تۈركىيەدىكى نوپۇزلۇق 2 ژۇرنال ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مەخسۇس سان چىقاردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2019-05-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
تۈركىيەدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ژۇرناللاردىن بىرى بولغان «تۈركىيە گۈنلۈكۈ»، يەنى «تۈركىيە خاتىرىسى» ناملىق ژۇرنال ئۆزىنىڭ مەخسۇس بىر سانىنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە بېغىشلىدى. 2019-يىلى ماي.
تۈركىيەدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ژۇرناللاردىن بىرى بولغان «تۈركىيە گۈنلۈكۈ»، يەنى «تۈركىيە خاتىرىسى» ناملىق ژۇرنال ئۆزىنىڭ مەخسۇس بىر سانىنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە بېغىشلىدى. 2019-يىلى ماي.
Photo: RFA

مەلۇم بولغىنىدەك، «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن بۇيان تۈركىيە تاراتقۇلىرىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى خەۋەر ۋە ماقالىلەر كۈنسايىن كۆپەيمەكتە. بولۇپمۇ 2017-يىلىدىن تارتىپ جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن تۈرك جامائىتىنىڭ دىققىتى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بۇرۇلدى.

تۈركىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە بەزى تەتقىقات مەركەزلىرى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ھەر خىل ئىلمىي ۋە ئاممىۋى پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى. تاراتقۇلاردىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆپ ئورۇن بېرىلمەكتە.

يېقىندا تۈركىيەدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ژۇرناللاردىن بىرى بولغان «تۈركىيە گۈنلۈكۈ»، يەنى «تۈركىيە خاتىرىسى» ناملىق ژۇرنال ئۆزىنىڭ مەخسۇس بىر سانىنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە بېغىشلىدى. «كۈندۈزدىكى قاراڭغۇلۇق: شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ناتسىزىمى» دېگەن تېما بىلەن يورۇق كۆرگەن بۇ مەخسۇس ساندا ئامېرىكالىق تارىخچى جېيمىس مىلۋارد ۋە ۋولقان قاشىقچى، ئاۋسترالىيەلىك تارىخچى دېيۋىد بروفى، تۈركىيە ئېگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت، ئامېرىكالىق ژۇرنالىست ئائۇستىن رامزى قاتارلىق تەتقىقاتچىلار ماقالىلىرى ئورۇن ئالغان.

ئۇندىن باشقا تۈركىيەدىكى داڭلىق ئايلىق ژۇرناللاردىن «ئالپئەرەن» ژۇرنىلى «ياشىسۇن ھەقىقىي شەرقىي تۈركىستان» دېگەن تېما ئاستىدا مەخسۇس سان چىقارغان. بۇ سان ژۇرنالدا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن دوكتور ئەركىن ئەكرەم، ھامۇت گۆكتۈرك، مىركامىل قەشقەرلى، ئابدۇسالام تەكلىماكان قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ماقالىلىرى بىلەن گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئەنۋەر جاننىڭ ماقالىسىگە ئورۇن بېرىلگەن.

«تۈركىيە خاتىرىسى» ناملىق ژۇرنالنىڭ باش مۇھەررىرى مۇستافا چالىق ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ مەخسۇس ساننى چىقىرىشىمىزدىكى مەقسەت شەرقىي تۈركىستاندا نۆۋەتتە يۈز بېرىۋاتقان تراگېدىيەلىك ۋەقەلەرنى ۋە ئىنسانىيەت دەپسەندىچىلىكلىرىنى تۈركىيە جامائەتچىلىكىگە ۋە شۇنداقلا دۇنياغا ئاڭلىتىشتىن ئىبارەت. شەرقىي تۈركىستان ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇرۇلدى. بىتەرەپ كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بايانلىرىغا ئاساسلانغاندا ھازىر 1 مىليوندىن ئارتۇق تۇتقۇنلار جازا لاگېرلىرىدا مېڭە يۇيۇش، قورقۇتۇش ۋە دەپسەندە قىلىنىشتەك خورلۇقلارغا ئۇچراۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ياشاپ كەلگەن ئۆز زېمىنىدا ياشاشنى خالايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۇلارنى يوق قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. بىز ‹تۈركىيە خاتىرىسى› ژۇرنىلى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ بۇ تراگېدىيەسىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشتۇق.»

مۇستافا چالىق ئەپەندى يەنە 2009-يىلى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» يۈز بەرگەندە ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مەخسۇس بىر سان چىقارغانلىقىنى، لېكىن بۇنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقىنى، بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ خىزمەت قىلىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىز 2009-يىلى ئۈرۈمچى قەتلىئامى توغرىسىدا مەخسۇس سان چىقارغان ئىدۇق. بۇ مەخسۇس ساننىڭ تېمىسى ‹گۈزەل تۈركىستان، ساڭا نېمە بولدى؟› دەپ قويۇلغان ئىدى. يېقىندا چىقارغان مەخسۇس سانغا بولسا ‹كۈندۈزدىكى قاراڭغۇلۇق: شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ناتسىزىمى› دەپ ماۋزۇ قويىدۇ. بۇلاردىن سىرت ئىككى ئايلىق ژۇرنىلىمىزنىڭ ھەر سانىدا شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدىكى ماقالىلارغا ئورۇن بېرىشقا تىرىشىۋاتىمىز. بۇلار يېتەرلىك ئەمەس، ئەلۋەتتە. بۇندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان بىلەن مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ كۆپ خىزمەتلەرنى قىلىشقا تىرىشىمىز.»

مەزكۇر ئىككى ژۇرنالدا ماقالىسى ئېلان قىلىنغان ئىزمىردىكى ئېگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا يورۇق كۆرگەن مەخسۇس سانىنىڭ ھەم ئىلمىيلىق جەھەتتىن، ھەمدە مەزمۇن جەھەتتىن خېلى سۈپەتلىك چىققانلىقىنى بايان قىلدى.

«ئالپئەرەن» ژۇرنىلىدا ماقالىسى ئېلان قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق رەئىسى ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى بۇرۇن تۈركىيەدىكى بۇنداق نوپۇزلۇق ژۇرناللار شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا مەخسۇس سان چىقارمىغانلىقىنى، 2010-يىلىدىن تارتىپ بەزى ژۇرناللار ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس سان چىقىرىشقا باشلىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئەنقەرەدىكى ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتىنىڭ مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيەدە بۇندىن كېيىن ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى تەتقىقاتلارنىڭ ۋە قىزىقىشنىڭ يەنىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت