ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئەنگلىيە پارلامېنتىدىن ئورۇن ئېلىشقا باشلىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-06-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل باياناتچىسى ئالىستائىر كارمايكىل (Alistair Carmichael) ئەپەندى يىغىندا سۆزدە. 2020-يىلى 20-ماي.
ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل باياناتچىسى ئالىستائىر كارمايكىل (Alistair Carmichael) ئەپەندى يىغىندا سۆزدە. 2020-يىلى 20-ماي.
AFP

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر داۋاسىدا بىر قەدەر ئاجىز دۆلەتلەرنىڭ بىرى ئەنگلىيە بولۇپ، يېقىنقى مەزگىللەردە شۇ جايدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ بوشاشماستىن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا بۇنىڭدا بىر قىسىم خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەر بارلىققا كېلىشكە باشلىدى. بولۇپمۇ ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل باياناتچىسى ئالىستائىر كارمايكىل (Alistair Carmichael) نىڭ ئەنگلىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى زور تۇتقۇن ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىشى بىلەن بۇ مەسىلە ئەنگلىيە پارلاېمنتىدىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بىلەن ناتونۇش بولغان كۆپلىگەن ۋەكىللەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.

ئالىستائىر ئەپەندىنىڭ سابىق ياردەمچىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئەنگلىيە مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىنىڭ ئەزاسى مارك جونسون (Mark Johnson) نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەنگلىيە جامائىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە ئانچە كۆپ مەلۇماتلىق ئەمەس ئىكەن. بولۇپمۇ 2016-يىلى ب ب س ئاگېنتلىقى ئىشلىگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ھۆججەتلىك فىلىم تارقىتىلغاندىن كېيىن ئەنگلىيە خەلقى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە دەسلەپكى قەدەمدە سىستېمىلىق چۈشەنچىگە ئىگە بولغان. شۇنىڭ بىلەن 2018-يىلىدىن باشلاپ مارك جونسوننىڭ بىۋاسىتە ياردەملىشىشى ئارقىسىدا پارلامېنت ئەزاسى ئالىستائىر ئەنگلىيە پارلامېنتىدىكى ۋەكىللەرگە ئۇيغۇرلار ھەققىدە چۈشەنچە بېرىش يولىغا قەدەم ئالغان. مارك جونسون بۇ ھەقتىكى لازىملىق ماتېرىياللارنى تەييارلاش، پارلامېنت نۇتۇقلىرىغا كېرەكلىك ئۇچۇرلارنى يىغىشتا پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەمكارلاشقان. ئۇلار خىتاي ئەلچىخانىسىغا، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە ۋە باشقا ئورۇنلارغا مەكتۇپ ۋە مۇراجىئەتنامە يوللاش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ زور كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىنىشى ۋە لاگېرلارنىڭ كېڭىيىشىگە ئائىت مەسىلىلەرنى تەكىتلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ مەسىلە ئەنگلىيە پارلامېنتىدا يېقىندا رەسمىي ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

مارك جونسون بۇ ھەقتە ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «2018-يىلى بۇ ئىشلارنى بىلىدىغان كىشىلەرنى يوق ئىدى، دېسەكمۇ بولىدۇ. ئەنە شۇ ۋاقىتلاردا باشقا مەنبەلەرنىڭ ۋاسىتىسىدە ئاللىقاچان بۇ ئىشلاردىن خەۋەردار بولغان ئالىسىتائىر بۇ ئىشنى ئەنگلىيە پارلامېنتىغا ئېلىپ كىرىشكە نىيەت قىلدى. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا ھېچقايسى پارلامېنت ئەزاسى (مىللەت ۋەكىلى) ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقمىغان ئىدى. ئەمما ياخشى يېرى، شۇ ۋاقىتلاردىن باشلاپ خەلقئارادا بۇ ھەقتىكى كۆپلىگەن ئۇچۇرلار مەلۇم بولۇشقا باشلىدى. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىمۇ خىتاي تەرەپكە ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەندىشىلىرىنى ئىپادىلەشكە باشلىغان ئىدى. ھالبۇكى ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىشى، ئىچكى سىياسەت مەسىلىلىرى ۋە سايلام ئىشلىرى تۈپەيلىدىن ئەنگلىيە پارلامېنتىدا بۇ ھەقتىكى مۇھاكىمە ياكى مۇنازىرە بېسىلىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن بىزگە كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى بىرنەچچە سەركىنىڭ زۆرۈرلۈكى ئايدىڭلاشتى. پارلامېنتتا بۇنداق كىشىلەرنىڭ بەكمۇ ئازلىقى تۈپەيلىدىن بىز تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ مۇشۇنداق مۇھىم مەسىلىلەر ھەققىدە سۆز قىلىشىغا موھتاج بولدۇق.»

لوندون شەھىرىدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىدىن رەھىمە مەھمۇت يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر سەنئىتىنى ۋاسىتە قىلغان ھالدا ئەنگلىيە جامائىتىگە ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ كېلىۋاتقان ئاكتىپ پائالىيەتچىلەردىن بىرى. ئۇ ۋە ئۇنىڭ باشقا مەسلەكداشلىرى يېقىندىن بۇيان ئەنگلىيەدىكى ئوخشىمىغان پارتىيە، گۇرۇھ ۋە دىنىي جامائەتكە مەنسۇپ بولغان سىياسىي ئەربابلار، يەھۇدىيلار تەشكىلاتى، خىرىستيانلار جەمئىيىتى قاتارلىق ياردەم ئالغىلى بولىدىغانلىكى بارلىق ساھە بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇلارنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىدە بىر مۇھىم كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىش خىزمىتىگە قاتناشتۇرۇپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ پىكرىچە، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەنى تاشقى دۇنياغا ئاڭلىتىپ قويۇشنىڭ ئۆزى كۇپايە قىلمايدىكەن. تېخىمۇ مۇھىمى ھازىرقى كۈندە بۇنىڭغا مۇناسىپ قانۇن ياكى لايىھەنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش تېخىمۇ مۇھىم ئىكەن.

مارك جونسوننىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭ مەسىلىسىدىكى زوراۋانلىق قىلمىشى، ۋىرۇس مەسىلىسىدىكى يالغانچىلىقى ھەمدە خۇاۋېي شىركىتىنى ئەنگلىيەگە ئېلىپ كىرىش ئۇرۇنۇشىدىكى بىر قاتار ۋەقەلەر ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتىگە راۋۇرۇس سوغۇقچىلىق پەيدا قىلغان. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تېخىمۇ ياخشى تونۇشتۇرۇپ، بۇ جەھەتتە بەزى ئىجابىي قەدەملەرنى ئېلىشنىڭ ياخشى پۇرسىتى قۇچاق ئاچماقتا ئىكەن.

«مەن بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ئامېرىكادا رەسمىي قانۇنغا ئايلانغانلىقىدىن خەۋەردار بولدۇم. ئەنگلىيە پارلامېنتىدا بولسا بۇ جەھەتتە ئامېرىكادىكى ‹ماگېنتىسكى قانۇنى› غا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر قانۇن لايىھەىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش تىرىشچانلىقى داۋام قىلىۋاتىدۇ. بۇ قانۇن لايىھەسىدە ئادەتتە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە شېرىك بولغان ئەمەلدارلار جازالىنىدۇ. ئەنگلىيەدە بولسا ‹ماگېنتىسكى قانۇنى› غا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر لايىھەنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارزۇسى ئىلگىرىمۇ ئوتتۇرىغا چىققان. ئەمما كېيىنچە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بۇ تىرىشچانلىقنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈپ، بۇنى قانۇن دەرىجىسىگە ئېلىپ چىقالمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىزدە ھازىرغىچە ‹ماگنېتىسكى قانۇنى› غا ئوخشاش بىرەر قانۇن بارلىققاكەلمىدى. ئۇيغۇرلارنى قوغداشقا دائىر ئۇنداق قانۇنمۇ ماقۇللانمىدى. ئەمما مەن يېقىن كەلگۈسىدە شۇنداق بىر قانۇن بىزدىنمۇ چىقسىكەن، دەپ ئۈمىد قىلىمەن. تېخىمۇ مۇھىمى بۇ ھەقتە پىكىر قىلىدىغان كىشىلەر كۆپەيگەنچە شەرقىي تۈركىستاندا نېمىلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ پارلامېنت ئەزالىرى بۇ سەپكە قوشۇلىدۇ. چۈنكى ھازىر خىتاي بىلەن ئەنگلىيەنىڭ مۇناسىۋىتى ھازىر ھېچقاچان كۆرۈلمىگەن بىر سوغۇقچىلىققا چۈشۈپ قېلىۋاتىدۇ.»

بۇ جەھەتتە رەھىمە مەھمۇتمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قاراشتا. بولۇپمۇ بۇ قېتىم ئامېرىكادا «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» نىڭ رەسمىي قانۇنغا ئايلىنىشى ئامېرىكا بىلەن ئەسىر ھالقىغان ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىدە بولۇپ كېلىۋاتقان ئەنگلىيەگە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىشى ئېنىق ئىكەن. بۇ بولسا نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ئۇيغۇرلارغا دائىر تېخىمۇ زور قىممەتكە ئىگە بىرەر سىمۋوللۇق ۋە ھۆججەتلىك خاراكتىرگە ئىگە لايىھىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئىمكان بېرىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئەنگلىيە جامائىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەردىن كۆپلەپ خەۋەردار بولۇشىغا ئەگىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورلۇققا ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» نامىدا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى كۆپلەپ ئاشكارا بولماقتا ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت