قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئۇيغۇر قانۇن لايىھىسىنىڭ رەسمىي قانۇنغا ئايلىنىدىغانلىقىنى ئۈمىد قىلىدۇ

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2020-06-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى كرىستوفېر سىمىس «ئۇيغۇر قانۇن لايىھەسى» توغرىسىدا ئالاھىدە سۆز قىلماقتا. 2020-يىلى 2-ئىيۇن، ۋاشىنگتون.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى كرىستوفېر سىمىس «ئۇيغۇر قانۇن لايىھەسى» توغرىسىدا ئالاھىدە سۆز قىلماقتا. 2020-يىلى 2-ئىيۇن، ۋاشىنگتون.
Social Media

مەلۇمكى، قازاقىستاندىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھەم ئۇيغۇر ئاھالىسى ئارىسىدا «2020-يىللىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» نىڭ ئامېرىكا ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتالىرى تەرىپىدىن يۇقىرى ئاۋاز ئۈستۈنلۈكى بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتۈشى كۈچلۈك مۇنازىرە ۋە ئالقىش قوزغىغانىدى. ئەمدى مەزكۇر لايىھەنىڭ 2-ئىيۇن كۈنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسى پېلوسى خانىم تەرىپىدىن ئىمزالىنىشى ھەم ئۇنىڭ پات يېقىندا رەسمىي قانۇنغا ئايلىنىدىغانلىقىغا بولغان ئۈمىد-ئىشەنچ بارغانسېرى كۈچەيمەكتە.

ئۇيغۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى ۋە ھەر ئىككى پالاتادىن ماقۇللىنىشى قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىغا ھەم خىتايغا بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ ئاشكارىلىدى.

بىز بۇ ھەقتە بىر قاتار ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ قاراشلىرىنى ئىگىلىدۇق.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەسلىھەتچىسى، پېشقەدەم ژۇرنالىست رىزا سەمەدى ئەپەندى ئۇيغۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تەرىپىدىن ماقۇللىنىپ، ئىمزالانغانلىقىنى خىتاينىڭ دەھشەتلىك زۇلۇمى ئاستىدا خورلىنىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنى خۇرسەن قىلىدىغان ھەم سۆيۈندۈرىدىغان تارىخىي ۋەقە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىدىن ئۆتۈۋاتقان زۇلۇم-سىتەم، باستۇرۇش، قىرغىنچىلىقلارنى دۇنيا سەھنىسىدە بايراقدارلىق رولىنى ئويناۋاتقان قۇدرەتلىك بىر دۆلەتنىڭ ئېتىراپ قىلىپ، ئۇنىڭغا قارىتا رەسمىي قانۇننىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقى خەلقىمىزنى خۇشال قىلسا، بۇ باسقۇنچى خىتاي ھاكىمىيىتىگە بېرىلگەن چوڭ بىر زەربىدۇر. بۇ قانۇننىڭ قوبۇل قىلىنىشىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ، خۇسۇسەن ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ تىرىشچانلىق بىلەن ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنىڭ ئۇتۇقىدۇر. قانۇننىڭ پرېزىدېنت ترامپ تەرىپىدىن چوقۇم قول قويۇلۇپ، ئەمەلىي ئىجرا قىلىنىشىغا ۋە ئىنسانىي قەدرىيەتلەرنى ھۆرمەت قىلىدىغان دېموكراتىيەلىك دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە قانۇن قوبۇل قىلىدىغانلىقىغا خەلقىمىزنىڭ ئىشەنچى كامىل.»

ئالمۇتادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىرى زەينەپ ئىسلاموۋا خانىم بۇ قانۇننى ئاۋام پالاتاسىنىڭ قوبۇل قىلىپ، رەسمىيلەشتۈرۈلۈشىنى پەقەت قازاقىستانلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل دۇنيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ تەقەززالىق بىلەن كۈتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بۇ قانۇن لايىھەسىنى تەستىقلاش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقىرىلدى. دۇنيادىكى بارلىق ئۇيغۇر داۋاسىنى قىلىۋاتقان تەشكىلاتلارغا، ۋەتەنپەرۋەر ئىنسانلارغا ئۆزۈمنىڭ رەھمىتىمنى بىلدۈرگۈم كېلىدۇ. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتىسىغا، نەنسى پېلوسى خانىمغا، سېناتورلارغا چوڭ رەھمەت.»

ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئۇيغۇر ناھىيەسىگە قاراشلىق چونجا يېزىسىنىڭ تۇرغۇنى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىلى سەيدالىم ئامۇتوفنىڭ پىكرىچە، بۇ قانۇننىڭ ئاۋام پالاتاسى تەرىپىدىن رەسمىي قوبۇل قىلىنىشى ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن 1949-يىلدىن كېيىنكى بىردىن-بىر چوڭ خۇشاللىق. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى دۇنيا يۈزىدىكى خەلق ئىنسان ھوقۇقلىرىنى قوللاپ-قۇۋەتلەيدىغان بىر مەملىكەت. بۇ قانۇننىڭ پرېزىدېنت ترامپقا سۇنۇلغانلىقىغا ناھايىتى خۇرسەن بولدۇق. بۇنىڭ ئارقىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلاردا قىينىلىۋاتقانلىقى، قىزلىرىمىزنىڭ زورلۇق-زومبۇلۇق ئۇچراۋاتقانلىقى، بالىلىرىمىزنىڭ ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىپ، ئىچكىرىگە ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقى قانۇنغا ئايلىنىپ، خىتايغا قانچىلىك تەسىر يەتكۈزىدۇ، بۇنى كۆرەرمىز. ئەمما بۇنىڭغا تەرەپ-تەرەپتىن قارشى چىقىشقا تىرىشىدۇ. لېكىن پۈتۈن دۇنيا بىزنى قوللاپ-قۇۋەتلىسە، بۇنىڭ زور بىر كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل.»

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى، ئاتاقلىق شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئومۇميۈزلۈك جازا لاگېرلىرىغا قامىلىپ، مىللىي، ئىرقىي، دىنىي، مەدەنىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىغا شى جىنپىڭ باشلىق خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى 50-يىللارنىڭ بېشىدا پۈتۈن ھاللىق ئادەملەرنى ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن تۈرمىگە ئەكىرىۋالدى. سوراق-سوت قىلىپ، ئۇرۇپ-سوقۇپ، ھەددىدىن ئاشقاندا، شۇ ئىشلارنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇاۋىن رەئىسى شى جۇڭشۈن كەلگەنىدى. بىز ئۇ ۋاقىتتا كىچىك ۋاقتىمىز. شۇ جۇڭشۈن ھازىرقى شى جىنپىڭنىڭ دادىسى ئىدى. ئۇ خەلققە ھىجىيىپ، كۈلۈپ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى تۈرمىلەردىن بوشىتىۋەتكەنىدى. مەن شى جىنپىڭنى چەتئەلدە ئوقۇغان ئالىي بىلىملىك ئادەم، دېموكراتىيەلىك يولدا مېڭىپ قالار دەپ، ئۇ تەختكە چىققاندا ئۈمىدلەنگەنىدىم. ئەپسۇسكى، ئۇنداق بولمىدى. بۇما دادىسىغا تارتقان ئىكەن. چوڭ خىتايچىلىق، چوڭ دۆلەتچىلىك كېسىلى بۇنىڭدىمۇ باركەن.»

ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف شى جىنپىڭنىڭ كېيىنكى يىللاردا ئاتالمىش «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىقتىسادىي لايىھەسى ئارقىلىق دۇنيانى ئىگىلىۋېلىش نىيىتىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئاخىرقى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق مۇسۇلمان خەلقلەرنى چەتتىن لاگېرلارغا قاماپ، پۈتكۈل دۇنيا ئالدىدا ئەپتى-بەشىرىسى ئاشكارىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە تەيۋەن، خوڭكوڭ، تىبەت مەسىلىلىرىنىڭمۇ خىتاينىڭ باش ئاغرىتىدىغان چوڭ مەسىلىلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ يېقىندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تاراتقان «ئەخباراتنامە» سىدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ مەيدانغا چىقىشىدا ھەم ماقۇللىنىشىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قارمىقىدىكى ئۆمەر قانات رەئىسلىكىدىكى ئۇيغۇر ئىنسان ھوقۇقى قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى مۇھىم رول ئوينىغانىكەن. شۇنداقلا مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئىمزا قويمىغان ھالەتتىمۇ، ھەر ئىككى پالاتادا ئۈستۈنلۈك قازانغانلىقتىن، ئامېرىكىنىڭ ئاساسىي قانۇنى بويىچە 11-كۈندىن باشلاپ ئاپتوماتىك تۈردە رەسمىي قانۇنغا ئايلىنىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت