خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنى كۈچەيتىشكە 600 مىليون يۈەن خىتاي پۇلى ئاجراتقان

خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنى كۈچەيتىش ۋە كۆپەيتىشكە 600 مىليون يۈەن خىتاي پۇلى ئاجراتقان. خىتاي كۈندىلىك گېزىتىدە بۇ بۇ پۇلىنىڭ "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىنكى "شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاش" نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاجرىتىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010-03-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خەۋەردە نەقىل قىلىنىشىچە، خىتاي قوراللىق قىسىملىرى سىياسىي كومىسسارى گېنېرال يۇ لىنشىياڭ "گەرچە شىنجاڭ كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىنغان بولسىمۇ، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن بۇ رايون قوراللىق ساقچى قىسىملىرى تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بارىدىغان ئەڭ جىددىي رايونلارنىڭ بىر بولۇپ قالدى" دېگەن.

خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرى ئۇيغۇر ئېلى تارمىقىنىڭ سىياسىي كومىسسارى خو شاۋشىن، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنى كۆپەيتىش ۋە ئۇلارنى ئىلغار قوراللار بىلەن قوراللاندۇرۇش مەقسىتىدە ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق قوراللىق ساقچى قىسىم ئۈچۈن پۇل ئاجرىتىپ بەرگەنلىكىنى دەلىللىگەن.

خو نىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل 8 - فېۋرال ئۈرۈمچىدە يېڭىدىن تەشكىللەنگەن خىتاي قوراللىق ساقچى قىسمىنىڭ 6 - تارماق ئەترىتى ئۈرۈمچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان بولۇپ، بۇ خىلدىكى تارماق ئەترەتلەر يەنە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق ۋىلايەتلىرىدىمۇ كەينى - كەينىدىن قۇرۇلىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت