دولقۇن ئەيسا : خەلقئارا ئۇيغۇر تىلى كۈنى ئۇيغۇر تىلىنى سۆيىدىغان ھەر بىرىمىزنىڭ بايرىمى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2015-06-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
دولقۇن ئەيسا نۇتۇق سۆزلىمەكتە
دولقۇن ئەيسا نۇتۇق سۆزلىمەكتە
RFA/Dolqun Eysa/Qutlan


دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن ھەر يىلى 15 - ئىيۇن كۇنى «ئۇيغۇر تىلى بايرىمى» كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەن ئىدى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى - 22مايدا بۇ مۇناسىۋەت ئېلان قىلغان چاقىرىقىدا بارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى، ۋەتەن ئىچى - سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنى بۇنىڭغا ئاۋاز قېتىپ تۇنجى نۆۋەتلىك «خەلقئارا ئۇيغۇر تىلى بايرىمى» نى تۈرلۈك ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەر بىلەن كۈتۈۋېلىشقا چاقىردى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى بولسا يېقىندا جەمئىيەت قارمىقىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ تەييارلىغان «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاسسىمىلىياتسىيە سىياسىتى - قوش تىل مائارىپى» ماۋزۇلۇق يېڭى دوكلاتىنى بۇ تۇنجى نۆۋەتلىك خەلقئارا ئۇيغۇر تىلى بايرىمى شەرىپىگە تەقدىم ئەتمەكچى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن 15 - ئىيۇن ۋاشىنگىتوندىكى دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتىنىڭ بىناسىدا مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە مىللي مەدەنىيىتىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلىپ يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرى قانچىكى ئۆتكۈرلەشكەنسېرى، مەيلى ئۇيغۇر ئېلى ئىچىدە بولسۇن ۋە مەيلى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا بولسۇن، ئۇيغۇر تىلىنى مىللىي كىملىكىنىڭ بەلگىسى دەپ تونىغان ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر تىلى خىتاي سىياسىتى تۈپەيلى ئۇچراۋاتقان بۇزغۇنچىلىقلارغا ئورتاق جىددىي مۇئامىلە قىلىپ كەلمەكتە ۋە مادارىنىڭ يېتىشىچە ئۇيغۇر تىلى ۋە مائارىپىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش يوللىرىنى ئىزدىمەكتە. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ھەر يىلى 15 - ئىيۇن كۈنىنى «خەلقئارا ئۇيغۇر تىلى بايرىمى» كۈنى قىلىپ بېكىتىشىمۇ بۇ تىرىشچانلىقلارنىڭ بىر ئىپادىسى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 2015 - يىلى 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاسسىمىلىياتسىيە سىياسىتىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئۇيغۇرسىز "شىنجاڭ" غا ئايلاندۇرۇش، ئۇيغۇر مىللىتىنى ئۆزىنىڭ ئانا تىلىدىن، مىللىي ئالاھىدىلىكلىرىدىن، مىللىي ئىرادە ۋە غايىسىدىن ئايرىپ تەل - تۆكۈس ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىپ يوقىتىش مەقسىتىدە ئاتالمىش «قوش تىللىق مائارىپ» سىياسىتىنى جىددىي يوسۇندا تېزلەشتۈرۈپ ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە مۇنداق بىر ۋەزىيەتتە ئۆز تىلىنى قوغداش، ئۇنىڭغا ئىگە چىقىشنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ھاياتى بىر مەسىلە ئىكەنلىكى، بۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ يىلدىن باشلاپ ھەر يىلى

15 - ئىيۇن كۈنىنى «خەلقئارا ئۇيغۇر ئانا تىلى كۈنى» قىلىپ تەبرىكلەشنى قارار قىلغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

بىز دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى گېرمانىيىدىن تېلېفون سۆھبىتىگە تەكلىپ قىلدۇق. دولقۇن ئەپەندى «خەلقئارا ئۇيغۇر تىلى بايرىمى» نى بەلگىلەشنىڭ زۆرۈرىيىتى ھەققىدە توختالغاندىن باشقا يەنە، «خەلقئارا ئۇيغۇر تىلى بايرىمى»غا نېمە ئۈچۈن 15 - ئىيۇن كۈنىنى تاللاشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە مۇنداق چۈشەندۈرۈش بەردى :

- دۇنيا مەدەنىيەت غەزىنىسىدىكى باي تىللاردىن بولغان گۇزەل ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ خىتاينىڭ بۇزغۇنچىلىقلىرىغا ئۇچراۋاتقانلىقى تونۇشلۇق بىر مەسىلە، بىز ئۇيغۇر تىلىنىڭ نەقەدەر گۈزەل بىر تىل ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نەقەدەر ئەھمىيەتلىك بولغانلىقىنى، ئۇنى قوغداپ قېلىشنىڭ مەۋجۇتلىقىمىز ئۈچۈن نەقەدەر مۇھىملىقىنى ئەۋلادلىرىمىزغا، ياشلىرىمىزغا، خەلقىمىزگە يەنىمۇ تونۇتۇش ۋە ئۆز ئانا تىلىغا ئىگە چىقىش روھىنى ئۇرغىتىش، ئۇنى سۆيۈش ۋە قوغداش ئىرادىسنى يېتىلدۈرۈشنى نىشان قىلىپ، بىز ئۇيغۇرلارنىڭمۇ «خەلقئارالىق ئۇيغۇر تىلى بايرىمى»بولۇشى زۆرۈرىيىتىنى تونۇپ يەتتۇق ۋە كۇننى بەلگىلىدۇق.

- 15ئىيۇن كۈنىنىڭ «خەلقئارا ئۇيغۇر تىلى بايرىمى» كۈنى قىلىپ تاللىنىشىدىكى سەۋەب، 1988 - يىلدىكى شەرقىي تۈركىستان ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 2 - قېتىملىق نامايىشىمۇ دەل 6 - ئاينىڭ 15 - كۈنى بولغان ئىدى. بۇ نامايىشنى تەشكىللىگەن «شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى ستۇدېنتلار پەن - مەدەنىيەت ئۇيۇشمىسى» نىڭ ئاساسلىق مەقسىتى شەرقىي تۈركىستاندا مەدەنىي ئاقارتىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش بولۇپ، 15 - ئىيۇن نامايىشنىڭ ئاساسلىق شوئارلىرىدىن بىرى، مىللىي مائارىپنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئىدى. يېقىنقى زاماندا ئۇيغۇر تىلى مىللىي مائارىپى ئۈچۈن مەيدانغا كەلگەن بۇ كۈرەش تارىخىمىزنى ئەسلەش ۋە بۇ خىل روھ ۋە ئەنئەنىنى داۋاملاشتۇرۇشتەك ئەھمىيەتكە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن بىز بۇ كۈننى تاللاپ بېكىتىشنى توغرا تاپتۇق.

د ئۇ ق، بارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى، د ئۇ ق نىڭ «خەلقئارا ئۇيغۇر تىلى بايرىمى» نى تەبرىكلەش قارارىغا قىزغىن ئاۋاز قوشۇپ، ھەر قايسى دۆلەتلەردە 6 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ھەر تۈرلۈك خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشقا چاقىرىق قىلغان ئىدى، دولقۇن ئەيسا ئەپەندى رادىيومىز ئارقىلىق قايتا يەنە، ۋەتەن ئىچى - سىرتىدىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنى، ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلغۇچى، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىدىن ئۇيغۇر تىلىدىن ئىبارەت بىر گۈزەل تىلنىڭ يىتمەسلىكىگە كۆڭۈل بولىدىغان ھەر بىر ئىنساننى «خەلقئارا ئۇيغۇر تىلى كۈنى» بايرىمىنى تەبرىكلەشكە چاقىردى :

- «ئۇيغۇر تىلى بايرىمى» ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەيدىغانلارنىڭ، بىز ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە ياكى ئۇيغۇرلارنىڭلا بايرىمى بولۇپ قالماستىن، ئۇيغۇر تىلىنى سۆيگۈچى، ئۇيغۇرنى سۆيگۈچى، مەدەنىيەتنى، ئىنساننى سۆيگۈچى ھەر بىرىمىزنىڭ بايرىمى دەپ تونۇيمەن شۇنداقلا بۇ بايرامنى ھەر بىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ، ئۆز ئائىلىسىنىڭ، پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنىڭ بىر خەلق بايرىمىغا،مىللىي بايرىمىغا ئايلاندۇرۇشىنى ئۇمىد قىلىمەن. گەرچە ئالدىمىزدا بۇ بايرامنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىكىنى كۈتىۋېلىۋاتقان بولساقمۇ، ھەر جايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ بايرامنى ئەھمىيەتلىك تەنتەنە قىلىدىغانلىقىغا، بارغانچە تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ داغدۇغا بىلەن ئۆتكۈزىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

ئۇيغۇر تىلى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەۋجۇدىيىتىنىڭ ئاساسى، مىللىي كىملىكنىڭ ئاچقۇچى. د ئۇ ق نىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەردە 6 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ھەر تۈرلۈك خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش ھەققىدىكى چاقىرىقىغا ئالدى بىلەن ئامېرىكىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ئاۋاز قوشتى يەنى مەزكۇر جەمئىيەت 15 - ئىيۇن ۋاشىنگىتوندىكى دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتىنىڭ ھەمكارلىقىدا خەلقئارا ئۇيغۇر تىلى بايرىمى كۈنىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر تىلى يوقىتىش ھەققىدىكى سىياسەتلىرى توغرىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى بىلەن كۈتۈۋالماقچى ۋە يىغىندا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ يېقىندا تەييارلىغان «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاسسىمىلىياتسىيە سىياسىتى - قوش تىل مائارىپى» ماۋزۇلۇق يېڭى دوكلاتى بۇ تۇنجى نۆۋەتلىك ئۇيغۇر تىلى بايرىمىغا تەقدىم قىلىنىدۇ. بۇ دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوش تىل مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇشىغا ئائىــت سانلىق مەلۇماتلار، ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلار، قوش تىل مائارىپىنىڭ ئۇيغۇرلار ھاياتىغا كۆرسىتىۋاتقان تەسىرلىرى ۋە بۇ ھەقتە خەلقئارادىكى چەتئەللىك تەتقىقاتچىلارنىڭ تەتقىقاتلىرى ۋە ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ باھالىرى يەر ئالغان. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ تەتقىقات خادىملىرىدىن زۇبەيرە شەمسىدىن خانىم تۇنجى نۆۋەتلىك ئۇيغۇر تىلى بايرىمىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان مۇھاكىمە ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى :

- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى - 15 ئىيۇننى خەلقئارا ئۇيغۇر تىلى كۈنى قىلىپ بېكىتتى، بىز بۇنىڭدىن بەك خوش بولدۇق، ئۇيغۇر تىلى تەھدىتكە ئۇچراۋاتقان بۇنداق بىر جىددىي پەيتتە، بۇ بايرام زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئەلۋەتتە. دەل بۇ چاقىرىقنىڭ ئالدىدىلا بىز ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاسسىمىلىياتسىيە سىياسىتى - قوش تىل مائارىپى» تېمىسىدا دوكلات تەييارلاپ چىققان ئىدۇق، بىز خەلقئارا ئۇيغۇر تىلى بايرىمى كۈنىدەك مۇشۇنداق بىر مۇقەددەس بىر كۈندە، ئۆزىمىزنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قوش تىل مائارىپىنى ئاساس قىلغان ئاسسىمىلىياتسىيە سىياسەتلىرى ھەققىدىكى ئۇزاق مەزگىللىك تەتقىقات ۋە ئىزدىنىشلىرىمىزنى، ئىسپاتلىق ماتېرىياللارنى دۇنياغا ئېلان قىلىش بىلەن بىرگە، كىشىلەرگە خىتاينىڭ قوش تىل مائارىپىدەك ئاسسىمىلىياتسىيە سىياسىتىدە ئۇيغۇرلار، ئۇيغۇر تىلى يۈزلىنىۋاتقان ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىقىنى تونۇتۇشنى مەقسەت قىلىۋاتىمىز. بۇ مۇھاكىمىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنى سېستىمىلىق ئاسسىمىلىياتسىيە سىياسەتلىرى ۋە قوش تىل مائارىپى سىياسىتى ئارقىلىق قانداق ھالەتكە ئەكىلىپ قويىۋاتقانلىقىنى، شۇ سىياسەتنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ بايانلىرىدىن ئاڭلىتىمىز. مۇھاكىمىزدە ئۇيغۇر تىلى تەتقاتچىلىرى، ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەر، خىتاي سىياسىتىنى تەتقىق قىلىۋاتقان مۇستەقىل تەتقىقاتچىلار ئۆزىنىڭ مۇلاھىزىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماقچى. بىر مىللەتنىڭ داۋاسى شۇ مىللەتنىڭ كىملىكىنى قوغداپ قېلىش بىلەن داۋام قىلىدۇ، ئەگەر بىز ئۇيغۇر كىملىكىمىزنى يوقاتساق، كىمنىڭ دەۋاسىنى قىلىمىز ؟ ئىشىنىمەنكى، بىز ئۇيغۇرلار تارىختىن يوقاپ كەتمەيمىز، ھەممىمىز ئويغاق، خەلقئارا ئانا تىل كۈنىنىڭ بەلگىنىشىنىڭ ئۆزى بىر بىشارەت، بىز مانا مۇشۇنداق يوللار ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىمىزنى، كىملىكىمىزنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز.

ئاڭلىغۇچىلىرىمىز سەمىگە :

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ 6 - ئاينىڭ 15 - كۈنى خەلقئارا ئۇيغۇر تىلى بايرىمى كۈنىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ۋاشىنگىتوندىكى دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاسسىمىلىياتسىيە سىياسىتى - قوش تىل مائارىپى» ماۋزۇلۇق دوكلاتى ۋە مۇھاكىمە يىغىنى، ۋاشىنگىتون ۋاقتى چۈشتىن كېيىن 2 - 4 كىچە داۋام قىلماقچى، نەق مەيداندا يىغىن تەپسىلاتىدىن ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنى خەۋەردار قىلماقچىمىز.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت