سادامنىڭ ئۆلۈم ھۆكۈمىگە بولغان ئىنكاسلار

2006-11-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
sadam-sot-150.jpg
ئىراقنىڭ سابىق پرېزىدېنتى سادام ھۆسەيىن 5 – نويابىر كۈنى سوتتا. ئۇ بۇ كۈنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان. AFP

11 ‏- ئاينىڭ 5 - كۈنى ئىراقنىڭ سابىق پرېزىدېنتى، بۇ يىل 69 ياشقا كىرگەن سادام ھۆسەيىن ۋە ئۇنىڭ ئاتا بىر ئانا باشقا ئىنىسى ئىراق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان. سادام ھۈسەيىننىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلىقى خەلقئارادا زور غۇلغۇلا قوزغاپ، تۈرلۈك ئىنكاسلارنى پەيدا قىلماقتا.

ئىراقنىڭ ئۆزىدىكى ئىنكاسلار

سادام ھۈسەيىننىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئىراقنىڭ ئۆزىدە تەبرىكلەش ۋە نامايىش قىلىش قاتارلىق ئوخشىمايدىغان ئىنكاسلارنى كەلتۈرۈپ چىققان. مەسىلەن، مەزكۇر خەۋەرنى ئاڭلىغان ئىراقتىكى شىيىلەر ۋە كۆردلەر ئاسمانغا ئوق ئېتىپ تەبرىكلىگەن بولسا، يەنە بىر قىسىم سۈننىلەر نامايىش قىلىپ قارشلىق بىلدۈرگەن. ھەتتا نامايىش جەريانىدا نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشلارمۇ يۈز بەرگەن.

گەرچە ئىراق باش مىنىستىرى نۇرى ئەلمالىكى "سادام دەۋرى رەسمىي ھالدا ئۆتمۈشكە ئاياقلاشتى" دەپ جاكارلاپ، پۈتۈن ئىراقتىكى ئارمىيە ۋە خەلقنى تولۇپ تاشقان ئىشەنچى بىلەن قانۇن تۈزۈم ۋە ئىتتىپاقلىققا ئاساسلانغان ھالدا دۆلەتنى قايتا قۇرۇپ چىقىشقا چاقىرغان بولسىمۇ، سادام ھۈسەيىننىڭ يۇرتىدىكى خەلق، سوتنىڭ ھۆكۈمىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، كەڭ كۆلەملىك نامايىشلارنى ئېلىپ بارغان. بۇنى كۆرگەن ئىراق ھۆكۈمىتى بەزى رايونلاردا ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولغان. شۇنىڭ بىلەن ھازىر باغداد بازارلىرىدىكى ئادەملەر بارغانسېرى ئازىيىشقا باشلىغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سادام ھۈسەيىننىڭ ئۆلۈم ھۆكۈمى ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان، ئىراق ھۆكۈمىتى مەملىكەت ئىچىدە توپىلاڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىپ قېلىشىدىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلماقتا ئىكەن.

خەلقئارانىڭ ئىنكاسى

مەركىزى لوندوندىكى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى يەكشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، سادام ھۈسەيىنگە بېرىلگەن بۇ ھۆكۈمنىڭ ئادىل بولمىغانلىقىنى تەكىتلەپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ھەرقانداق شارائىتتا ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى بولسا، گەرچە پرىنسىپ جەھەتتە ئىراق سوت مەھكىمىسىنىڭ سادام ھۈسەيىنگە ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەركىن دېموكرات پارتىيىسىنىڭ رەئىسى كەمپېيېر ئەپەندى "ئەنگىلىيە ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە قارشى. سادامغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلمەسلىك كېرەك ئىدى. چۈنكى ئۆلۈم جازاسى سادامنى قەھرىمانغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ، شۇڭا سادامغا ئۆلۈم جازاسى ئەمەس بەلكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىش كېرەك ئىدى" دەپ بىلدۈردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەمەلدارلىرىمۇ ئىراق ھۆكۈمىتىدىن سادامغا ئۆلۈم جازاسى بەرمەسلىكنى تەلەپ قىلماقتا.

ئىسلام دۇنياسىدا، ئىراننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ناھايىتى ئاز ساندىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر سادامغا بېرىلگەن ئۆلۈم ھۆكۈمىنى قوللىماقتا. ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى "ئۆلۈم جازاسى بېرىلىشى سادامغا نىسبەتەن ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىك جازا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ" دەپ بىلدۈرگەن.

1980‏- يىلىدىكى ئىران- ئىراق ئۇرۇشى بىر مىليون ئىران خەلقنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. شۇڭا ئىران ئەدلىيە مىنىستىرلىكى بۇلتۇر ئىراق ھۆكۈمىتىگە سادام ھەققىدە ئەرز سۇنغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى خەلقلەر ئامېرىكىغا بولغان نارازىلىقى تۈپەيلىدىن، سادامغا بېرىلگەن ھۆكۈمگە ئىپادە بىلدۈرمىگەن.

ئامېرىكا ئاق ساراينىڭ ئىنكاسى بولسا سادام ھۈسەيىنگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن بۇ كۈن ئىراق خەلقى ئۈچۈن ياخشىلىققا قاراپ مېڭىشنىڭ باشلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

ئەگەر سادامنىڭ نارازىلىق بىلدۈرۈپ قايتا سۇنغان ئەرزىسى مەغلۇب بولۇپ قالسا، ئۆلۈم جازاسى 30 كۈن ئىچىدە ئىجرا قىلىنىدىكەن. لېكىن سادامغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسى ھەققىدە نۇرغۇن گۇمانىي سوئاللار بولغانلىقتىن، ئۆلۈم جازاسى بەلكىم 2 ‏- 3 - ئايلاردا ئىجرا قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.

سادامنىڭ ئادۋوكاتى مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، ھازىرچە تېخى رەسمىي ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇپ ئالمىغانلىقىنى تەكىتلەپ، رەسمىي ئۇقتۇرۇش قولغا تەگكەندىن كېيىن ئاندىن يۇقىرىلاپ ئەرز قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (مېھرىبان)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت