قازاقىستاندا لاتىن يېزىقىغا كۆچۈش مەسىلىسى مۇنازىرە قوزغىماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2016-03-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

قازاقىستان دائىرىلىرى 2025-يىلىغىچە كىرىل ئېلىپبەسىدىن لاتىن ئېلىپبەسىگە كۆچۈش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن بۇ مەسىلە قازاقىستاندىكى زىيالىيلار ئارىسىدا كۈچلۈك مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلانغان. بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر بۇنى ياخشى بىر پىكىر دەپ قارىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا ئۇزۇن ۋە مۇرەككەپ جەريان كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن. يەنە بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر بولسا بۇنى رۇسىيەنىڭ قازاقىستان ئۈستىدىكى تەسىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن پايدىلىق دەپ قاراپ قوللىغان.

بۇ ھەقتە قازاقىستان ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بىر قاتار ماقالىلەر ئېلان قىلىندى. شۇلارنىڭ بىرى، مەسىلەن، «365 ئىنفو، ئۆز» ئاگېنتلىقىدا 10-مارتتا ئېلان قىلىنغان «لاتىنغا بولغان ئۇزۇن يول: ئۆزبېكىستاننىڭ 23 يىللىق تەجرىبىسى نېمىنى ئۆگىتىدۇ؟» ناملىق ماقالىنىڭ ئاپتورى ئۆزبېكىستانلىق سىياسىي ئوبزورچى شۆھرەت خۇرراموف قازاقىستاندا لاتىنغا ئۆتۈش جەريانىنىڭ ھەم ياقلىغۇچىلىرىنىڭ، ھەم قارشى تەرەپلىرىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، ئەمدى ئۇنىڭ قوشنىسى ئۆزبېكىستاننىڭ 1993-يىلى لاتىن يېزىقىغا ئۆتۈش توغرىلىق قانۇن قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، مۇشۇ ۋاقىتقىچە مەملىكەتتە ھەم كىرىل، ھەم لاتىن يېزىقىنىڭ تەڭ ئىشلىتىپ كېلىنىۋاتقانلىقىنى، تولۇق لاتىن يېزىقىغا ئۆتۈش ئۈچۈن كۆپ مەبلەغ سەرپ قىلىش زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ مەسىلە قازاقىستاندا قانداق قارىلىۋاتىدۇ؟ قازاقىستان لاتىن يېزىقىغا ئۆتكەن تەقدىردە قانداق قىيىنچىلىقلار پەيدا بولۇشى مۇمكىن؟ مەملىكەت 2025-يىلغىچە بۇنىڭغا تەييار بولالامدۇ؟

قازاقىستانلىق سىياسەتشۇناس ۋە جەمئىيەت ئەربابى راسۇل جۇمالىنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان تەرەپلەرنى چۈشىنىشكە بولىدۇ، چۈنكى باشقىمۇ تۈركىي تىللىق مەملىكەتلەر، مەسىلەن، قوشنا ئۆزبېكىستان لاتىن يېزىقىغا ئۆتتى. ئۆز ۋاقتىدا، يەنى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا قازاقىستانمۇ مەلۇم بىر ۋاقىت لاتىن يېزىقىنى پايدىلانغان ئىدى.

راسۇل جۇمالى لاتىن يېزىقىنى قوبۇل قىلىش تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ تېخىمۇ يېقىنلىشىشىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىنلىكىنى، شۇنداقلا رۇسىيە پايدىلىنىپ كېلىۋاتقان كىرىل يېزىقىدىن قۇتۇلۇش ئارقىلىق رۇسىيە تەسىرى ئاستىدىن چىقىش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ رادىيومىز زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «بۇنىڭ بارلىقىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ، مەن بۇنى قوللايمەن، چۈشىنىمەن. بىراق دەل ھازىر بۇ مەسىلىنى كۆتۈرۈش، مېنىڭچە، بىر ئاز ئەتىگەنرەك. سەۋەبى بىز تىل جەھەتتىن كۆپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىۋالغان تۈركمەنلەرنى ياكى ئۆزبېكلەرنىڭ ئالىدىغان بولساق، ئۇلاردا بىر ھەرپتىن ئىككىنچى ھەرپكە ئۆتۈش جەريانى بىر تالاي مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە يۈز بېرىۋاتىدۇ. ئىككىنچىدىن، قانداقلا بولمىسۇن، بۇ ھالەتتە لاتىن ئېلىپبەسىنى قازاقنىڭ ھۆرمەتلىك ئېلىپبەسى دەپ ھېسابلاشقىمۇ ئاساس ئانچە يوق. ئۆز ۋاقتىدا كىرىل يېزىقىمۇ مۇستەملىكىچى مەملىكەتنىڭ يېزىقى بولغاندەك، لاتىن يېزىقىمۇ بۇنىڭدىن يىراق كەتكەن ئەمەس. ئەگەر، مەسىلەن، مۇستەملىكىلىك، يەنى كىرىل ئېلىپبەسىدىن ئۆزىمىزنىڭ ھۆرمەتلىك ئېلىپبەسىگە ئۆتۈش كېرەك دېگەن سۆز بولسا، مەن يۈز پىرسەنت قوللىغان بولار ئىدىم. ئەمدى بىر مۇستەملىكىلىك ئېلىپبەسىدىن، ئىككىنچى بىر مۇستەملىكىلىك ئېلىپبەسىگە ئۆتۈش، مېنىڭچە، تەنقىدىي نۇقتىئىنەزەرنىڭ بىرى مۇشۇ. بۇنى قويۇپ تۇرساقمۇ، يەنە بىر مەسىلە، بۇ ئالدىراقسانلىق، 2025-يىلغىچە بۇ مەسىلە، مېنىڭچە، ھەل بولمايدۇ. بۇ مەسىلە ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىۋالغاندىن كېيىن بىر تەرەپ بولۇشى مۇمكىن.»

راسۇل جۇمالىنىڭ پىكرىچە، دەسلەپتە قازاق تىلى ئالدىدا تۇرغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش لازىمدۇر. ھازىر قازاقىستان خەلقىنىڭ 60 پىرسەنتى دۆلەت تىلنى بىلسە، 40 پىرسەنتى تامامەن بىلمەيدۇ. بۇ ئەھۋال باشقا يېزىققا ئۆتۈش جەريانىدا قازاق تىلىغا كۆپ زىيان ئېلىپ كېلىشى ئېھتىمال. بۇنىڭدىن تاشقىرى، يۈز يىل مابەينىدە توپلانغان كىرىل يېزىقىدىكى ئەدەبىي، ئىلمىي دۇنيالارنىڭ بارلىقىنى باشقا يېزىققا ئالماشتۇرۇش كۆپ قىيىنچىلىقلار تۇغدۇرىدۇ.

راسۇل جۇمالى شۇنداقلا قازاقىستان خەلقى قازاق تىلىنى يۈز پىرسەنت بىلىپ چىققان تەقدىردىلا بۇ مەسىلىنى بارا-بارا ھەل قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى، ئالدىراقسانلىقتىن ھېچ نەتىجە چىقمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئەمدى فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى، قازاقىستان مىللىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇخبىر ئەزاسى شېرۇباي قۇرمانباي ئوغلى 2025-يىلغىچە قازاقىستاننىڭ لاتىن يېزىقىغا ئۆتۈشى ئۈچۈن يېتەرلىك ۋاقىت بارلىقىنى، بۇ ۋاقىت مابەينىدە مەزكۇر مەسىلىنىڭ ئىلمىي، تىلشۇناسلىق ۋە ئىقتىسادىي تەرەپلىرىنى تولۇق ئۆگىنىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

شېرۇباي قۇرمانباي ئوغلىنىڭ پىكرىچە، لاتىن يېزىقىغا ئۆتۈش جەريانىدا ئىش ھۆججەتلىرىنى، ئاسارئەتىقىلەرنى، ئوقۇش قوراللىرىنى كۆچۈرۈشتە، بۇنىڭ ئۈچۈن كادىرلارنى تەييارلاشتا قىيىنچىلىقلارنىڭ بولۇشى تەبىئىيدۇر.

ئۇ لاتىن يېزىقىغا ئۆتۈش جەريانىدا ھەم لاتىن، ھەم كىرىل يېزىقلىرىنى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە رۇسىيەدىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئۆز مەيلى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇلارغا مەجبۇرىي تۈردە تېڭىلغانلىقىنى، كېلەچەكتە بارلىق تۈركىي خەلقلەرنى لاتىن يېزىقى بىرلەشتۈرۈش مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ئەرەب يېزىقىنى پايدىلىنىۋاتقان خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى تۈركىي خەلقلەردىن تاشقىرى ئالەمدىكى پۈتكۈل تۈركىي خەلقلەر لاتىن يېزىقىنى قوللىنىدىغان بولىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە خىتايدىكى تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدىكى بۇ پەرق ئىلگىرىمۇ بولغان، ھازىرمۇ بار. بىز ھازىر رۇس يېزىقىنى پايدىلانساق، خىتايدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن قازاقلار ئەرەب يېزىقىدىن پايدىلىنىپ ئىشلىتىۋاتىدۇ. بىز بەرىبىر بىر يېزىققا كۆچەلمەيمىز. خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ ئىچكى سىياسىتى بولغانلىقتىن بىز ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىزنى لاتىن يېزىقىغا كۆچۈشكە چاقىرالمايمىز. بۇ بىزنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىتىگە ماس كەلمەيدۇ، مەملىكەتلىك ۋە ھوقۇق نۇقتىئىنەزىرىدىنمۇ توغرا بولمايدۇ. ئەلۋەتتە، بىر يېزىق بولىدىغان بولسا، خەلقلەرنىڭ ئاخبارات ئېلىش مۇمكىنچىلىكى، ئىلىم، بىلىم، مەدەنىيەت ۋە باشقىمۇ ساھەلىرىدىكى ئالاقىلىرىمىز ياخشىلىناتتى.»

ئۆتمۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرى 1930-يىلغىچە ئۇيغۇر يېزىقىنى، 1947-يىلغىچە لاتىن يېزىقىنى، ئاندىن كېيىن تا بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر كىرىل يېزىقىنى پايدىلىنىپ كەلمەكتە. ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ۋەتىنى ئۇيغۇر ئېلىدە بولسا،1960-يىلغىچە ئۇيغۇر يېزىقى، ئاندىن 1980-يىلغىچە لاتىن يېزىقى، 80-يىللاردىن كېيىن قايتىدىن ئۇيغۇر يېزىقى قوللىنىلماقتا 1956- ۋە 1957-يىللىرى ئۇيغۇر دىيارىدا كىرىل يېزىقىغا ئۆتۈش ئۇرۇنۇشىمۇ بولغان.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇر زىيالىيسى نازىم قەمبىرى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر نەچچە يېزىقلارغا مەجبۇرىي كۆچۈرۈلۈشىنىڭ بىر پۈتۈن خەلق ئۈچۈن چوڭ سىناق ۋە ئېغىر بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بىزگە قېرىنداش بولغان مىللەتلەرنىڭ بۇ يېزىققا كۆچۈشى، مېنىڭچە، بۇ ئىلغارلىق، ئىلگىرىلەش. چۈنكى لاتىن يېزىقىغا ئۆتكەندە دۇنيادىكى ئەڭ مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرگە يېقىنلىشىش، كومپيۇتېرغا يېقىنلىشىش، لايىقلىشىش، تۇران خەلقلىرىنىڭ تىلىنى يېقىنلاشتۇرۇش، بېيىتىش، تارىخىي مىراسلاردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش، بىر-بىرى بىلەن ئىناق ياشاشقا يول ئېچىلىدۇ، دەپ ئويلايمەن.»

نازىم قەمبىرى پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنىڭ ئىمكان بولغانچە قانچە تېز لاتىن يېزىقىغا كۆچسە، شۇنچە تەرەققىيات بولىدىغانلىقىنى، لاتىن يېزىقىنىڭ ئۇيغۇرلار ھاياتىدىكى ئاخىرقى يېزىق بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت