"ستالىن ۋە ماۋ" ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمدە سەيپىدىن ئەزىزمۇ كۆرۈنىدۇ

يېقىندا رۇسىيىنىڭ "تب مەركەز" ستۇدىيىسى 20-ئەسىردىكى داڭلىق ئىككى كوممۇنىست دىكاتورلىرىدىن يوسىف ستالىن بىلەن ماۋ زېدوڭنىڭ ھەمكارلىق تارىخىغا ئائىت بىر ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەپ تارقاتتى.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2010-12-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

فىلىمنىڭ نامى " ماۋ ۋە ستالىن" بولۇپ، مەزكۇر فىلىم ھۆججەتلىك فىلىم رېجىسورلىرىدىن لېئونىد ملېچىن ۋە يېكاتېرىنا گالپېرىنا تەرىپىدىن ئىشلەنگەن.

گەرچە مەزكۇر فىلىمنىڭ ئىشلەنگەنلىكىگە بىر يىلچە بولغان بولسىمۇ، بىراق رۇسىيە كۆرەرمەنلىرى تەرىپىدىن ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەن فىلىملەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

فىلىمدە ماۋزېدۇڭنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭ رەھبىرى ستالىن بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە ئائىت كۆپلىگەن ئىلگىرى مەخپىي تۇتۇلغان سۈرەتلىك ۋە يازما ھۆججەتلەر ھەمدە بىر قىسىم نەق مەيداندىن تارتىلغان فىلىملەردىن پارچىلار ئورۇن ئالغان.

فىلىمدە ماۋزېدۇڭ قانداق قىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتتى؟ نېمە ئۈچۈن ستالىن ئۇنى ياخشى كۆرمىدى؟ دېگەندەك سوئاللارغا جاۋاب بېرىلگەن.

فىلىمدىكى ئەڭ مۇھىم ھۆججەتلىك كىنو لېنتىلىرىنىڭ بىرى 1949-يىلى، 12-ئايدا ماۋ زېدوڭنىڭ موسكۋاغا ئېلىپ بارغان مەخپىي زىيارىتىدۇر.

يەنە بىر قىزىقارلىق كۆرۈنۈش، 1950-يىلى، 2-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى "سوۋېت-خىتاي دوستلۇق شەرتنامىسى"نىڭ ئىمزالىنىش مۇراسىمى بولۇپ، بۇ يەردە ئەينى ۋاقىتتا ماۋ زېدوڭ بىلەن موسكۋاغا بارغان سەيپىدىن ئەزىزمۇ نامايان بولىدۇ. سەيپىدىن ئەزىزنىڭ ستالىن ۋە ماۋ زېدوڭ بىلەن بىر سورۇندىكى قىسقا كۆرۈنۈشىنى بۇ يەردىن كۆرۈش مۇمكىن.

مەلۇمكى، 1949-يىلى 2- ئايدىكى سوۋېت ۋەكىلى مىكوياننىڭ شىبەيپو زىيارىتى، 1949-يىلى، 7-ئايدىكى لىۇ شاۋچىنىڭ موسكۋا زىيارىتى جەريانىدا غۇلجىنى مەركەز قىلغان سابىق شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تەقدىرى پىچىلغان ئىدى. ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن، 1950-يىلىنىڭ بېشىدا سەيپىدىن ئەزىز ماۋ زېدوڭ تەرىپىدىن موسكۋاغا ئېلىپ بېرىلىپ، سوۋېت-خىتاي دوستلۇق شەرتنامىسىنى ئىمزالاش، بولۇپمۇ مەزكۇر كېلىشىمگە ئاساسەن سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئۇيغۇر ئېلى ئارىسىدىكى ئايرىم كان بايلىقلىرىنى ئېچىشقا ئائىت كېلىشىمنى ئىمزالاشقا بىۋاسىتە قاتناشتۇرۇلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت