قىرغىزىستاندا يەرلىك خەلق بىلەن خىتايلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى

8-يانۋار قىرغىزىستاننىڭ ئوش ئوبلاستىغا قاراشلىق ئۈزگەن شەھىرىنىڭ قورشاپ يېزىسىدىكى يەرلىك ئاھالە بىلەن خىتايلار ئارىسىدا جاڭجال يۈز بېرىپ 28 ئادەم يارىلانغان.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازاد قاسىم
2013-01-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
سۈرەتتە، قىرغىزىستاندا يەرلىك خەلق بىلەن خىتايلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن ئورۇن بولۇپ سېرىق كىيىملىكلەر خىتاي پۇقرالىرى، كۈلرەڭ كىيىملىكلەر يەرلىك ئامانلىق قوغداش خادىملىرى. 2013-يىلى 10-يانۋار.
سۈرەتتە، قىرغىزىستاندا يەرلىك خەلق بىلەن خىتايلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن ئورۇن بولۇپ سېرىق كىيىملىكلەر خىتاي پۇقرالىرى، كۈلرەڭ كىيىملىكلەر يەرلىك ئامانلىق قوغداش خادىملىرى. 2013-يىلى 10-يانۋار.
http://rus.azattyk.org

«ئازادلىق» رادىئوسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 8-يانۋار كۈنى كەچ سائەت 19.30 ئەتراپىدا قورشاپ يېزىسىنىڭ قامچىبېكۇۋ كوچىسىغا جايلاشقان «ئاستان-ئاتا» كافېخانىسىنىڭ ئالدىدا، بۇ يەردىكى «دادخا-كېمىن» ئېلېكتر لىنىيىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلىپ بېرىۋاتقان خىتايلار مەست بولۇۋېلىپ كوچىدا كېتىۋاتقان مۇراتئەلى ئىسىملىك يىگىت بىلەن شائىرگۈل ئىسىملىك ئايالنى تۇتۇۋېلىپ ساۋاشقان ھەمدە كافېخانىغا سولىۋالغان.

ۋەقەدىن خەۋەر تېپىپ كەلگەن مۇراتئەلىنىڭ ئاتىسى بىلەن يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ ئىككى نەپەر خادىمىنىمۇ خىتايلار ئۇرۇپ، كافېخانىغا سولىۋېلىشقان. ئاخىرىدا غەزەپلەنگەن يەرلىك ئاھالە بىلەن خىتايلار ئارىسىدا جاڭجال باشلىنىپ 18 نەپەر خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان 28 ئادەم يارىلانغان. ئېغىر يارىلانغان ئىككى خىتاي جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە يەتكۈزۈلگەن.

ۋەقەنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەن ساقچى دائىرىلىرى بۇ يەردە ئىشلەۋاتقان يۈزدىن ئارتۇق خىتاينىڭ خەۋپسىزلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ كېچىلەپ ئوش شەھىرىگە يۆتكەپ كەتكەن.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئوش ئوبلاستلىق ئىچكى ئىشلار باشقارمىسى قانۇنسىزلىق بىلەن باشقىلارنى تۇتقۇن قىلىش، توپلىشىپ جېدەل چىقىرىش ھەمدە قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلارغا كۈچ كۆرسىتىش پاكىتلىرى بويىچە جاڭجال پەيدا قىلغان 21 نەپەر خىتاي ئۈستىدىن جىنايى ئىشلار دېلوسى تۇرغۇزغان. سوراق داۋامىدا بۇ خىتايلارنىڭ مەست ئەھۋالدا ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

خىتاينىڭ قىرغىزىستاندىكى باش ئەلچىسى ۋاڭ كەيۋىن بۈگۈن «24. ك گ» ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، 2-3 ئايدىن بۇيان «دادخا-كېمىن» ئېلېكتر قۇرۇلۇشى ئىش مەيدانىدا ئوغرىلىق ھادىسىلىرىنىڭ كوپۈيۈپ كەتكەنلىكىنى تىلغا ئىلىپ، يەرلىك ئاھالىنى ئەيىبلىگەن ھەمدە قىرغىزىستان ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ بۇ ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئادىل بولۇشىنى تەلەپ قىلغان.

بۇ ۋەقەگە قاتناشقان خىتايلار قىرغىزىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدا تۈزۈلگەن توختامغا ئاساسەن قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىنى شىركىتىنىڭ خادىملىرى بولۇپ، خىتاي تەرەپ بۇ قۇرۇلۇشقا 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سالغان.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ قىرغىزىستانغا بولغان مەبلەغ سېلىنمىسىنى كۆپەيتىپ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتلەردە بۇ دۆلەتكە سىڭىپ كىرىشىگە ئەگىشىپ، يەرلىك ئاھالە بىلەن ئىشلەمچى خىتايلار ئارىسىدىكى توقۇنۇشلارمۇ بارغانسېرى كۆپەيمەكتە.

بۇنىڭدىن 3-4 ئاي ئىلگىرى قىرغىزىستاننىڭ چۈ ئوبلاستىغا قاراشلىق مەلۇم ئالتۇن كانىدا يەرلىك ئاھالە بىلەن خىتايلار ئارىسىدا جاڭجال بولۇپ، ئاخىرىدا ھۆكۈمەتنىڭ قارارى بىلەن بۇ ئالتۇن كانى تاقالغان ھەمدە ئىككى يۈزدىن ئارتۇق خىتايلىق ئالتۇن قازغۇچى قىرغىزىستاندىن قوغلىۋېتىلگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت