جامائەت ئەربابى، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ يىگىت بېشى ئابدۇرېشىت مەخسۇتوف ئالەمدىن ئۆتتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2018-08-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ يىگىت بېشى مەرھۇم ئابدۇرېشىت مەخسۇتوف (ئوڭدىن ئىككىنچى كىشى).
قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ يىگىت بېشى مەرھۇم ئابدۇرېشىت مەخسۇتوف (ئوڭدىن ئىككىنچى كىشى).
RFA/Oyghan

17-ئاۋغۇست كۈنى قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى يېنىدىكى يىگىت باشلىرى كېڭىشىنىڭ رەئىسى، قازاقىستان خەلق بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى ئابدۇرېشىت مەخمۇت ئوغلى مەخسۇتوف كېسەل سەۋەبى بىلەن ئالمۇتادا 67 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

مەرھۇمنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئالمۇتا ۋىلايىتى شۇنداقلا قوشنا قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىشكەك شەھىرىدىن كەلگەن يىگىت باشلىرى، يۇرت ئاكتىپلىرى، زىيالىيلار، ھەر ساھە ۋەكىللىرى ۋە ياشلار بولۇپ، 700 گە يېقىن ئادەم قاتناشتى. دەپنە مۇراسىمىدا قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك يىگىت بېشى كېڭىشىنىڭ رەئىسلىك لاۋازىمىنى ۋاقىتلىق ئورۇنلىغۇچى يارمۇھەممەت كىبىروف، «ئالمۇتا كۆۋرۈك ئىنشائاتلىرى» شىركىتىنىڭ دىرېكتورى ئەخمەتجان شەردىنوف، قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى جۇمھۇرىيەتلىك «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئارتىق ھاجىيېف، ئالمۇتا شەھەرلىك كېڭىشىنىڭ ئەزاسى شاۋكەت ئۆمەروفلار سۆز قىلىپ، مەرھۇمنىڭ ھايات ۋاقتىدا قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەدەنىي ھاياتى ۋە جەمئىيەتلىك ئىشلىرىدا كۆرسەتكەن تۆھپىلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى. ئۇلار ئابدۇرېشىت مەخسۇتوفنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ئەنئەنىلىرىنى ساقلاش ۋە تەشۋىق قىلىش، ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ قويۇلۇم-كونسېرتلىرىغا تاماشىبىنلارنى جەلپ قىلىش، ئانا تىلىدىكى مەكتەپلەرگە بالا يىغىش، ئۇيغۇر مەتبۇئاتلىرىغا مۇشتەرى توپلاش ۋە باشقىمۇ ئىشلارنى يۈرگۈزۈشتە ئۆزىنىڭ تەشكىلاتچىلىق قابىلىيىتىنى نامايىش قىلغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. 

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى، جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ئېرشات ئەسمەتوف مەرھۇم ئابدۇرېشىت مەخسۇتوفنىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشىنىڭ قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئۈچۈن چوڭ ۋە ئېغىر جۇدالىق بولغانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «ئابدۇرېشىت ئاكا ناھايىتى ياخشى رەھبەرلىك قىلىپ، قازاقىستاندا يىگىت باشلىرىنىڭ رولىنى خېلى يۇقىرى دەرىجىگە كۆتۈرگەن ئىدى. ئۇ پەقەت توي-تۆكۈن ۋە نەزىر-چىراغلاردىلا ئەمەس، بەلكى قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ھاياتىنىڭ بارلىق ساھەلىرىدە خەلقنى توغرا يولغا باشلىغان ئىدى. ئۇ قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلاردا ھەرقانداق بىر ۋەقە يۈز بەرسە شۇنىڭغا قارىتا مۇۋاپىق بىر چارە-تەدبىر كۆرۈشكە تەييار تۇراتتى. ‹ئۇيغۇر ئاۋازى› گېزىتىگە مۇشتەرى توپلاش ئىشىدىمۇ كۆپ كۈچ چىقارغان ئىنسانلارنىڭ بىرى ئىدى.»

ئېرشات ئەسمەتوفنىڭ ئېيتىشىچە، ئابدۇرېشىت مەخسۇتوف جۇمھۇرىيەتلىك مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ باشقارما ئەزاسى سۈپىتىدە مەركەزنىڭ بارلىق ئىشلىرىغا ئاكتىپ قاتناشقان ئىكەن. پرېزىدېنت سايلىمىدا، ئالىي كېڭەشلەر سايلىمىدا، جۇمھۇرىيەتنىڭ ھەر خىل ساھەلىرىگە بېغىشلانغان پائالىيەتلەردە، خەيرخاھلىق ئىشلىرىدا، خەلقلەر دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەشتە ئابدۇرېشىت مەخسۇتوف دائىم خەلق ئىچىدە بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن.

جۇمھۇرىيەتلىك يىگىت بېشى كېڭىشىنىڭ رەئىسلىك لاۋازىمىنى ۋاقىتلىق ئورۇنلىغۇچى يارمۇھەممەت كىبىروفنىڭ دېيىشىچە، ئابدۇرېشىت مەخسۇتوف باش يىگىت بېشى لاۋازىمىغا بەلگىلەنگەندىن بۇيان ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان پۈتكۈل قازاقىستان دىيارى، جۈملىدىن ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئالمۇتا ۋىلايىتى، ئاستانا، چىمكەنت، پاۋلودار، تاراز ۋە باشقا شەھەرلەردىكى يىگىت باشلىرىنىڭ بېشىنى قوشقان ۋە ئۆز ئارا ئىتتىپاقلىقنىڭ مۇستەھكەملىنىشىگە تۆھپە قوشقان ئىكەن. يارمۇھەممەت كىبىروف زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرى ناھايىتى كۆپ. بىز ئۇنىڭ بىلەن ھەممە ساھەگە قويۇق ئارىلىشىپ كەلدۇق. ھەممىسىنىڭ بېشىنى قوشۇش دېگەنمۇ ئاسان ئىش ئەمەس. ئالمۇتا ۋە ئالمۇتا ئوبلاستى بويىچە چوڭ مەشرەپلەرنى قىلدۇق. ھۆكۈمەت بىلەن، باشقا مىللەتلەر بىلەن قويۇق ئارىلىشىشتا كۆپ تەشۋىقات ئېلىپ باردۇق. مەشرەپلەرنى بىز باشلىغاندىن كېيىن قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇرلارمۇ بىشكەكتە بۇ ئىشنى ئېلىپ ماڭدى. ئابدۇرېشىتتەك ۋىجدانلىق، مىللىتى ئۈچۈن كۆيىدىغان بالىلىرىمىز ناھايىتى ئاز دەپ ئويلايمەن.»

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قىرغىزىستان خەلق بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئارتىق ھاجىيېف قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھىرىدىن بىر تۈركۈم ۋەكىللەرنى باشلاپ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «بۈگۈن پەقەت قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈنلا ئەمەس، ھەممە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن چوڭ يوقىتىش بولدى. بىز كۆزگە كۆرۈنگەن، ۋەتەنپەرۋەر، غۇرۇرى كۈچلۈك ئىنساننى ئۇزۇن سەپەرگە ئۇزىتىۋاتىمىز. ئابدۇرېشىت ئاكا باش يىگىت بېشى بولۇپ، يۇرت ۋە يىگىت باشلىرىنى باشقۇردى. ئۇ قىرغىزىستان بىلەن قازاقىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىگە كۆپ ھەسسە قوشتى. ئابدۇرېشىت ئاكا قازاقىستان دۆلىتىگە، مىللەتلەر دوستلۇقىنى كۈچەيتىشكە كۆپ ھەسسە قوشقان. بۈگۈن ھەقىقەتەنمۇ چوڭ يوقىتىش بولدى. مەن قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ‹ئىتتىپاق› جەمئىيىتى ۋە قىرغىزىستان خەلق بىرلەشمىسى نامىدىن ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا، ئائىلىسىگە سەۋر تىلەيمەن.»

ئىگىلىشىمىزچە، ئابدۇرېشىت مەخسۇتوف 1951-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىلى ۋىلايىتى جېلىليۈزى ناھىيىسىنىڭ تۇرپانيۈزى يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. 1963-يىلى قازاقىستانغا كۆچۈپ چىقىپ، ئۇيغۇر ناھىيىسىنىڭ چۇنجا يېزىسىدىكى ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1973-يىلى ئۇ ھەربىي خىزمىتىنى ئادا قىلىپ كەلگەندىن كېيىن، 1974-يىلى ئالمۇتا شەھىرىنىڭ گورنىي گىگانت مەھەللىسىگە كېلىپ ئورۇنلاشقان ھەم ھەر خىل ساھەلەردە خىزمەت قىلغان. ئابدۇرېشىت مەخسۇتوف 1993-يىلدىن باشلاپ تىجارەتچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن. ئۇ 1999-يىلى ئۆزى تۇرۇۋاتقان مەھەللىنىڭ يىگىت بېشى بولۇپ سايلاندى. 2007-يىلى ئالمۇتا شەھەرلىك بەگلەر كېڭىشىنىڭ رەئىسى، 2010-يىلدىن ئاخىرقى ۋاقىتلارغىچە جۇمھۇرىيەتلىك يىگىت باشلىرى كېڭىشىنىڭ رەئىسى خىزمىتىدە بولغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت