ئەبۇ-زەبىدە ئۆتكەن جيۇ-جىتسۇ بويىچە دۇنيا مۇسابىقىسىدە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى دۇنيا چېمپىيونى بولدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2019-05-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئەبۇ-زەبىدە ئۆتكۈزۈلگەن جيۇ-جىتسۇ مۇسابىقىسىگە قاتناشقان قازاقىستانلىق تەنھەرىكەتچىلەر. 2019-يىلى 26-ئاپرېل. ئەبۇ-زەبى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى.
ئەبۇ-زەبىدە ئۆتكۈزۈلگەن جيۇ-جىتسۇ مۇسابىقىسىگە قاتناشقان قازاقىستانلىق تەنھەرىكەتچىلەر. 2019-يىلى 26-ئاپرېل. ئەبۇ-زەبى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى.
RFA/Oyghan

20- ۋە 26-ئاپرېل ئارىلىقىدا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى پايتەختى ئەبۇ-زەبىدە برازىلىيەچە جيۇ-جىتسۇ، يەنى ئەركىن چېلىشىش ۋە مۇشتلىشىش بويىچە دۇنيا مۇسابىقىسى بولۇپ، ئۇنىڭغا 100 دىن ئوشۇق مەملىكەتتىن 7000 دىن ئوشۇق تەنھەرىكەتچى قاتناشقان ۋە دۇنيا چېمپىيونى دېگەن يۇقىرى ئاتاق ئۈچۈن كۈرەشكەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە قازاقىستاندىن بارغان ئۇيغۇر قىز-يىگىتلىرىمۇ بولغان. بۇ مۇسابىقىنىڭ بىرىنچى كۈنىدە ئادىلەم ھوشۇروۋا، ئامىنەم مەشۈروۋا، گۈلمىنەم ئىمىنوۋا، تومىرىس بېكمۇرزىن قاتارلىق ئۆسمۈر قىزلار دۇنيا چېمپىيونى بولغان.

نۇر-سۇلتان شەھىرىدە ياشاۋاتقان، «ئاليانس» برازىلىيەچە جيۇ-جىتسۇ ئاكادېمىيىسىنىڭ پرېزىدېنتى ئارمانجان روزاخۇنوفنىڭ ئېيتىشىچە، جيۇ-جىتسۇ بويىچە دۇنيا مۇسابىقىسى ئەبۇ-زەبىدە ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى مەملىكەتلىرىدىن مىڭلىغان كۈچلۈك تەنھەرىكەتچىلەر قاتنىشىپ تۇرىدىكەن. ئۇ بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىۋاتقان قازاقىستانلىق تەنھەرىكەتچىلەر سانىنىڭ يىلدىن-يىلغا كۆپىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ يىلنىڭ ئالاھىدە ئۇتۇقلۇق بولغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ كوماندا 75 تەنھەرىكەتچىنىڭ ۋەكىللىكىدە قاتنىشىپ، 61مېدال، شۇ جۈملىدىن 24 ئالتۇن، 10 كۈمۈش، 27 مىس مېدال ئۇتۇۋالدۇق. كوماندىمىزغا ياركەنت، ئالمۇتا ۋە نۇر-سۇلتان تەنھەرىكەتچىلىرى كىردى. مۇسابىقە بىر نەچچە ياش دەرىجىلىرى بويىچە ئۆتتى. 10 ياشقىچە بولغانلار ئۈچۈن دۇنيا فېستىۋالى ئۆتتى. 10 ياشتىن چوڭلار دۇنيا مۇسابىقىسىگە قاتناشتى. ياركەنت ۋە نۇر-سۇلتان كوماندىلىرىدا قىز ۋە يىگىتلەر بولسا، ئالمۇتا كوماندىسىدا پەقەت يىگىتلەر بولدى. مۇسابىقىنىڭ بىرىنچى كۈنىدە بىزنىڭ ھوشۇروۋا ئادىلەم، مەشۈروۋا ئامىنەم، ئىمىنوۋا گۈلمىنەم، بېكمۇرزىنا تومىرىسكە ئوخشاش قىزلىرىمىز دۇنيا چېمپىيونى دېگەن باش مۇكاپاتقا ئىگە بولدى. بۇ مۇسابىقىگە قاتناشقانلارنىڭ سانى ئىنتايىن كۆپ، تەخمىنەن 7 مىڭ ئەتراپىدا بولغانلىقتىن رىقابەتچىلىرىمىزمۇ ھەم كۆپ بولدى، ھەم كۈچلۈك بولدى. شۇنىڭغا قارىماي، بىزنىڭ كوماندا ياخشى نەتىجىلەرنى كۆرسىتىپ، ئۆتكەن يىلقىدەك تۆت ئەڭ كۈچلۈك كوماندىلار سېپىدىن ئورۇن ئالدى. مېنىڭ قاتتىق تەسىرلەنگەن يېرىم شۇ بولدىكى، بىزنىڭ بولۇپمۇ قىزلىرىمىز مەزكۇر مۇسابىقىگە قاتتىق تەييارلىق بىلەن كەلگەن.» 

ئەبۇ-زەبىدە برازىلىيەچە جيۇ-جىتسۇ بويىچە ئۆتكەن دۇنيا مۇسابىقىسى قاتناشقۇچىلىرىنىڭ ئىچىدە ئىككى مەرتەم دۇنيا چېمپىيونى ئاتىقىغا ئېرىشكەنلەرمۇ بولۇپ، شۇلارنىڭ بىرى ئادىلەم ھوشۇروۋا رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئەسسالامۇئەلەيكۇم. مېنىڭ ئىسمىم ھوشۇروۋا ئادىلەم. مەن 12 ياش. مەن برازىلىيەچە جيۇ-جىتسۇ بىلەن شۇغۇللىنىمەن. يېقىندا، يەنى 21-ئاپرېل كۈنى ئەبۇ-زەبىدە دۇنيا مۇسابىقىسى ئۆتكەن ئىدى. ماڭا ئالتۇن مېدال ئېلىپ، شۇنىڭ بىلەن ئىككى مەرتەم دۇنيا چېمپىيونى بولۇش مۇمكىن بولدى. مەن ئۈچ قېتىم كۈرەشكە چۈشۈپ، ئۈچىلىسىدە ئەرەب تەنھەرىكەتچىلىرىنى يېڭىۋالدىم. ئۆتكەن يىلىمۇ مەن مۇشۇنداق مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، ئالتۇننى يېڭىۋالغان ئىدىم. مەن شۇنىڭ بىلەن ئىككى مەرتەم دۇنيا چېمپىيونى دېگەن دەرىجىنى ساقلاپ قالالىدىم. مېنى بۇ قېتىمدا مىڭلىغان ئويلار قاپلىۋالغان ئىدى. قىيىن ھەم قورقۇنچلۇقمۇ بولدى. مىڭلاپ ھاياجانلانساممۇ، ئەمما مەن بۇ ئىشنى قىلالىدىم. مەن ئۆز كوماندامنى، ئۆز ترېنېرىمنى، ئۆز قازاقىستانىمنى يەرگە قاراتمىدىم. مېنىڭ ئاتا-ئانىلىرىم مېنىڭ ئۈچۈن بەك خۇشال بولدى ھەم مېنىڭدىن بەك مەغرۇرلىنىدۇ. مەن مۇشۇنىڭ بىلەنلا توختاپ قالماي، پەقەت بىزنىڭ بايراقنى كۆتۈرۈپ، ئالغا قاراپ ماڭىمەن.»

ئىگىلىشىمىزچە، ئادىلەم ھوشۇروۋا قازاقىستان پايتەختى نۇر-سۇلتان شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «چېلىش كۈنى» خەلقئارا فېستىۋالىنىڭ، ئەبۇ-زەبىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا مۇسابىقىسىنىڭ، قازاقىستان بويىچە مەملىكەتلىك مۇسابىقىنىڭ، جيۇ-جىتسۇ تۈرى بويىچە گىرېتسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا مۇسابىقىسىنىڭ قاتناشقۇچىسى. ئۇ ئاخىرقى قېتىمدا گىرېتسىيە پايتەختى ئافىنادا ئۆتكەن برازىلىيەچە جيۇ-جىتسۇ دۇنيا مۇسابىقىسىدە رۇسىيەنىڭ، ئاندىن گىرېتسىيەنىڭ ماھىرلىرىنى يېڭىپ چىققان ئىدى. ئادىلەم ھوشۇروۋا ئاخىرىدا قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتكىنىگە قارىماي پولشانىڭ ماھىرىنى يېڭىپ، دۇنيا چېمپىيونى دېگەن ئاتاققا ئېرىشكەن ئىدى. 

ئەبۇ-زەبىدە ئۆتكەن دۇنيا مۇسابىقىسىگە ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ پانفىلوف ناھىيىسىگە قاراشلىق ياركەنت شەھىرىدىنمۇ تەنھەرىكەتچىلەر قاتناشقان. بىز ياركەنت شەھىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان برازىلىيەچە جيۇ-جىتسۇ كۇلۇبىنىڭ ترېنېرى ئىلشات ئوسمانوف بىلەن ئالاقىلەشكىنىمىزدە ئۇ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ‹ئاليانس› كۇلۇبىمىز ئۈچ يىل بۇرۇن ئارمانجان ئاكىمىز ياركەنتكە كېلىپ ئۇنىڭ شۆبىسىنى ئېچىپ بەردى. بىز چوڭ مۇسابىقىلەردىن 2018 ۋە 2019-يىللىرى ئەبۇ-زەبىگە باردۇق. بۇ يىلى بارغىنىمىزدا تۆت ئالتۇن، تۆت كۈمۈش ۋە ئۈچ مىس مېدال ئېلىپ كەلدۇق. ئالتۇننى ئەنۋەر دىئاس، مەشۈروۋا ئامىنەم، روزىيېۋا ياسمىنا ۋە ئىمىنوۋا گۈلمىنەم ئېلىپ كەلدى. بىزدە نۇرغۇنى ئۇيغۇر بالىلىرى. ئۇنىڭدىن باشقا تۇڭگان، قازاق، رۇس، ئۇكرائىن، ئۆزبېك، قىرغىز بالىلىرىمۇ بار. ھەممىسى بولۇپ 130 ئادەمگە يېتىدۇ».

ئىلشات ئوسمانوفنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئۆزى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا گرېك-رىم كۈرىشى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن ئىكەن. ھازىر ئاستانا، يەنى نۇر-سۇلتان شەھىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «ئاليانس» برازىلىيەچە جيۇ-جىتسۇ ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاساسچىسى ۋە پرېزىدېنتى ئارمانجان روزاخۇنوفنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئۈچ يىلدىن بۇيان برازىلىيەچە جيۇ-جىتسۇ بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتىكەن. ئىلشات ئوسمانوف 2018-يىلى موسكۋادا ئۆتكەن دۇنيا مۇسابىقىسىدە دۇنيا چېمپىيونى بولغان بولسا، شۇ يىلى يەنە ئەبۇ-زەبىدە ئۆتكەن مۇسابىقىدە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەن. ئۇ ئۆز كوماندىسىنىڭ كېلەچەكتە قازاقىستان ۋە دۇنيا بويىچە مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ، چېمپىيون دەرىجىسىگە يېتىش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 

بىز ئىلشات ئوسمانوفنىڭ شاگىرتلىرىدىن بىرى ئەبۇ-زەبىدە ئۆتكەن مۇسابىقىدە دۇنيا چېمپىيونى ئاتالغان ئەنۋەر دىئاسنى سۆھبەتكە تارتقىنىمىزدا ئۇ ئۆزىنىڭ تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىشنى ياقتۇرىدىغانلىقىنى، كېلەچەكتە ئولىمپىك ئويۇنلىرىغىمۇ قاتنىشىش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

بىز ئەنۋەر دىئاسنىڭ ئانىسى ساھىدەم تېيىپوۋا بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ مۇنداق دېدى: «بالام ئۆزى كىچىكىدىن تارتىپ تەنھەرىكەتكە قىزىقىدۇ. مانا بىر يىل بولدى جيۇ-جىتسۇ بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇ گرېك-رىم ئەركىن چېلىشىش بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن ئىدى. ئۇ بىرىنچى قېتىم دۇنيا مۇسابىقىسىگە قاتناشتى. يەنى يېقىندا ئەبۇ-زەبىگە بېرىپ، جيۇ-جىتسۇدىن ئالتۇن مېدال ئېلىپ كەلدى. ئوچۇقىنى ئېيتسام، ھازىر بالىلار تەنھەرىكەتكە قاتتىق قىزىققاندەك ئوقۇشقا ئۇنچىلىك قىزىقىپ كەتمەيدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بۇنىڭدىن ئەنسىرەپ، «بالام، سەن مەكتەپتە ئوقۇۋاتىسەن. يېقىندا ئىمتىھان تاپشۇرۇشىڭ كېرەك. ئوقۇشۇڭغا زىيان كەلمىسۇن» دەپ نەچچە ئېيتساممۇ، ئۇ تەنھەرىكەتنى تاشلىماي، ئاخىرقى ۋاقىتلاردا كۈندە دېگۈدەك مەشىققە بارىدۇ. بەزىدە بالام «ئاپا، مەن باشقىلار ئوخشاش تالادا بىكار يۈرۈۋاتقىنىم يوق. تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىمەنغۇ» دېگەندىن كېيىن يەنە خاتىرجەم بولۇپ قالىمەن. دىئاسنىڭ ترېنېرى ئىلشات بالىلارغا ياخشى قارايدۇ. ئۇ ياخشى بولغان ئۈچۈن بالىلارمۇ بۇنىڭغا قاتتىق قىزىقىدۇ. سەۋەبى ترېنېر پەقەت تەنھەرىكەتچى بولۇشنىلا ئەمەس، ئادەم بولۇشنىمۇ ئۆگىتىدۇ ئەمەسمۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بارلىقىمىز دىئاسنىڭ دۇنيا چېمپىيونى بولغانلىقىدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇق. ئۇ يەنە شۇنداق ئۇتۇقلارغا يېتىپ، خەلقىمىزنىڭ، قازاقىستان ئېلىمىزنىڭ داڭقىنى چىقىرىۋەرسۇن دەيمىز». 

مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستاندا تەنھەرىكەتنىڭ ھەر خىل تۈرلىرى بويىچە مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ، دۇنيا چېمپىيونى دەرىجىسىگە يەتكەن ئۇيغۇر قىز-يىگىتلىرى كۆپلەپ سانىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئابدۇرېشىت ئابدۇراخمانوف، تۇيغۇن ناسىروف، ھېمىد توختاخۇنوف، زاكىر توختىيېف ئوخشاش كۆپلىگەن ئاتاقلىق تەنھەرىكەتچىلەرمۇ بار.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت