ئامېرىكىلىق تۈركلەر بىخەتەرلىك جەمئىيىتى 5 ‏- ئىيۇل كۈنىنى شېھىدلەر خاتىرە كۈنى قىلىپ بېكىتتى

نيۇيوركتا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئامېرىكىلىق تۈركلەر بىخەتەرلىك جەمئىيىتى 5 ‏- ئىيۇل كۈنىنى شەرقى تۈركىستان شېھىدلىرىنى خاتىرىلەش كۈنى قىلىپ بېكىتكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010-04-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

جەمئىيەت باشلىقى فاتىخ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇنىڭدىن كېيىن مەزكۇر جەمئىيەت ھەر يىلى 5 ‏- ئىيۇل كۈنى شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىگە ئالاقىدار يىغىن نامايىش ياكى ئاخبارات ئېلان قىلىش قاتارلىق شەكىللەردە پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، بۇلتۇر 5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە ۋەقەگە چېتىلىپ ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن ئۇيغۇرلارنى خاتىرىلەيدۇ.

فاتىخ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ جەمئىيەت بۇ يىلقى خاتىرە كۈنىدە نامايىش ئۇيۇشتۇرماقچى.

5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بەرگەندە تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى ۋەقەگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلگەن ھەم خىتاي ھۆكۈمىتىگە جىددىي ئىنكاس قايتۇرغان؛ ئامېرىكا ۋە ياۋروپادا ياشاۋاتقان تۈركلەرمۇ، شۇ دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئاكتىپ پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان ئىدى.

فاتىخ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىم 5 ‏- ئىيۇلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان نامايىشقا، تۈركلەردىن باشقا يەنە، نيۇيوركتىكى ئەزەربەيجانلىقلارمۇ قاتنىشىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت