«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى» تېمىسىدىكى يىغىننىڭ مۇلاھىزىلىرى (2)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-04-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ماسساچۇسېتىس تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى» يىغىندا لويولا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، ئۇيغۇرشۇناس رايان سام ئەپەندى سۆز قىلماقتا. 2019-يىلى 20-ئاپرېل. بوستون، ئامېرىكا.
خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ماسساچۇسېتىس تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى» يىغىندا لويولا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، ئۇيغۇرشۇناس رايان سام ئەپەندى سۆز قىلماقتا. 2019-يىلى 20-ئاپرېل. بوستون، ئامېرىكا.
Social Media

20-ئاپرېل كۈنى دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدىن بولغان خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ماسساچۇسېتىس تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇر جەمئىيىتى نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي بوھراننىڭ بىر قىسىم ئەھۋالى مۇھاكىمە قىلىنغان ئىدى.

ئەنە شۇ مەسىلىلەرنىڭ بىرى خەلقئارا جامائەتنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي باستۇرۇش ۋە زور تۇتقۇن مەسىلىسىگە ھېلىھەم دەرگۇماندا بولۇشى، بولۇپمۇ «مىليونلىغان كىشىنى لاگېرلارغا قامىۋېتىش ھازىرقى زاماندا مەۋجۇتمىدۇ؟» دېگەن شۈبھە ھەققىدە بولدى. يىغىننىڭ ئەزىز مېھمانلىرىدىن لويولا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، ئۇيغۇرشۇناس رايان سام بۇ تېما ھەققىدە سۆز قىلدى. ئۇ لاگېرلار مەسىلىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ھەمدە ئۇنىڭ كۆلىمى ھەققىدە ھازىرغىچە كۆپلىگەن دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ دۇنياغا ئاشكارا بولغانلىقىدىن باشقا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللۇقىدىكى ھەرقايسى ساھەلەردىن ئىگە بولغان بىر قاتار مەلۇماتلارنىڭ لاگېرلار ھەققىدە يېتەرلىك ئۇچۇر بېرىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

رايان سام مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن مەلۇماتلارنىڭ بىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مارالبېشى ناھىيەسىدە «قانۇن تەربىيەسى بويىچە ئۆزگەرتىش مەكتىپى» بەرپا قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلۇشقا خېرىدار چاقىرىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش بولدى. بۇ ئۇقتۇرۇشتا يېڭىدىن بەرپا قىلىنىۋاتقان «مەكتەپ» لەرنىڭ قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى، جۈملىدىن تىكەنلىك سىم توسۇق، تۆمۈر ئىشىك، تۆمۈر دېرىزە قاتارلىق تۈرمىلەرگە خاس بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئالىدىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن. شۇ قاتاردا خوتەن ۋىلايىتىنىڭ بىر ناھىيەسىدىكى «تەربىيەلەش مەركىزى» لا ساقچى كالتىكى، توك كالتىكى، كويزا دېگەنلەرنى نەچچە يۈز، ھەتتا مىڭلاپ سېتىۋالغان. ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەڭ زور ھوقۇق ئىگىسى بولغان چېن چۇەنگو ھەرقايسى جايلاردىكى «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» ھەققىدە سۆز قىلغاندا بۇ جايلارنىڭ «مەكتەپلەرگە ئوخشاش ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقى، ھەربىي ئۇسلۇبتا باشقۇرۇلىدىغانلىقى ھەمدە تۈرمىلەرگە ئوخشاش مۇھاپىزەت قىلىنىدىغانلىقى» نى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

يەنە كېلىپ خىتاي ھۆكۈمىتى 2016-يىلىدىن باشلاپ بۇ خىل «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نىڭ نامىنى «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەربىيەلەش بازىسى»، «تەربىيەلەش مەركىزى»، «قانۇن تەربىيەسى مەركىزى» دېگەندەك ئوخشاش بولمىغان ناملاردا ئاتاپ كەلگەن. ئەمدىلىكتە بولسا خەلقئارانىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋابەن بۇ جايلارنى «كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپى» دەپ ئاتاشقا ئۆتكەن. شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتى تارقاتقان بىر قىسىم تەشۋىقات فىلىملىرى ۋە چەتئەل دىپلوماتلىرى ئېكسكۇرسىيە قىلغان «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» ھەققىدىكى فىلىملەردىنمۇ بۇ جايلارنىڭ ئاللىقاچان «مەجبۇرىي ئەمگەك لاگېرى» غا ئايلىنىپ بولغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن. ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارەت خاتىرىلىرىدىمۇ يەرلىك كادىرلار ۋە مەمۇرلار نۆۋەتتە قانچىلىك ساندىكى كىشىنى «قايتا تەربىيەلەش» كە ئېلىپ بارىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلار بەرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان «ئاق تاشلىق كىتاب» تىمۇ «ئانچە ئېغىر بولمىغان تېررورلۇق-ئەسەبىيلىك پائالىيەتلىرىگە ئارىلىشىپ قالغان، تېررورلۇق-ئەسەبىيلىك ھادىسىلىرىگە باغلىنىپ قالغان بولسىمۇ جەمئىيەتكە ئېغىر ئاقىۋەت شەكىللەندۈرمىگەن، شۇنداقلا ئىلگىرى تېررورلۇق-ئەسەبىيلىك سەۋەبىدىن قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان بولسىمۇ ھېلىھەم جەمئىيەتكە تەھدىت بولۇشى مۇمكىن بولغان» كىشىلەرنىڭ «تەربىيەلەش» كە بارىدىغانلىقى ئېيتىلغان. كېيىنچە تېلېۋىزور كۆرۈشنى رەت قىلغان، ئۇشتۇمتۇت ھاراق-تاماكا تاشلىغان، چەتئەلگە چىققان ۋە چەتئەلگە قىزىققان، «ئەسەبىي» مەزمۇندىكى دىنىي تەبلىغلەرگە قاتناشقان، «ئىشەنچسىز ئەۋلاد» ھېسابلىنىدىغان 1980-ۋە 1990-يىللاردا تۇغۇلغان، «ئەسەبىي» دەپ قارىلىۋاتقان دىنىي يوسۇندا كىيىنگەنلەر قوشۇلغان. شۇڭا مۇشۇ ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى قوشۇلۇپ كېلىپ ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسىنىڭ قىل سىغماس رېئاللىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ كەلمەكتە ئىكەن. گەرچە تارىختا بۇ خىلدىكى مىليونلىغان كىشىلەر توپلانغان لاگېرلار ھەرقاچان زور كۆلەمدىكى قىرغىنچىلىق بىلەن ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، ھازىرچە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگېرلاردا بۇنىڭ باشلانغانلىقىنى دەلىللىگۈدەك ماددىي ئىسپاتلار مەلۇم ئەمەس ئىكەن. ئەمما بۇ ھال «بۇ لاگېرلاردا زور كۆلەمدىكى قىرغىنچىلىق بولمايدۇ» دېگەنلىك ئەمەس ئىكەن.

لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك پاكىتلار ھەققىدە بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئەزىز مېھمانلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان «خىتاي ئارخىپلىرى» ژۇرنىلىنىڭ تەھرىرى جېسسىكا بېتكا خانىممۇ سۆز قىلدى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل ئىنكار قىلىپ كەلگەن لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ھەققىدە رايان سام سۆزلەپ ئۆتكەن پاكىتلاردىن باشقا سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق تارتىلغان كۆپلىگەن سۈرەتلەرنىڭمۇ لاگېرلارنىڭ جىددىي كېڭىيىۋاتقانلىقى، شۇنداقلا ئۇلاردىكى كۆزىتىش مۇنارى، تىكەنلىك سىم توسۇق دېگەندەك ئالاھىدىلىكلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. شۇ قاتاردا داۋانچىڭ رايونىغا سېلىنغان بىر لاگېرنىڭ ئۆزىگە بىر كامېرغا بىردىن سولىغاندىمۇ 11 مىڭ كىشىنىڭ سىغىدىغانلىقىنى، ئەمما شاھىتلارنىڭ بايانلىرى بويىچە ھەر بىر كامېرغا ئوندىن ئادەم قامالغان، دەپ ئىنتايىن تۆۋەن مۆلچەر بويىچە ھېسابلىغاندىمۇ بۇ جاينىڭ ئۆزىگىلا 130 مىڭ كىشىنىڭ قامالغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى. جېسسىكا ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتكەن يەنە بىر نۇقتا ھازىرغا قەدەر لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى بولۇپ، گېرمانىيەلىك مۇتەخەسسىس ئادريان زېنز، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى ئالاقىدار خادىملار، شۇنىڭدەك بىر قىسىم پۇقراۋى تەشكىلاتلار ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئىگىلىگەن ئەھۋاللارغا بىرلەشتۈرۈپ ھازىر «ئاز دېگەندىمۇ بىر يېرىم مىليوندىن ئىككى مىليونغىچە كىشى لاگېرلارغا قامالغان» دەپ قاراشقا بولىدىغانلىقىنى، ئەمما بۇ ساننىڭ ئاللىقاچان قاماققا ھۆكۈم قىلىنىپ بولغان كىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

يىغىندا لاگېرلارنىڭ قانداق شەكىلدە ئۆز فۇنكىتسىيەسىنى ئىجرا قىلىشى ھەققىدە مۇستەقىل تەتقىقاتچى جېنې بۇنىن پىكىر بايان قىلدى. ئۇ نۆۋەتتە مەلۇم بولۇۋاتقان ئىسپات ماتېرىياللار ئاساسىدا لاگېرلارنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرگە پۈتكۈل ئۇيغۇرلار دىيارىنى «بىر چوڭ لاگېر» دەپ ئاتاشقا بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. شۇنىڭدەك لاگېرلارنى مەركەز قىلغان ھالدا كىشىلەرنىڭ ئەڭ دەسلەپ كوللېكتىپ ئىدىيە ئۆزگەرتىش باسقۇچىغا ئېلىپ كىرىلىدىغانلىقىنى، بۇ جايدىن ئۇلارنىڭ «قاماقخانا» ياكى «ساقچىخانا» دېگەندەك ئورۇنلارغا يوللىنىدىغانلىقى، لاگېرلارغا قامالغان كىشىلەردىن يەڭگىل بولغانلىرى «مەجبۇرىي ئەمگەك» كە يوللاپ بېرىلىدىغانلىرى، ئېغىر بولغانلىرى ئوخشىمىغان مۇددەتتە قاماققا ھۆكۈم قىلىنىدىغانلىقى، يەنە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ بولسا لاگېردىن چىقالمايلا دوختۇرخانىلارغا يوللاپ بېرىلىدىغانلىقى، بۇنداق كىشىلەرنىڭ بولسا ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

جېنې بۇنىن شۇ قاتاردا ئۆزىنىڭ ئۆتكەن بىر يىلغا ۋاقىتتىن بۇيان خالىس ھالدا «شاھىد. بىز» تورىنىڭ لاگېر مەھبۇسلىرى ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلار ئامبىرىغا ياردەم بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدە سۆز قىلغاچ، نۆۋەتتە لاگېرلارغا دائىر ئىسپاتلارنى يىغىش ئۈچۈن بۇ تور بېتىنىڭ شاھىتلاردىن لاگېر مەھبۇسلىرىغا مۇناسىۋەتلىك تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى توپلاۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. ئاخىرىدا ئۇ قەشقەردىكى ئۇيغۇر زىيالىي ئابدۇغېنىنىڭ «تەجەللى كىتابخانىسى» نىڭ ئېچىلىشى ۋە تاقىلىشىغا ئۆزىنىڭ شاھىت بولغانلىقىنى، بۇ جەرياندا ئابدۇغېنىدەك كىتاب سېتىشتىن باشقا ئىش قىلمىغان بىر كىشىنىڭ يەتتە يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى، ئۇنىڭ نارەسىدە ئۈچ پەرزەنتىنىڭ بولسا كىشىلەر «بالىلار لاگېرى» دەپ ئاتىۋالغان دارىلئېتاملارغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى بايان قىلىش ئارقىلىق «شاھىد. بىز» تورىغا يىغىلىۋاتقان ئىسپات ماتېرىياللىرىدىن ئۈلگە كۆرسەتتى.

بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يىغىن جەريانىدىكى سوئال-جاۋاب بۆلىكىدە سورىغان سوئاللىرى كۆپچىلىكنىڭ بۇ تېمىغا قانچىلىك قىزىققانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن بولسا، سۆز قىلغۇچىلارنىڭ ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن لاگېرلار ھەققىدە بەرگەن مەلۇماتلىرى يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت