ئۇيغۇرلارنىڭ «ئانا تىلنى قوغداش كۈرەشلىرى» ۋە رىقابەت

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2016-06-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خوتەن قوش تىل مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلار. 2006-يىلى 13-ئۆكتەبىر.
خوتەن قوش تىل مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلار. 2006-يىلى 13-ئۆكتەبىر.
AFP

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوش تىل مائارىپى سىياسىتى سالمىقىنى بارغانچە ئۆستۈرۈشى، ئەكسىچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنى قوغداش مەسئۇلىيەت ئېڭىنى يۈكسەلدۈرۈۋاتقانلىقى مەلۇم. ئۇيغۇرلار ئۆز رايونىدا ھەر يىلى 21-فېۋرال خەلقئارا ئانا تىل كۈنىگە ئەھمىيەت بېرىش ئومۇمىي كەيپىياتى ياراتقانلىقى بۇنىڭ بىر ئىپادىسى بولسا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقى بىلەن بۇلتۇردىن باشلاپ ھەر يىلى 15-ئىيۇن كۈنى «ئۇيغۇر تىلى بايرىمى» كۈنى قىلىپ بېكىتىلىشى بۇنىڭ يەنە بىر ئىنكاسى، ھىجرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى بۇ يىل مانا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىگە خاس خەلقئارالىق ئانا تىل بايرىمىنىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىكىنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ. بۇنىڭ ھارپىسىدا ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى قارمىقىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى-قوش تىل مائارىپى» ماۋزۇلۇق يېڭى دوكلاتىنى بۇ نۆۋەتلىك خەلقئارا ئۇيغۇر تىلى بايرىمىغا تەقدىم ئەتتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنى ئۆزىنىڭ ئانا تىلىدىن، مىللىي ئالاھىدىلىكلىرىدىن، مىللىي ئىرادىسىدىن ئايرىپ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش مەقسىتىدە ئاتالمىش «قوش تىللىق مائارىپ» سىياسىتىنى جىددىي يوسۇندا تېزلەشتۈرۈپ ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە مۇنداق بىر ۋەزىيەتتە ئۆز تىلىنى قوغداش، ئۇنىڭغا ئىگە چىقىشنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن مۇھىم بىر مەسىلە ئىكەنلىكى، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قايسى دۆلەتلەردە 6-ئاينىڭ 15-كۈنى ھەر تۈرلۈك خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشقا چاقىرىق قىلغان ئىدى.

بۇ بىر يىل جەريانىدا ھىجرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ «ئانا تىل» بايرىمىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى، ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئۆتكۈزۈشى ھەر تۈرلۈك يوسۇندا توختىماي داۋام قىلدى.

بۇ يىل 15‏-ئىيۇن كۈنى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئۇيغۇر ئانا تىل كۈنىنى كۈتۈۋالدى. يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئانا تىلىنى قوغداش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشۇش توغرىسىدا تەكلىپ، پىكىرلەر ئۇيغۇر زىيالىيلار ئارىسىدا يۇقىرى دولقۇنىنى ساقلاپ كەلمەكتە.مەسىلەن بۇ يىل 21-فېۋرال يەكشەنبە كۈنى دۇنيا ئانا تىل كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا 6-نۆۋەتلىك «ئۇيغۇر ئانا تىل ۋە ئۇيغۇر ماگىستىر، دوكتور ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئېچىلدى.

يىغىندا ئۇيغۇر تىل تەتقىقاتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى، «مۇھاجىرەت ۋە ئانا تىل ‏-ئۇيغۇر ئانا تىلىنىڭ مۇھىملىقى، قوغداش تەدبىرلىرى ۋە مەسىلىلىرى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلىپ، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئانا تىلنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكى توغرىسىدا توختالدى.

ھەر جايدا ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش يولىدا بۇ بىر يىلدىن بۇيانقى تىرىشچانلىقلىرىنىڭ يەنە بىر تەرىپى رىقابەت. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مائارىپىغا دائىر خەۋەرلەردىن مەلۇمكى، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدا قوش تىل مائارىپىنى كۈچەيتىش ھەققىدە يەنىمۇ جىددىي تەدبىرلەرنى ئالماقتا.

14‏‏-ئىيۇن كۈنى ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگرامما گۇرۇپپىسى ئۇيغۇر ئانا تىلى بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قوڭ تىللىق سىياسىتىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقى ۋە كېڭىيىۋاتقانلىقى پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى. دوكلاتقا ئاساسلانغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوش تىللىق مائارىپنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاش ئۈچۈن يەنە بىر ھەرىكەت پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى ۋىلايەت، ئوبلاستلاردا «قوش تىل» مائارىپىنىڭ ئومۇملىشىشى 2015‏-يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا 66% گە يەتكەن. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھازىر ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى «قوش تىللىق» يەسلى، باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇيدىغان يەرلىك مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانى ئاز كەم بىر مىليون 270 مىڭغا يېتىپ بارغان. بولۇپمۇ دائىرىلەرنىڭ ئانا تىلى تولۇق يېتىلمىگەن بالىلارغا قوش تىل مائارىپىنى مەجبۇرىي يولغا قويۇشى ئۇيغۇرلاردا ئومۇميۈزلۈك ئەندىشە قوزغىغان بىر مەسىلە ئىدى، ئەمما دائىرىلەر قوش تىل مائارىپىدا يەسلى مائارىپىغا قارىتا كۈچ ۋە مەبلەغنى يەنىمۇ ئاشۇرماقتا. ئالدىنقى ھەپتە «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى بۇ يىل رايوندىكى بالىلار باغچىلىرىنىڭ 2 يىللىق قوش تىل تەييارلىق مائارىپىغا 949 مىليون سوم پۇل ئاجراتقان.

خەۋەردە، بۇ يىل 549 مىڭ 600 نەپەر يەرلىك مىللەت ئۆسمۈرنىڭ بالىلار باغچىلىرىنىڭ قول تىللىق تەييارلىق سىنىپىدا ئوقۇيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 2015‏-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مىقياسىدا باغچە مائارىپ يېشىدىكى يەرلىك مىللەت ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 662 مىڭ بولۇپ، 520 مىڭدىن ئارتۇق ئۆسمۈر قوش تىل مائارىپ تەربىيىسى ئالغان. بۇ، باغچە مائارىپى يېشىدىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ 67.78 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويغان «قوش تىل» مائارىپى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ قىسقارتىلىپ، رايونىدا خىتاي تىلىدىن ئىبارەت بىر تىللىق مائارىپ سىستېمىسىنىڭ ئومۇملىشىشىغا يول ئاچقانلىقىدەك ئەمەلىيەت ھەتتا خەلقئارالىق ئاخبارات ۋە كۆزەتكۈچىلەردىمۇ بەلگىلىك ئىنكاس قوزغىغان مەسىلىگە ئايلاندى.

ئىتالىيەدە نەشر قىلىنىدىغان «ياۋروپادىكى ئىشلار» ژۇرنىلىنىڭ 26-ماي سانىدا لۇكا ماركېزىنى ئىمزاسىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا «قوش تىل ئوقۇتۇشى» پروگراممىسى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى مىللىي زىددىيەتلەرنى پەسكويغا چۈشۈرمەكچى بولغانلىقى مۇھاكىمە قىلىندى. ماقالىدە ئاپتور رايوندىكى قارشىلىق ۋە زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەرلىك ئۇيغۇرلارغا خىتاي تىلى ئۆگىتىش ئاساسىي مەقسەت قىلىنغان «قوش تىل مائارىپى» نى يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

شىنخۇا تورى ۋە خەلق تورى قاتارلىقلارنىڭ 20-ماي ئېچىلغان 2016-يىلى جەمئىيەتتىن ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ (ئالاھىدە مائارىپ مەكتىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋە بالىلار باغچىسى ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئاشكارا تەكلىپ قىلىش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلەپ خەۋەر تارقىتىشىچە، بۇ يىل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 11 مىڭ 853 ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىدىغان بولۇپ، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار قوش تىل ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرى 3551، باشلانغۇچ مەكتەپ قوش تىل ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرى 3647، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ قوش تىل ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرى 942، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى 3635، ئالاھىدە مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرى 78 نەپەر ئىكەن.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرگە قارىغاندا يەنە 2010-يىلىدىن 2015-يىلغىچە، ئاپتونوم رايونىدا ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە بالىلار باغچىسى ئوقۇتقۇچىلىرىدىن 72 مىڭ 600 ئى تەكلىپ قىلىنغان. ئۇيغۇرچە «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 1-مايدا خەۋەر قىلىشىچە، 28-ئاپرېل ئاپتونوم رايوننىڭ «قوش تىل» مائارىپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش خىزمىتى يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان. يىغىندا «13-بەش يىل» مەزگىلىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى بىر قاتار ھۆججەت ۋە تەدبىرلەر ئارقىلىق «قوش تىل» مائارىپىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدىغانلىق ئىرادىسىنى ئېنىق ئىپادىلىگەن.

بولۇپمۇ، قوش تىل مەكتەپلىرىدە بارلىق دەرسلەر خىتايچە ئوقۇتۇلۇپ، ئۇيغۇر ئانا تىل مائارىپى ھەپتىدە پەقەت بىر نەچچە سائەتلىك ئاتالمىش «ئانا تىل» دەرسى ۋە «ئۇيغۇر تىل ئەدەبىياتى» دەرسى بىلەن چەكلەنگەننىڭ ئۈستىگە، بۇ دەرسلىكلەر كىتابلىرىغىمۇ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈپ، ئەسلىدىكى ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى نەمۇنىلىرى ۋە تارىخىي شەخسلەر ئورنىغا ئاساسەن خىتايلارنىڭ كلاسسىك، تارىخىي نەمۇنىلىرى ئالماشتۇرۇلغان.

بىز قوش تىل مائارىپىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى ۋە بالىلارنىڭ ئۆز مىللىي مەدەنىيەت نەمۇنىلىرىنى بىلىش ئەھۋالى ھەققىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بەزى جايلىرىغا قاراتقان زىيارەتلىرىمىزدە 12 ياشلىق ئۇيغۇر بالىسى ئۆزىنى قەشقەردىكى قوش تىل باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ 5 ‏-يىللىق ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچىسى دەپ تونۇشتۇرغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇر تارىخىدىكى بىرمۇ شەخسنى بىلمەيدىغانلىقى، ھازىرغىچە ئۇيغۇرچە بىر پارچە كىتاب ئوقۇپ باقمىغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ 2015-يىل ئاخىرى ئېلان قىلغان، ستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە ئاپتونوم رايوندىكى ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ (كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) لەردىكى «قوش تىل» (خەنزۇچە ئوقۇۋاتقان مىللىيلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) سىنىپلىرىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار 2 مىليون 830 مىڭغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 9.98% ئاشقان.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر تىلىغا ئەسلىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھۆكۈمەت، مائارىپ ۋە باشقا ھەممە ئىشلىرىدا ئىشلىتىش سالاھىيىتى بېرىلگەن ئىدى. ئەمما، مەزكۇر سالاھىيەت ھازىر بۇزۇپ تاشلانماقتا. ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ئېلىدىكى، بولۇپمۇ جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدىكى نوپۇسنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئىگىلىگەن بولۇشىغا قارىماي، ھۆكۈمەت ئىش ئورۇنلىرىنىڭ كۆپ قىسمى خىتايلار تەرىپىدىن ئىگىلىنىپ، ئۇيغۇرلارغا خىتاي تىلى بىلىش شەرتى قويۇلماقتا ئىكەن.

رەسمىي تۈردە ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئامالسىز قالغان ئۇيغۇرلار بۈگۈنكى ئېلېكترونلۇق ئۇچۇر دەۋرىدە ئۇيغۇرلار قوللىنىدىغان ئىجتىمائىي ئالاقە ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى تور بەتلەردە، ئۇيغۇر تىلىنىڭ قوللىنىشچانلىقىنى ئاشۇرۇش، ھېچ بولمىغاندا ئىجتىمائىي ئالاقىسىدە ئائىلىسىدە ئۇيغۇر تىلىنى قوللىنىش ۋە ئۆگىنىش، ئىمكانىيەت بار جايلاردا ئۇيغۇر جامائىتى ئىچىدە ئۇيغۇر ئانا تىلى مەكتەپلىرىنى قۇرۇش ئارقىلىق ئانا تىلىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا تىرىشماقتا. ئۇيغۇر جامائىتى ‏ 15‏-ئىيۇن «ئۇيغۇر ئانا تىلى بايرىمى» ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەيدىغانلارنىڭ، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە ياكى ئۇيغۇرلارنىڭلا بايرىمى بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇر تىلىنى سۆيگۈچى، مەدەنىيەتنى، ئىنساننى سۆيگۈچى ھەر بىر كىشىنىڭ بايرىمى دەپ تەشەببۇس قىلماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت