرۈشلەر، جەڭ رايونىدىكى توسالغۇلاردىن قانداق قۇتۇلۇپ چىقىش قاتارلىقلار كۆرسىتىلىدىكەن. 

«ھەربىي قورال ماھىرى» دېگەن تۈردە يېقىن ۋە يىراق ئارىلىققا ئېتىلىدىغان بومباردىمانچى زەمبىرەكلەر ۋە پىلىموتلارنى جەڭ مەيدانىدا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قۇراشتۇرۇلۇش ۋە ئۇنى مەلۇم نۇقتىغا مۇقىملاشتۇرۇپ ئېتىشقا تەييارلىنىش قاتارلىقلار كۆرسىتىلىدىكەن. 

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ كورلا شەھىرىدە ئىككى قېتىم ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەن ئىكەن. بۈگۈنكى كۈندە يەنە كورلا شەھىرىدە ۋە خوڭكوڭدا بۇ خىل ھەربىي مۇسابىقىلەرنى ئېلىپ بېرىش چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ قاتتىق دىققىتىنى قوزغىماقتىكەن. قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى 2-ئىيۇل رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ھاكىممۇتلەق تۈزۈمدىكى خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىچكى تۇراقسىزلىقى سەۋەبىدىن ئۆزىگە قارشى پىكىردە بولغان خەلقنى باستۇرۇشتا ھەر دائىم قوراللىق كۈچلەرگە تايىنىدىغانلىقىنى ھەم بۇ ئارقىلىق دۇنياغا ھەيۋە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. 

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئازادلىق ئارمىيىسى ياكى خىتاي قۇرۇقلۇق ئارمىيەلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدا جەڭ مانېۋىرى نامىدىكى ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىدا كەڭ تارقالغان ئىدى. بۇنىڭ مىساللىرىدىن بىرى خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ تىبەت ئاپتونوم رايونىدىكى بىر ھەربىي قىسمىنىڭ زەمبىرەكچىلەر ئەترىتى ئاتالمىش ھەقىقىي «جەڭ مانېۋىرى» ئۆتكۈزۈش نامىدا ئىيۇل ئايلىرىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خوتەن شەھىرىگە يۆتكەلگەن ئىدى. 

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ ھەقتە تارقاتقان مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرىدا بۇ زەمبىرەكچىلەر ئەترىتىنىڭ ئىككى ئەترەتكە بۆلۈنۈپ، بىر-بىرىگە قارشى ئاتالمىش «جەڭ مانېۋىرى» ئېلىپ بارىدىغانلىقى، مانېۋىرنىڭ ئاساسلىق مەشىقلىرى بولسا ئاخبارات رازۋېدكىسى، جەڭ پىلانى ۋە يىراق ئارىلىقتىن زەمبىرەك ئارقىلىق زەربە بېرىش قاتارلىقلار ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىش بىلەن بىرگە يەنە بۇ «مانېۋىر» نىڭ ئاخىرقى نىشانى ھەربىي قوشۇننىڭ ھەقىقىي جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش، خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ دۆلەتنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئىكەنلىكى ھەققىدە جار سالغان ئىدى. 

كۆزەتكۈچىلەر بۇ ھەقتە ئانالىز يۈرگۈزۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەر قېتىملىق ھەربىي ياكى جەڭ مانېۋىرلىرىنى ئۆتكۈزۈشتىن بۇرۇن بۇنى رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداش نامى ئاستىدا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. 

ئۇنداقتا، ئۇيغۇر دىيارى ۋە خوڭكوڭ ھەقىقەتەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېيتقىنىدەك بىخەتەر رايون ئەمەسمۇ؟ قەھرىمان غوجامبەردى بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارى ۋە خوڭكوڭنى ئىدارە قىلالىشىغا ئىشەنچى بولمىغانلىقتىن، مۇشۇنداق «بىخەتەرلىك» نامىدا ھەربىي كۈچلەرنى ئىشقا سالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى.

قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى قۇرۇقلۇق ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا، جۈملىدىن كورلادا ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى ۋەزىيىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدە سۆز قىلىپ، بۇنىڭ بىر پىلانلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەرىكەت ئىكەنلىكى شۇنداقلا بۇ بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مۇتلەق كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىشتىكى ئاخىرى كوزىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت