قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە مۇراجىئەتنامە يوللىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز فېرۇزە
2018-11-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
قىرغىزىستاندىكى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىسمائىل تاھىروف 7567 نەپەر كىشى ئىمزا قويغان مۇراجىئەتنامىنى بىشكەكتىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسى سىياسىي بۆلۈمىنىڭ باشلىقى توماس ئەپەندىگە تاپشۇرماقتا. 2018-يىلى 16-نويابىر، بىشكەك.
قىرغىزىستاندىكى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىسمائىل تاھىروف 7567 نەپەر كىشى ئىمزا قويغان مۇراجىئەتنامىنى بىشكەكتىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسى سىياسىي بۆلۈمىنىڭ باشلىقى توماس ئەپەندىگە تاپشۇرماقتا. 2018-يىلى 16-نويابىر، بىشكەك.
RFA/Féruze

16-نويابىر كۈنى قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئاممىۋى تەشكىلاتى ‏- «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىسمائىل تاھىروف قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى نامىدىن 7567 نەپەر كىشى ئىمزا قويغان بىر مۇراجىئەتنامىنى قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا تاپشۇردى.

ئىمزالىق مۇراجىئەتنامە تاپشۇرۇش مۇراسىمى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ بىشكەكتىكى باش ئىدارىسىدە ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمغا قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئەلچىخانىسى سىياسىي ئىشلار بۆلۈمىنىڭ باشلىقى توماس سېلىندجېر ئەپەندى ۋە بۇ بۆلۈمنىڭ مەسلىھەتچىسى جېك لامبېر ئەپەندىلەر تەكلىپ قىلىندى.

قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى نامىدىن تەييارلانغان بۇ مۇراجىئەتنامىدە ئالدى بىلەن پۈتۈن دۇنيادىكى، جۈملىدىن قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە بولغان مىننەتدارلىقى بىلدۈرۈلدى. ئاندىن ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان ئادەتتىن تاشقىرى ۋەزىيەتكە يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى، تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىپ، خىتاينىڭ رايوندا ئېلىپ بېرىۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق سىياسەتلىرىنى توختىتىشقا، جازا لاگېرلىرىدىكى مىليونلىغان بىگۇناھ تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرغانلىقى بىرمۇ-بىر ساناپ ئۆتۈلدى. مەزكۇر مۇراجىئەتنامىنىڭ ئاخىرىدا قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە بولغان تەشەككۈرى شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ يەر شارىدا دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىلدى.

مەزكۇر مۇراجىئەتنامىگە قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلاردىن جەمئىي 7567 كىشى ئىمزا قويغان. رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى ئاياللار كېڭىشىنىڭ مۇدىرى رەشىدەم ئەمەتخانوۋا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان تەقىب سىياسەتلىرىگە بولغان قاتتىق ئەندىشىسىنى بىلدۈردى. ئۇ «قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار گەرچە غەربتىكى دېموكراتىك دۆلەتلەردىكىدەك چوڭ نامايىشلارغا چىقالمىغان بولسىمۇ، ئەمما مىڭلىغان كىشىلەر ئىمزا قويغان مەخسۇس مۇراجىئەت خېتى تەييارلاپ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە يوللىغانلىقى ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھۆرلۈك-ئازادلىقى يولىدا قىلالىغان ئەمەلىي ئىشلىرىنىڭ بىرىدۇر،» دېدى.

7-نويابىر كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىسمائىل تاھىروفنىڭ ۋىدېئولۇق مۇراجىئىتى تارقالدى. شۇ ۋىدېئودا ئىسمائىل تاھىروف قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتىگە قارشى مۇراجىئەت خېتى تەييارلاپ، ئىمزا قويۇشقا ۋە ئۇنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە يوللاشقا چاقىرىق قىلغان ئىدى.

ئىمزا توپلاش ھەرىكىتىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشقان تۇرسۇنئاي ئىسلام خانىم رادىيو زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئىمزا توپلاش ئىشىدىكى قىيىنچىلىقلار ۋە نەتىجىلەر ھەققىدە توختالدى.

تۇرسۇنئاي ئىسلام خانىم سۆزىدە يەنە مەزكۇر مۇراجىئەتنامىگە ئىمزا قويغانلارنىڭ يالغۇز ئۇيغۇرلار بىلەنلا چەكلەنمىگەنلىكىنى، بەلكى قىرغىزىستاندا ياشاۋاتقان باشقا مىللەتلەر بىلەن ئوخشىمىغان دىنىي ئېتىقادتىكى كىشىلەرنىڭمۇ بۇ خەتكە ئىمزا قويۇپ، ئۇيغۇرلارنى قوللىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

بۇ قېتىمقى ئىمزالىق مۇراجىئەتنامە تاپشۇرۇش مۇراسىمىغا قاتناشقان مىرزاھېكىم ھاجىم ئابدۇللايېف زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇراسىم داۋامىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئېغىر كۈلپەتلەر توغرىسىدا ئاجايىپ تەسىرلىك نۇتۇقلارنىڭ سۆزلەنگەنلىكىنى، جەمئىي 7567 كىشى ئىمزا قويغان مۇراجىئەت خېتىنىڭ مەخسۇس بىر پاپكىغا سېلىنىپ، بىشكەكتىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ئارقىلىق ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە يوللانغانلىقىنى بايان قىلدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت