«ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» دە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تونۇشتۇرۇلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-05-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
«ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» يىغىنىدا نۇرىي تۈركەل يىغىن ئەھلىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى يەنە بىر قېتىم جانلىق ۋە تەسىرلىك قىلىپ تونۇشتۇردى. 2019-يىلى 27-ماي، نورۋېگىيە.
«ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» يىغىنىدا نۇرىي تۈركەل يىغىن ئەھلىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى يەنە بىر قېتىم جانلىق ۋە تەسىرلىك قىلىپ تونۇشتۇردى. 2019-يىلى 27-ماي، نورۋېگىيە.
Photo: RFA

باش شتابى نيۇ-يورك شەھىرىدىكى «كىشىلىك ھوقۇق فوندى» 2009-يىلىدىن بۇيان ئوسلو شەھىرىدە يىلدا بىر قېتىم «ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» يىغىنى ئېچىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، يىغىندا نۇقتىلىق قىلىپ كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئاياق-ئاستى بولۇشى، ھاكىممۇتلەق ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئەڭ يېقىنقى ئەھۋالىغا قاراپ چىقىش قاتارلىق مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.

27-مايدىن 29-مايغىچە ئېچىلىدىغان بۇ يىللىق يىغىن لەرزان مۇزىكا ساداسى ئىچىدە باشلاندى. ئىنسانىي مۇھەببەتنىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە دۇنيانىڭ گۈزەللىكى تولىمۇ نەپىسلىك بىلەن زىچ جىپسىلاشقان كۈي زالدىكى كىشىلەرنىڭ يۈرەك تارىنى قاتتىق چەككەنلىكى ئولتۇرغانلارنىڭ چىراي ئىپادىلىرىدىن مانا مەن، دەپلا چىقىپ تۇراتتى.

شۇنىڭدىن كېيىن يىغىن باشقۇرغۇچى نورۋېگىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارىيە سۆرېيدىنى سەھنىگە تەكلىپ قىلدى. ئۇ سۆزىدە نۇقتىلىق قىلىپ نۆۋەتتە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشنىڭ دۇنياۋى ئۆلچەم بولۇپ قالغانلىقىنى، بۇ مەسىلىدە پۈتۈن دۇنيانىڭ، ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرنىڭ، شۇنداقلا بارلىق شەخسلەرنىڭ بىرلىكتە كۈچ چىقىرىشى لازىم ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ ھازىر يەرلىك خەلقلەر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى ھىمايە قىلغۇچىلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشى بارغانسېرى ئېغىرلاۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە نورۋېگىيەنىڭ ھەمدە ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرنىڭ بۇ مەسىلىدە ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشى لازىملىقىنى كۆرسەتتى.

يىغىننىڭ كۈنتەرتىۋى بويىچە، يىغىن باشقۇرغۇچى تۇنجى بولۇپ سۆز تېمىسىنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە يۆتكىدى.

يىغىن رىياسەتچىسى ئالدى بىلەن يىغىن ئەھلىنىڭ ھۇزۇرىغا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قىسقا فىلىمنى ھەدىيە قىلدى. بۇ فىلىمدا ئاساسلىقى ئۇيغۇر ئادۋوكات نۇرىي تۈركەل مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتايدىغان بۇ زېمىندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت جەھەتلەردە قانداق باستۇرۇش ۋە زۇلۇملارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيان ئۇيغۇرلاردىكى بارچە مەنىۋىيەت دۇردانىلىرىنى «ئەسەبىيلىك» كە باغلاپ، «ئۈچ خىل كۈچلەر» گە زەربە بېرىش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نامىدا يوقىتىۋاتقانلىقى، مىليونلارچە كىشىنى لاگېرلارغا قاماشنى بولسا مۇشۇ تەدبىرلەرنىڭ ئېھتىياجى، دەپ چۈشەندۈرۈۋاتقانلىقىنى ئاممىباب شەكىلدە تولىمۇ تەسىرلىك بايان قىلغان ئىدى.

شۇنىڭدىن كېيىن ئادۋوكات نۇرىي تۈركەل كۆپچىلىكنىڭ ئالقىش ساداسى ئىچىدە سەھنىگە چىقىپ، «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بوھران: خىتاينىڭ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» دېگەن تېمىدىكى قىسقا نۇتقىنى باشلىدى. ئۇ ئالدى بىلەن يىغىن ئەھلىگە ئۆز پەرزەنتىنى مەكتەپكە ئېلىپ ماڭغان ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈنلا ھەر بىرەر-ئىككى يۈز قەدەمدە بىر قېتىم كىملىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتىدىغانلىقى، مەكتەپتىكى گۆدەكلەرنى بولسا ئوقۇتقۇچىلار گەپكە سالغان بولۇپ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئۆيدە ناماز ئوقۇيدىغان ياكى ئوقۇمايدىغانلىقى دېگەندەك ئىشلارنى سورايدىغانلىقى، بۇ گۆدەكلەرنىڭ بىلمەستىن دەپ سالغان گەپلىرى ئۈچۈن ئاشۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلىدىغانلىقى، تىرىك يېتىمگە ئايلىنىپ قالغان بۇ سەبىي گۆدەكلەرنىڭ بولسا ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى دارىلئېتاملارغا يوللاپ بېرىلىدىغانلىقىدەك مەنزىرىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، بۇ ئىشلارنىڭ توقۇلما ھېكايىلەردىكى قاباھەتلىك تەسۋىرلەر ئەمەس، بەلكى ھازىرقى زاماندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىشىنىڭ مۇشۇ يېقىندا باشلانغان ھادىسە ئەمەسلىكىنى، بۇنىڭ ئۆزى شۇ خىلدىكى ئەمگەك لاگېرلىرىدا دۇنياغا كەلگەن ۋاقىتلاردىلا ئاللىقاچان باشلىنىپ بولغانلىقىنى، 1980-يىللارغا كەلگەندە بولسا ئۇيغۇرلارغا قىسقا مۇددەتلىك «قىسمەن ئەركىنلىك» مۇھىتى نېسىپ بولغانلىقىنى، ئەمما 1990-يىللاردىن باشلاپ بۇ «ئەركىنلىك» نىڭ تەدرىجىي غايىب بولغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭمۇ ئۆزىنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى ئاشكارىلاپ ئەڭ رەزىل بىر ھاكىمىيەت شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى، 2009-يىلىدىن كېيىن بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئەسەبىيلىككە قارشى كۈرەش قىلىش» نامىدا ئىجتىمائىي كونتروللۇقنى ھەربىيلەشتۈرۈپ چىققانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق ھازىرقى زور كۆلەملىك سىياسىي باستۇرۇشنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى تەسۋىرلەپ بەردى.

نۇرىي تۈركەل يىغىن ئەھلىگە ئۇيغۇرلار ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق كونتروللۇق، ھەممىلا يەرنى قاپلىغان كۆزىتىش كامېرالىرى، بارلىق شەخسىيەت ھوقۇقلىرىنىڭ ئىگىلىۋېلىنىشى قاتارلىقلارنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن ئىككى يىلنىڭ ئىچىدىلا ئىككى مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قاماپ بولغانلىقىنى، بۇ ساننىڭ بولسا پۈتكۈل نورۋېگىيە ئاھالىسىنىڭ يېرىمىغا توغرا كېلىدىغانلىقىنى، مۇشۇنچە كۆپ ئادەمنى قامىۋالغان لاگېرلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ «ئىجتىمائىي قايتا قۇرۇش» باسقۇچىدىن ئۆتۈۋاتقانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بولسا ئۇيغۇرلارنى زور كۆلەمدە قىرغىن قىلىش ئورنىغا مۇشۇ خىلدىكى ئۇسۇللار ئارقىلىق «ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاخىرقى ھېسابتا بىر ياقلىق قىلىش» قا ئاتلانغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ، شۇنداق تۇرۇقلۇق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ لاگېرلارنى «كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ ئاتاپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ ماھىيەتتە 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ زور كۆلەملىك لاگېرلار سىستېمىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەنلىكىنى، ئەينى ۋاقىتتىمۇ ناتسىستلار گېرمانىيەسىنىڭ 750 مىڭ يەھۇدىينى لاگېرلارغا قاماش ئارقىلىق ئىش باشلىغانلىقىنى، بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بولسا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بۇ لاگېرلارنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1930-يىللىرىدىكى گۇلاگ لاگېرلىرىغا ئوخشىتىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ، ئەينى ۋاقىتتا «ئەمدى قايتىلانمايدۇ!» دەپ جاكارلانغان تارىخىي پاجىئەنىڭ ئۇيغۇرلار «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتايدىغان بۇ ماكاندا دەل مۇشۇ مىنۇتلاردا قايتىلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسلەتتى.

نۇرىي تۈركەل ئاخىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ خىلدىكى ئىجتىمائىي كونتروللۇق سىناقلىرىنىڭ ئاللىقاچان كامبودزھادىن تاكى ۋېنېزۇئېلاغىچە بولغان 18 دۆلەتكە كېڭىيىپ بولغانلىقىنى، بۇ خىل قەبىھ ئۇسۇلنىڭ بولسا ئاشۇ دۆلەتلەردىكى ئاۋام پۇقرالارنى نازارەت قىلىشقا تەدبىقلىنىۋاتقانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن خىتاينىڭ ھازىر ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىنى توختاتمىغاندا بۇنىڭ ئاقىۋەتتە پۈتكۈل ئىنسانلار ئۈچۈن بىر زور ئاپەت بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى.


مەلۇم بولۇشىچە، «ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» يىغىنىغا ھەر يىلى جاي-جايلاردىكى داڭلىق شەخسلەر تەكلىپ قىلىنىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە باش مىنىستىرلار، دۆلەت رەئىسلىرى، نوبېل مۇكاپاتى ساھىبلىرى، پۇلىتزېر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن داڭلىق يازغۇچىلار، خەلقئارادا داڭ چىقارغان تەنھەرىكەتچىلەر قاتارلىق كىشىلەر بار ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت