ئولسى يازېجى : خىتاينىڭ «كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى» دوزاخنىڭ نەق ئۆزى ئىكەن

مۇخبىرىمىز ئالىم سېيىتوف
2019-08-31
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئولسى يازېجى : خىتاينىڭ «كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى» دوزاخنىڭ نەق ئۆزى ئىكەن

مۇخبىر: ھۆرمەتلىك دوكتور ئولسى يازېجى ئەپەندى، سىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغانلىقىڭىزغا كۆپ رەھمەت!

يازېجى: ئەرزىمەيدۇ.

مۇخبىر: مېنىڭ تۇنجى سوئالىم، سىز قاچاندىن بېرى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ياشايدىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ پاجىئەلىك ۋەزىيىتىدىن خەۋەر تاپقان ئىدىڭىز؟

يازېجى: مەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى 1990-يىللىرىدا مالايسىيادە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا ئاڭلىغان. راستنى دېسەم، ماڭا نىسبەتەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ياسىغانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنى بۇ جايلارغا قاماپ، زىيانكەشلىك قىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر بىرئاز ئىشەنچسىزدەك تۇيۇلدى. بۇ ئەھۋال مېنىڭ بۇ مەسىلىنىڭ تېگى-تەكتىنى بىلىش ئۈچۈن ئىزدىنىشىمگە تۈرتكە بولدى.

مۇخبىر: سىز يېقىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى زىيارەت قىلىپ كەپسىز. سىزنى خىتاي ھۆكۈمىتى تەكلىپ قىلدىمۇ ياكى سىز ئۆز ئالدىڭىزغا باردىڭىزمۇ؟ سىزنىڭ بۇ قېتىملىق سەپىرىڭىزنىڭ خىراجىتىنى كىم چىقاردى؟ خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ ياكى ئۆزىڭىزمۇ؟

يازېجى: مېنى خىتاي ھۆكۈمىتى تەكلىپ قىلدى، سەپىرىمنىڭ چىقىملىرىنىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى چىقاردى. مەن ئۇلارغا مېنىڭ بىر ژۇرنالىست ۋە تەتقىقاتچى ئىكەنلىكىمنى بىلدۈردۈم. مەن ئىلگىرى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارغا نېمە بولۇۋاتقانلىقى توغرىسىدا خېلى كۆپ نەرسىلەرنى ئاڭلىغان ئىدىم.

مۇخبىر: خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بېرى نۇرغۇنلىغان چەتئەللىك مۇخبىرلارنى، بولۇپمۇ ئۆزىنىڭ مەيدانىنى ياقلايدىغان دۆلەتلەردىكى مۇخبىرلارنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلدۇرۇپ كەلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم نېمە ئۈچۈن سىزنى تەكلىپ قىلىپ بۇ لاگېرلارنى زىيارەت قىلدۇردى؟

يازېجى: مېنىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋە ئۇنىڭ تاشقى سىياسىتى توغرىسىدا ئىجابىي كۆز قارىشىم بار ئىدى. مەن بەزىدە غەرب ئەللىرى خىتايغا ئادىل مۇئامىلە قىلمايۋاتىدۇ، دەپ ئويلايتتىم. «يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ مەتبۇئات خادىملىرى يىغىنى» ناملىق بۇ پروگراممىغا بەلكىم مۇشۇ سەۋەبتىن تاللانغان بولۇشۇم مۇمكىن.

مۇخبىر: سىز ۋىدېيولۇق بەرگەن گۇۋاھلىقىڭىزدا «خىتايغا ياخشى نىيەت بىلەن باردىم، يەنى ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى لاگېرلار توغرىسىدىكى تەشۋىقاتلىرىنىڭ خاتالىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن باردىم،» دەپسىز. سىز راستىنىلا شۇ سەۋەبتىن بۇ لاگېرلارنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ كېلەي دەپ بارغانمۇ؟

يازېجى: مېنىڭ شىنجاڭغا بېرىش ئارزۇيۇم بار ئىدى، چۈنكى ئۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ ۋە تەكشۈرۈپ چىقىشنى ئويلىغان ئىدىم. ئەمما مەن ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن غەربنىڭ خىتاي توغرىسىدا بەرگەن خەۋەرلىرىنىڭ يالغان خەۋەر ئەمەسلىكىنى بىلىپ يەتتىم.

خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭغا، بولۇپمۇ ئۈرۈمچىگە ناھايىتى كۆپ مەبلەغ سېلىۋېتىپتۇ. شۇڭا بىز ئۇ يەرگە يېتىپ بارغان دەسلەپكى كۈنلەردىكى تەسىراتىمىز بەكمۇ ياخشى بولدى. ئۈرۈمچى ھەيۋەتلىك بىنالار بىلەن تولغان زامانىۋى ۋە يېڭى بىر شەھەر ئىكەن. بىز ئۈرۈمچىنىڭ قىياپىتىنى كۆرۈپلا بۇ يەردىكى ئىشلار ياخشى كېتىپ بارغاندەك، غەربتە ئاڭلىغانلىرىمىز راست ئەمەستەك تۇيۇلدى.

شۇنداق بولسىمۇ مەن بىر كەسپىي تارىخچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ھەر بىر دېتالغا ئىنچىكىلىك بىلەن دىققەت قىلدىم. بىزنى يېتەكلەپ ماڭغان خىتاي چۈشەندۈرگۈچىلەر بۇ زېمىننىڭ مەڭگۈ خىتايغا تەۋە ئىكەنلىكىنى، بۇ يەردىكى مەدەنىيەتمۇ خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ بىر پارچىسى سانىلىدىغانلىقىنى قايتا-قايتا سۆزلەپ ئۆتتى. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار بۇ يەرگە كېيىن كۆچۈپ كەلگەن كۆچمەنلەر ئىكەن. ئىسلام دىنىمۇ بۇ يەرگە سىرتتىن كىرگەن بىر دىن بولۇپ، ئوتتۇرا ئەسىردە زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق بىلەن تارقالغان ئىكەن.

ئۇلار بىزنى ئۈرۈمچى، ئاقسۇ ۋە قەشقەردىكى مۇزېيلارنى زىيارەت قىلدۇردى. بۇ مۇزېيلاردىمۇ خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ چۈشەندۈرۈشى بويىچە تونۇشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلدى. ئۇنىڭدا بۇ رايوننىڭ تارىختىن بۇيان خىتايغا تەۋە ئىكەنلىكى، بۇ رايوننىڭ ئەسلى مەدەنىيىتىنىڭ خىتاي سۇلالىلىرىنىڭ تارىخى ۋە بۇددىزم مەدەنىيىتى بىلەن زىچ باغلانغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئۇنىڭدا يەنە بۇ رايوندىكى «ئاپتونومىيە» ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، تاتار ۋە باشقا خەلقلەر «تاجاۋۇزچى» قىلىپ كۆرسىتىلگەن.

بىزنىڭ خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ بۇ چۈشەندۈرۈشلىرىدىن ئالغان تەسىراتىمىز بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى سىياسەتلىرى ۋە «ئاق تاشلىق كىتاب» لىرىدا دېيىلىۋاتقان تەشۋىقاتلىرى بىلەن ئوخشاش بولۇپ چىقتى. بۇ بىر ئىمپېرىيال چۈشەنچە بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاي خەلقى ئەڭ ئۈستىگە قويۇلغان ئىدى، باشقا خەلقلەر بولسا خىتاينىڭ بۇددىزم مەدەنىيىتىگە ۋە خىتاينىڭ ئىمپېرىيال تارىخىغا بويسۇنىدىغان خەلقلەر قىلىپ كۆرسىتىلگەن ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ بۇ چۈشەندۈرۈشلىرى بىزنى قاتتىق ھەيران قالدۇردى شۇنداقلا خىتاينىڭ قانداق بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنىمۇ بىزگە ھېس قىلدۇردى. بۇ رايوندىكى كەڭ كۆلەملىك تۇتۇپ تۇرۇش ئورنى، يەنى سىلەر غەربتە «يىغىۋېلىش لاگېرى» دەپ ئاتايدىغان، بىزنىڭ خىتاي دوستلىرىمىز «كەسپىي تەربىيەلەش ئىنستىتۇتلىرى» دەپ ئاتاۋاتقان يەردە دوزاخنىڭ نەق ئۆزىنى كۆردۇق.

مۇخبىر: سىزنىڭچە، بۇلار «كەسپىي تەربىيىلەش مەركەزلىرى» مۇ؟ بۇلارنى نېمە دەپ ئاتاش كېرەك؟

مەن بۇ ئورۇنلارنى نېمە دەپ ئاتىسا مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى بىلمىدىم ھەم ئازابلاندىم. مەن بۇلارنى «يىغىۋېلىش لاگېرى» دەپ ئاتاپ، خىتاي دوستلىرىمىزنى رەنجىتكۈم يوق. مەن بۇلارنى كەڭ كۆلەملىك «تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزى» دەپ ئاتايمەن. غەرب تاراتقۇلىرى بۇ كەڭ كۆلەملىك «تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرى» دە مىليونلىغان ئۇيغۇرلار تۇتۇپ تۇرۇلماقتا دەۋاتىدۇ. ئەمما خىتاي چۈشەندۈرگۈچىلەر بىزگە غەرب تاراتقۇلىرى دەۋاتقان بۇ ساننىڭ مۇبالىغە ئىكەنلىكىنى كۆپ قېتىم ئېيتتى. ئۇلار بىزگە بۇ «مەركەز» لەردە 500 مىڭغە يېقىن ئۇيغۇرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلار بىزگە يەنە بۇنداق «مەركەز» لەردىن 68 بار دېدى. بۇ «مەركەز» لەر پەقەت شىنجاڭدىلا قۇرۇلغان ئىكەن. بۇ «مەركەز» لەرگە ئەۋەتىلگەنلەر خىتاي ئەمەس، ئۇلار خوڭكوڭ، ماكاۋ ياكى بېيجىڭدىن كەلگەنلەر ئەمەس. ئۇلار پەقەتلا مۇسۇلمان ئۇيغۇرلاردۇر. بىزنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتىمىزدىن ئالغان تەسىراتىمىز – شىنجاڭ ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى نىشانلىق تاللاپ، ئۇلارغا جازالاش سىياسىتى يۈرگۈزمەكتە.

بىز زىيارەت قىلغان تۇنجى زور كۆلەملىك «تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزى» ئونسۇ ناھىيەلىك «كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى» دۇر. بۇ مەكتەپ ئاقسۇ شەھىرىدىن 100-200 كىلومېتىر كېلىدىغان بىر چۆللۈككە جايلاشقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەتراپىدا ھېچنېمە يوق. بۇ خۇددى ئالكاتراز تۈرمىسىگە ئوخشايدۇ. بىز ئۇ يەردە پەقەتلا ئۆيلىرىدىن گۆرۈگە ئېلىنىپ بۇ يەرگە سولانغان 20 ياش ئەتراپىدىكى بالىلارنى كۆردۇق. ئۇلارنىڭ قامىلىشىدىكى بىردىن-بىر سەۋەب ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقى ئىكەن.

مۇخبىر: سىز بۇ سەپەرگە ئاتلىنىشتىن بۇرۇن، يەنى خىتايغا بېرىپ بۇ لاگېرلارنى كۆرۈشتىن بۇرۇن، بۇ يەردە نېمىلەرنى كۆرىمەن دەپ ئويلىغان ئىدىڭىز؟ بۇ لاگېرلارغا قانداق ئادەملەر قامالغان دەپ تەسەۋۋۇر قىلغان ئىدىڭىز؟

يازېجى: مەن ئۈرۈمچىدىكى ۋاقتىمدا، يەنى بۇ لاگېرلارغا بېرىپ ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ ئىچىدە جېنىنى پىدا قىلىدىغان بومبا پارتلاتقۇچى، تېررورىست، ئادەم، قاتىل ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا جىنايەتچىلەرنى كۆرىمەن دەپ خىيال قىلغان ئىدىم. ئەمما بىز بۇ لاگېرغا كىرىپ كۆرگەندىن كېيىن بۇ يەردە پەقەتلا بىگۇناھ ئادەملەرنىڭ قامالغانلىقىنى ھېس قىلدۇق. ئۇلارنىڭ بىردىن بىر جىنايىتى پەقەت مۇسۇلمان ۋە ئۇيغۇر بولۇپ قالغانلىقى ئىكەن.

خىتاي دوستلىرىمىزنىڭ بىزگە كۆرسەتمەكچى بولغىنى تۈرمە ياكى كەڭ كۆلەملىك تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرى بولماستىن، بەلكى ئۇيغۇر بالىلار كەسپىي دەرس ئالىدىغان، ناخشا-ئۇسسۇل ياڭراپ ھەممە خۇشاللىققا چۆمگەن بىر كەسپىي تەربىيىلەش مەكتىپىدۇر. شۇڭا ئۇلار بىزنى بۇ يەرگە باشلاپ كەلگىنىدە بۇ يەرگە قامالغان بالىلار ئۆزلىرى تەييارلىغان ناخشا-ئۇسسۇللىرىنى بىزگە كۆرسەتتى. مەن خىتاي دوستلىرىمىزغا ئۆزۈمنىڭ بۇ يەرگە ئويۇن-تاماشا كۆرگىلى كەلمىگەنلىكىمنى، بەلكى بۇ يەردە نېمە ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇ ئادەملەرنىڭ كىملىكىنى، ئۇلارنىڭ نېمە جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى ۋە نېمە سەۋەبتىن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى تەكشۈرۈپ بىلمەكچى ئىكەنلىكىمنى دېدىم. خىتاي دوستلىرىمىز مەندىن بەكلا خاپا بولدى. ئۇلار مېنىڭ باشقىلارنى ئىختىيارىمچە زىيارەت قىلىشىمغا يول قويمىدى. ئۇلار ماڭا «سەن ئۇلارنى زىيارەت قىلساڭ بولمايدۇ، چۈنكى ئۇلار ۋاسكېتبول ياكى باشقا ئويۇنلارنى ئويناۋاتىدۇ،» دېدى. ئۇلار ھەر ۋاقىت سەگەك تۇردى، ھەتتا سوئاللىرىمىزدىن چۆچۈپلا تۇردى. ئۇلار بىزنىڭ پۈتۈن زىيارىتىمىز جەريانىدا باشقىلارنى، ھەتتا كوچىدا ئۇچرىغان كىشىلەرنىمۇ زىيارەت قىلىشىمىزغا يول قويمىدى.

مەن ئارىلىقتا ئىشىكى ئوچۇق بىر ياتاقنى كۆردۈم. مەن ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئەھۋالنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن يانفونۇمنى ئېلىپ كىردىم. بۇ ياتاق 20 كۋادرات مېتىردەك كېلىدىكەن، ياتاقتا 10 كارىۋات بار ئىكەن. ئۇنىڭ ئىچىدە بىرلا ھاجەتخانا بار ئىكەن، ئىچىدە تەرەت قىلىدىغان يېرى توسۇلمىغان ئىككىلا ئورۇن بار ئىكەن. بۇ ھەقىقىي تۈرمىنىڭ بىر كامىرىغا ئوخشايدىكەن.

مەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بىر خىتاي ئوقۇتقۇچىدىن بۇ ئادەملەرنىڭ نېمە سەۋەبتىن بۇ يەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ نېمە جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى سورىدىم. ئۇ ماڭا بۇ بىر «كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى» دەپلا جاۋاب قايتۇردى. مەن ئۇنىڭدىن «ئۇلار بۇ يەردىن ئايرىلىپ ئۆيىگە كېتىمەن دېسە قانداق بولىدۇ،» دەپ سورىدىم. ئۇ «ياق، ئۇلار قايتىشقا بولمايدۇ» دەپ جاۋاب بەردى. ئۇنىڭ جاۋابى بىزگە ئۆزىنىڭ ئىرادىسىگە قارشى ئېلىپ كېلىنگەن بۇ بالىلارنىڭ تۇرغان جايىنىڭ ئەمەلىيەتتە تۈرمە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى.

ئۇنىڭدىن كېيىن مەن ئۇيغۇرلارغا سالام بەردىم. يەنى مەن ئۇلارغا «ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەلەيكۇم!» دېدىم. ئۇلارنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمان. ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىمۇ قۇدرەت، ئايشەم، مەھمۇت دېگەندەك مۇسۇلمانچە ئىسىملار ئىكەن. ئەمما ئۇلار ماڭا مۇسۇلمانچە سالام قايتۇرماي، بەلكى خىتايچە «نى خاۋ!» دېگەن سۆز بىلەن جاۋاب قايتۇردى.

مۇخبىر: سىزنىڭچە، ئۇلار نېمە ئۈچۈن بۇنداق سالاملىشىدۇ؟

يازېجى: بىزنىڭ بۇ كەڭ كۆلەملىك تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدە چۈشەنگىنىمىز شۇكى، بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىنگەنلەرنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشى پۈتۈنلەي چەكلەنگەن. ئۇلارنىڭ ھەر ۋاقىت خىتاي تىلىدا سۆزلەشكە مەجبۇرلانغان. ئۇلار يەنە ئۆزىنىڭ دىنىي ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلانغان.

مەن ئۇلار بىلەن بولغان سۆھبىتىمدە: «سىلەر مۇسۇلمانمۇ؟» دەپ سورىدىم. ئۇلار «ياق» دەپ جاۋاب بەردى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى «ياق» دېدى. مەن ئۇلاردىن: «سىلەر دىنغا ئىشىنەمسىلەر؟» دەپ سورىدىم. ئۇلارنىڭ ھەممىسى «ياق» دېدى. ئاندىن ئۇلار ماڭا: «بىز دىنغا ئىشەنمەيمىز، بىز ئىلىم-پەن بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيەگە ئىشىنىمىز،» دېدى. ئۇلار بۇ مەركەزلەرگە كېلىشتىن بۇرۇن مۇسۇلمان ئىدى. ئۇلاردىن بىرى كوچىدا سالات ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىنگەن ئىكەن. يەنە بىر قىز بىر ئوغۇل بالا بىلەن مۇھەببەتلىشىپ نىكاھ ئوقۇتقانلىقى ئۈچۈن بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىنگەن ئىكەن. مانا ئۇلارنىڭ جىنايىتى پەقەتلا ناماز ئوقۇغانلىقى ياكى ئۆيلىنىش ئۈچۈن نىكاھ ئوقۇتقانلىقى ئىكەن. يەنە بىر قىز «قۇرئان» ئوقۇشنى ئۆگەنگەنلىكى ئۈچۈنلا بۇ يەرگە سولانغان ئىكەن. يەنە بىر قىز ناماز ئوقۇغانلىقى، ياغلىق چەگكەنلىكى ۋە ئانىسىغا «بىرگە ناماز ئوقۇيلى» دېگەنلىكى ئۈچۈنلا بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىنگەن ئىكەن.

بىز بۇ يەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلارنىڭ «جىنايەت» لىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مەن بۇ بالىلارنىڭ «جىنايەتچى» ياكى «تېررورچى» ئەمەسلىكىنى بىلدىم. چۈنكى دىنغا ئىشىنىش، خۇداغا ئىبادەت قىلىش غەرب ئەللىرىدە ياشايدىغان بىزلەر ئۈچۈن ئەڭ ئاددىي كىشىلىك ھوقۇقتۇر. شۇڭا بىز ئاقسۇدىكى يىغىۋېلىش لاگېرى ياكى كەڭ كۆلەملىك تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدىكى بۇ بالىلارنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ بىردىن-بىر «جىنايىتى» نىڭ پەقەتلا ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقى ۋە ئۇيغۇرلۇق كىملىكى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۇق.

مۇخبىر: سىزنىڭچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا بۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ؟

يازېجى: مەن بىلەن سۆزلەشكەن خىتاي چۈشەندۈرگۈچىلەردىن بىرى بىر جەھەتتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا 1970 ‏- يىللىرىدىن باشلاپلا مۇشۇنداق بىر سىياسەت يۈرگۈزمىگەنلىكىدىن پۇشايمان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلارنىڭ مەقسىتى ئۇيغۇرلارنى تامامەن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەن. ئۇلار ئاسسىمىلاتسىيەنى بىر قانچە خىل ئۇسۇل بىلەن ئېلىپ بېرىۋېتىپتۇ. بىرىنچىدىن، «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى ئارقىلىق خىتاي ئىشچىلىرى ۋە كۆچمەنلىرىنى شىنجاڭغا تۈركۈملەپ ئېلىپ كېلىۋېتىپتۇ. ئىككىنچىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتى «ئىقتىسادىي ياردەم» دېگەن نامدا ئۇيغۇرلارنى تارقاقلاشتۇرۇپ خىتايلار بىلەن ئارىلىشىپ ياشاشقا مەجبۇر قىلىۋېتىپتۇ. ئۈچىنچىسى، كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە قاماش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىۋېتىپتۇ. مېنىڭچە، بىر مىليون دېگەن سان مۇبالىغە ئەمەس، ئەمما خىتاي دوستلىرىمىز بىزگە يېرىم مىليون دېدى.

مۇخبىر: دوكتور يازېجى، سىز دۇنيانىڭ ھەر قانداق بىر يېرىدە ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ئۆزىنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە مىللىي كىملىكى سەۋەبلىك مىليونلاپ تۈرمىدە يېتىۋاتقان باشقا بىر خەلقنى بىلەمسىز؟

يازېجى: ياق، بىلمەيمەن. مەن شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ قاتتىق ھەيران قالدىم. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بىزنىڭ زىيارىتىمىز خىتاي دوستلىرىمىز بىلەن بىر يېرىلىش نۇقتىسىغا كېلىپ قالدى. راستنى دېسەم، مەن خىتايغا غەربنىڭ بۇ مەسىلە ئۈستىدىكى قاراشلىرى ۋە چۈشەندۈرۈشلىرىنى پاچاقلاپ تاشلاش كېرەك دېگەن نىيەتتە بارغان ئىدىم. ئەمما مېنىڭ ئۇ يەردە كۆرگەنلىرىم بەكلا قورقۇنچلۇق بىر رېياللىقتۇر. مەن خىتاي دوستلىرىمىزنىڭ مەندىن قاتتىق رەنجىگەنلىكىنى بىلىمەن. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ھەتتا مەندىن «سەن كىم؟» دەپ سورىدى. ئۇلار بەلكىم مېنى بىر جاسۇسمىكىن دەپ ئويلاپ قالغان بولۇشى مۇمكىن.

مۇخبىر: ئۇلار سىزگە ياكى سىز بىلەن بىر سەپەردە بولغان مۇخبىر دوستلىرىڭىزغا تەھدىت سالدىمۇ؟

يازېجى: سەپىرىمىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنلىرى، يەنى قەشقەردە بولغان ۋاقتىمىزدا بىزگە يول بويى بىر خىتاي كومپارتىيە سېكرېتارى ھەمراھ بولدى. ئەگەر خاتالاشمىسام، ئۇنىڭ ئىسمى لى ئەپەندى. ئۇ بىزگە ئاپتوبۇستىكى ۋاقتىمىزدا تەھدىت ئارىلاش گەپ قىلدى. ئۇ: «مەن سىلەرنىڭ بۇ يەردە قىلغان زىيارىتىڭلار جەريانىدا كۆرگەن بەزى نەرسىلەرنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمىگىنىڭلارنى بىلىمەن. بىز سىلەرنىڭ بىز توغرىسىدا يامان خەۋەر يېزىشىڭلارنى خالىمايمىز ۋە قوبۇل قىلمايمىز،» دېدى.

مۇخبىر: ئۇ سىلەرگە ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرگەن نەرسىلەرنى يوشۇرىسىلەر، ھەقىقەتنى دېمەيسىلەر دەپ تەھدىت سالدىمۇ؟

يازېجى: شۇنداق، ئۇلار بىزنىڭ مۇخبىر دوستلىرىمىزغا قارىتا تېرە تاراقشىتتى. بۇنىڭ بىلەن مۇخبىرلارمۇ: «بولىدۇ، بىز بۇ توغرىسىدا ھېچنېمە دېمەيمىز،» دېدى.

مۇخبىر: سىزنىڭچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىشى مۇمكىنمۇ؟

يازېجى: مەن بىزنىڭ خىتاي دوستلىرىمىزغا ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى دېدىم. مەن ئۇلارغا تارىخنى ئۆگىنىشنى تەۋسىيە قىلدىم. مەن ئۇلارنىڭ سەمىگە سابىق يۇگوسلاۋىيەنى سالدىم، يەنى سلوبودان مىلوشېۋىچنىڭ بوسنىيەلىك ۋە كوسوۋولۇقلارغا نېمىلەرنى قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتىم. ئۇلارغا سېربىيەنىڭ مۇستەملىكە سىياسىتى ۋە باشقا مىللەتلەرنى سېربلەشتۈرۈش سىياسىتىنىڭ يۇگوسلاۋىيەدە مەغلۇپ بولغانلىقى، بۇنىڭ يۇگوسلاۋىيەنىڭ پارچىلىنىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى تەكىتلىدىم. مەن خىتاي دوستلارنى بۇ تارىخنى ياخشى ئۆگىنىشنى تەۋسىيە قىلدىم. مەن ئۇلارغا «سىلەرنىڭ قىلىۋاتقىنىڭلار پەقەتلا خىتاي ئىمپېرىيالىزىمىدۇر،» دىېدىم.

ھالبۇكى، مەن ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان بۇ ئىشىلىرى توغرىسىدا نارازىلىق بىلدۈرسەم، ئۇلار مېنىڭ پىكرىمنى قوبۇل قىلمىدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار خىتايچە ئۆگىنىپ، 2-3 يىلدا لاگېردىن چىققاندىن كېيىن پۈتۈنلەي خىتايغا ئايلىنارمىش ۋە خىزمەتكە ئېرىشەرمىش، بۇ ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان ياخشىلىقىمىش. ئۇلار: «بىز ئۇيغۇرلارنى ھەقسىز مائارىپ بىلەن تەمىنلەۋاتىمىز» دەپ قارايدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت