كاستامونۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدا «شەرقىي تۈركىستان خاتىرە ئورمىنى» بەرپا قىلىنغان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2019-04-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى پائالىيەتلەرمۇ خىلمۇ-خىللاشماقتا. تۈركىيەنىڭ كاستامونۇ شەھىرىگە جايلاشقان كاستامونۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار 6-ئاپرېل كۈنى ئۇنىۋېرسىتېت باغچىسىدا «شەرقىي تۈركىستان خاتىرە ئورمىنى» بەرپا قىلىش ئۈچۈن مەكتەپ رەھبەرلىكى تەستىقلاپ بەرگەن جايغا كۆچەت تىككەن.

پائالىيەتكە مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار 200 تۈپ ئەتراپىدا كۆچەت تىككەن.

كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلغان كاستامونۇ ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى سەردار بۇ ھەقتە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەلۇمات بەردى.

كاستامونۇ ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئەڭ كۆپ ئوقۇۋاتقان ئۇنىۋېرسىتېت ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان تۈركىي تىللىق مىللەتلەردىن بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپلۈكىگە قاراپ كىشىلەر بۇ ئۇنىۋېرسىتېتنى «تۈرك دۇنياسى ئۇنىۋېرسىتېتى» دەپمۇ ئاتايدىكەن.

ئىككى يىلدىن بېرى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، كاستامونۇ شەھىرىدە، بولۇپمۇ مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ناھايىتى ياخشى تونۇشتۇرۇلماقتا. بۇنىڭ نەتىجىسىدە كاستامونۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىرىمۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلىشقا باشلىغان. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېتەكچىلىرىدىن سەردار مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ دەرۋازىسىدىن كىرگەندە كۆز چېلىقىدىغان جايغا «شەرقىي تۈركىستان خاتىرە ئورمىنى» بەرپا قىلىنغانلىقى، بۇنىڭ ئۈچۈن دەسلەپكى قەدەمدە 200 تۈپ كۆچەت تىكىلگەنلىكىنى بايان قىلدى.

سەردارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كاستامونۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپى ئىككى يىل بۇرۇن ئوقۇشقا كىرگەنلەر بولۇپ، ئۇلار مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلگەن ھەر خىل پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنى ۋە ئۇيغۇر دەۋاسىنى ياخشى تونۇشتۇرۇپ كەلمەكتە ئىكەن

كاستامونۇ ئۇنىۋېرسىتېتى 2006-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا 30 دۆلەتتىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار بار ئىكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىمۇ كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىكەن. شۇڭا بۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا ئۇيغۇرلارنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مىللىي دەۋاسىنى ئاڭلىتىش زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

كاستامونۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەكىلى، تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى سۈبھىنۇر ئۆمەر كۆچەت تىكىش پائالىيىتى بارىن ئىنقىلابىنىڭ 29-يىللىقىنى خاتىرىلەش كۈنىگە توغرا كەلگەن بولغاچقا، پائالىيەتنى بارىن شېھىتلىرىغا ئاتاپ ئۆتكۈزگەنلىكىنى بايان قىلدى.

كاستامونۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن قالسا تۈركىيەدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئەڭ كۆپ ئوقۇۋاتقان ئالىي مەكتەپلەردىن بىرى بۇرسا شەھىرىدىكى ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتىدۇر. بۇ ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بۇرسا شەھىرىنىڭ فەتىھ قىلىنغانلىقىنىڭ 691 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان چوڭ پائالىيەتتە بارىن ۋەقەسىنى خاتىرىلىگەن. بۇ پائالىيەتكە بۇرسا شەھىرىنىڭ باشلىقى ئالىنۇر ئاقتاش ئەپەندىمۇ ئىشتىراك قىلغان. پائالىيەتتە قوللىرىدا ئال-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق بىلەن تۈركىيە بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغان كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بارىن شېھىتلىرىغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلغان ۋە شەھەر مەيدانىدىكى يىغىلىشقا قاتناشقان. ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان 100 دەك ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ ۋەكىلى ئابدۇقادىر ئابدۇكېرىم بىلەن بۇ ھەقتە بىزگە مەلۇمات بەردى.

تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىقى بەرگەن مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، ھازىر تۈركىيەدىكى 80 دەك ئالىي مەكتەپتە 2080 نەپەر ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئوقۇماقتىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت