بىر خىتاي ئوقۇتقۇچى: «مېنىڭ شىنجاڭدىكى مۇتلەق كونتروللۇقتىن تېزرەك قۇتۇلغۇم بار»

مۇخبىرىمىز سادا
2019-07-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ھېيتگاھ مەسچىتى ئالدىدا چارلاپ يۈرگەن ساقچىلار. 2017-يىلى 4-نويابىر، قەشقەر.
ھېيتگاھ مەسچىتى ئالدىدا چارلاپ يۈرگەن ساقچىلار. 2017-يىلى 4-نويابىر، قەشقەر.
AP Photo/Ng Han Guan

يېقىندىن بۇيان خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۇيغۇر دىيارىغا خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىن ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلغانلىق ھەققىدە خەۋەرلەر ئېلان قىلىنغان ئىدى.

مەزكۇر خەۋەرلەردە بۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ رايوننىڭ ئاساسىي قاتلىمىدىكى «ئوقۇتقۇچى يېتىشمەسلىك» مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ياكى رايوندىكى پراكتىكا ئوقۇتقۇچى قوشۇنىنى كېڭەيتىش دېگەندەك بىر قاتار ناملاردا قوبۇل قىلىنغانلىقى ۋە قىلىنىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى. ھالبۇكى، رايوندىكى ئەھۋالنىڭ خىتاي تارقاتقان ئۇقتۇرۇشلاردا بايان قىلىنغىنىدەك «گۈزەل» ئەمەسلىكى شۇ يەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان بىر خىتاي تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان.

«زىمىستان» تورىنىڭ 28-ئىيۇلدىكى سانىدا «ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر بالىلارنى تەربىيەلەش: خىتاي ئوقۇتقۇچىنىڭ سەرگۈزەشتلىرى» سەرلەۋھىلىك بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان. ماقالىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش ئېلانىغا ئەگىشىپ رايونغا بارغان، ئەمما ئۇ يەردىكى ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمىغۇدەك دەرىجىدە ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئۆز-كۆزى بىلەن كۆرگەن بىر خىتاي ئوقۇتقۇچىنىڭ بايانلىرى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان. مەزكۇر ماقالە شۇ خىتاي ئوقۇتقۇچىنىڭ «زىمىستان» تورى مۇخبىرىغا سۆزلەپ بەرگەن بايانلىرى ئاساسىدا يېزىلغان.

ماقالىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر خىتاي ئوقۇتقۇچى 2017-يىلى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى كۆرگەن. ئۇنىڭدا دېيىلگەن يۇقىرى سوممىلىق مائاش، ئۆي ئىگىدارلىق ھوقۇقى، ئايروپىلان بېلىتىنى ئاتچوت قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلار ئۇنى ۋە ئۇنىڭ بىر قانچە دوستلىرىنى قىزىقتۇرغان ۋە ئۇيغۇر دىيارىغا قاراپ يولغا چىققان.

خىزمەتكە چۈشۈپ ئۈچ ئايدىن كېيىن ئەھۋال پۈتۈنلەي ئۆزگەرگەن. ئۇ خىتاي ئوقۇتقۇچىنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇلار مەكتەپتە ھەر كۈنى سىياسىي ئۆگىنىشكە قاتنىشىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭدا شى جىنپىڭنىڭ ئىدىيەسىنى يادلاش تەلەپ قىلىنىدىكەن. بۇنىڭ سەۋەبى مەكتەپكە ھەرقانداق ۋاقىتتا كېلىش ئېھتىماللىقى بولغان زىيارەتچىلەرنىڭ سوئاللىرىغا «توغرا»، «ئۆلچەملىك» جاۋاب بېرىش ئىكەن.

ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «ئەگەر سىزنىڭ ئېغىزىڭىزدىن بىرەر جۈملە خاتا چىقىپ كېتىپ قالغان بولسا، سىز مۇتلەق تۇتقۇن قىلىنىسىز. بىز مەكتەپتە يۈز بەرگەن ناتوغرا ئىشلار ياكى ھۆكۈمەت سىياسىتىنىڭ نامۇۋاپىق تەرەپلىرى ھەققىدە ئېغىز ئاچالمايمىز. بىزنىڭ قىلالايدىغىنىمىز پەقەت مۇتلەق بويسۇنۇش. ئەجەبلىنەرلىك يېرى شۇكى، بەزى ئوقۇتقۇچىلار قول تېلېفونىدا كوچىلاردىكى چارلاش ئاپتوموبىللىرىنى رەسىمگە تارتقانلىقتىن تۇتقۇن قىلىندى. ھالبۇكى، ھېچكىم ھەق-ناھەقنى سۆزلەشكە پېتىنالمايدۇ. ئەگەر شۇنداق قىلغانلار بولسا، ھۆكۈمەت ئۇنىڭغا ‹ئىككى يۈزلىمىچى› دېگەن قالپاقنى كىيگۈزىدۇ-دە، ‹ئىدىيە ئۆزگەرتىش› كە يوللىنىدۇ. ھەممە ئادەم تۇتۇلۇپ كېتىشتىن ئەنسىرەيدۇ، شۇڭا ھېچكىم خالىغانچە بىرەر ئېغىز گەپنىمۇ قىلالمايدۇ. ئۆزۈمنى مىسالغا ئالسام، مەن ئاپام بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەن ۋاقتىمدا ئاددىيغىنە ئەھۋال سورايدىغان گەپلەردىن باشقا ھېچنېمىنى دېيەلمەيمەن. مەن نەپەس ئالالمايۋاتقاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن.»

ماقالىدە يەنە ئۇ خىتاي ئوقۇتقۇچىنىڭ مۇناسىۋەتلىك كىنىشكىلىرىنىڭ مائارىپ نازارىتى تەرىپىدىن «گۆرۈگە» ئېلىنىدىغانلىقى ھەققىدە بەرگەن مەلۇماتلىرىمۇ بايان قىلىنغان.

ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىغا كەلگەن خىتاي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق كىنىشكىسى، دىپلوم ۋە باشقا ماتېرىياللىرىنى «تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈش» نامىدا ئېلىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ رايوندىن كېتىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن. ئۇنىڭ مەلۇم بىر خىزمەتدىشى مائارىپ نازارىتىگە بېرىپ مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللىرىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن، «ئەكسىيەتچى خاھىشى بار» دېگەن نامدا تۇتقۇن قىلىنغان.

ئۇ خىتاي ئوقۇتقۇچىنىڭ بايانلىرىدا ئۆزى دەرس بېرىدىغان سىنىپتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن ھەر 100 بالىنىڭ ئىچىدە 80 بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. ئۇ ئاخىرىدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆز قىلىپ، «ئەگەر مەن ئوقۇتقۇچىلىق كىنىشكامنى قايتۇرۇپ ئالالمىغان ياكى مېنىڭ شىنجاڭدىكى خىزمىتىم ئېتىراپ قىلىنمىغان تەقدىردىمۇ، مېنىڭ يەنىلا شىنجاڭدىن تېزرەك كېتىپ بۇ مۇتلەق كونتروللۇقتىن قۇتۇلغۇم بار،» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىغا خىتاي ئوقۇتقۇچىلارنى قوبۇل قىلىش خىزمىتى ۋە ئۇنىڭ «ئەۋزەللىكلىرى» نى كۈچەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغىنىدەك بەزى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بۇنىڭغا قارشى نارازىلىقلىرىمۇ كۈچىيىشكە باشلىغان. ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئەھۋال يۈز بېرىدۇ؟ ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قاتتىق قول سىياسىتى ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى ئاتالمىش «قوغدىلىۋاتقان» خىتاي پۇقرالىرىنىمۇ بۇرۇقتۇم قىلىۋەتكەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا ئىزچىل خىتاي ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىشى ھەقىقەتەن دىققەت تارتىدىغان بىر تېمىدۇر. ئۇنداقتا، ھۆكۈمەتنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى نېمە؟ ئامېرىكادىكى خىتاي ئۆكتىچىلەردىن «پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتى» نىڭ رەئىسى ياڭ جىيەنلى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى نىشانى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنى خىتايلار بىلەن ئوخشاش قىلىش، يەنى ئۇلارنى خىتايچىلاشتۇرۇش. ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنى، تارىخىنى ۋە مىللىي كىملىكىنى ئاستا-ئاستا يوق قىلماقچى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت، تىل ۋە دىنىي ئېتىقاد جەھەتتىكى بىر پۈتۈنلۈكى ھۆكۈمەتكە تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ، دېگەنگە ئىشىنىدۇ. شۇڭا ئۇلار شىنجاڭ رايونىغا كۆپلىگەن خىتاي ئوقۇتقۇچىلارنى ئۇيغۇرلارنى خىتايچىلاشتۇرۇشقا ئەۋەتىدۇ. مەن تېلېۋىزورلاردىن ئۇيغۇر بالىلارنىڭ جىڭجۈي تىياتىرى ئېيتىشقا ۋە خىتايلارنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەكلىرىنى كىيىشكە يېتەكلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. بۇلار دەل شۇنىڭ ئىپادىسى.»

يېقىندا «مەلۇماتچى» تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى رايوننىڭ شىمالىدا ياشايدىغان بىر خىتاي پۇقراسى تەرىپىدىن تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان. ئۇنىڭدا دېيىلىشىچە، رايوندىكى خىتايلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمۇ پۈتۈنلەي نازارەت ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىدىكەن. خىتاي ئۆلكىلەردە ئۇلارنىڭ كىملىكىنى كۆرگەن ھەرقانداق ئادەم ئۇلارغا تەڭپۇڭسىز مۇئامىلە قىلىدىكەن.

ئۇنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ خىتاينىڭ ئۆيى ئەتراپىدا دۇكان ۋە ئاشخانا ئاچىدىغان نۇرغۇن خىتايلار بار ئىكەن. ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتى چىڭىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى دۇكانلىرىنى سېتىپ ياكى باشقىلارغا ئەرزان باھادا ئۆتكۈزۈۋېتىپلا يۇرتىغا كەتكەن.

ئۇ خىتاينىڭ يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ سۆزلەپ بېرىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى «قوشماق تۇغقان» سىياسىتىنىڭ نەتىجىسىدە ئۇنىڭ ئۆيىگە بىر قازاقنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان. ئۇلار ئۆز-ئارا يېقىندەك تۇرغىنى بىلەن ھەممىسى بىر-بىرىنى نازارەت قىلىدىكەن.

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېغىر سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈۋاتقان خىتايلار ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بۇنى «ياقلايدىغان» خىتاي پۇقرالىرىنىڭمۇ بارلىقى مەلۇم بولماقتا.

يېقىندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بىر قىسقا سىن كۆرۈنۈشى تارقالغان. ئۇنىڭدا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن بىر خىتاي دېھقان ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا بارغانلارغا يۇقىرى مائاشلىق خىزمەت ۋە ئۆي بېرىلىدىغانلىق ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسەن ئۇ يەرگە بارغانلىقى ۋە ھەقىقەتەن ئولتۇراق ئۆيدىن بىرىگە ئېرىشكەنلىكىنى «مەمنۇنىيەتلىك» بىلەن سۆزلەپ چىققان.

ئۇنداقتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايلارغا يارىتىپ بېرىۋاتقان يۇقىرىقىدەك شارائىتلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈۋاتقانلار ياكى ئۇنى «ياقلاش» خاھىشىدە تۇرۇۋاتقانلارنىڭ كۆز-قاراشلىرى بارلىق خىتاي پۇقرالىرىغا ۋەكىللىك قىلالامدۇ؟ ئېلشات ھەسەن ئەپەندى سۆزىدە ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرۈۋاتقانلار خىتايلارنىڭ ئىنتايىن ئاز قىسمىنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى، كۆپ ساندىكى خىتاينىڭ يەنىلا پايدا ئېلىش مەقسىتىدە بولىدىغانلىقى، شۇ سەۋەبتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىگە «يانتاياق» بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت