خىتاينىڭ لوندوندىكى ئەلچىخانىسى بىلەن داڭلىق ماركا مەھسۇلاتلىرىنى ساتىدىغان دۇكانلار ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2020-03-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خىتاينىڭ لوندوندىكى ئەلچىخانىسى بىلەن داڭلىق ماركا مەھسۇلاتلىرىنى ساتىدىغان دۇكانلار ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن بىر كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 5-مارت. لوندون، ئەنگلىيە.
خىتاينىڭ لوندوندىكى ئەلچىخانىسى بىلەن داڭلىق ماركا مەھسۇلاتلىرىنى ساتىدىغان دۇكانلار ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتىن بىر كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 5-مارت. لوندون، ئەنگلىيە.
RFA/Erkin Tarim

ئەنگلىيە ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى قۇرغان «ئۇيغۇرلارنى قوللاش گۇرۇپپىسى» بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا 3-ئاينىڭ 5-كۈنى كەچ سائەت ئالتىدىن يەتتىگىچە خىتاينىڭ لوندوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن.

6 ئايدىن بۇيان ھەر ئاينىڭ 5-كۈنى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان نامايىشنىڭ 6-قېتىملىقىغا ئەنگىلىيە ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىگە تەۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشقان. ئۇلار قوللىرىدا ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ۋە لوزۇنكىلارنى كۆتۈرگەن ھالدا «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك، خىتاي جازا لاگېرلىرىنى تاقىسۇن، ئۇيغۇرلار ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلىسۇن، خىتاي ئۇيغۇرلارنى قۇل قىلمىسۇن، ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خوڭكوڭلىقلارغا مۇستەقىللىق» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاشقان.

بۇ ھەقتە تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ لوندوندا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى رەھىمە مەخمۇت خانىم 3-ئاينىڭ 5-كۈنى لوندوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئۇ، 5-چىسلا خىتايغا قارشى ئۆتكۈزۈلگەن بۇ نامايىشقا ھاۋانىڭ قاتتىق سوغۇق بولۇشىغا قارىماي كۆپ ساندا كىشىنىڭ قاتناشقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىشلەمچىلىرىنى دۇنيادىكى داڭلىق ماركىلارنى ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرىدا مەجبۇرىي ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، مەزكۇر دوكلات خەلقئارادا قاتتىق ئىنكاس قوزغىغانىدى. دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېرلاردىكى تۈمەنلىگەن ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنى يۆتكەپ، «ئالما»، «BMW»، «Sony»، «GAP»، «Nike»، «خۇئاۋېي»، «Samsung» قاتارلىق دۇنياۋى داڭلىق شركەتلەرگە مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتلاردا مەجبۇرىي ئىشلەتكەن. 5-مارت كۈنى لوندوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن نامايىشچىلار لوندوندىكى بۇ داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلاتلارنى ساتىدىغان دۇكاننىڭ ئالدىغا بېرىپ تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىنى تارقاتقان. 

مەلۇم بولۇشىچە، لوندوندا بۇرۇندىن تارتىپ خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈش پائالىيەتلىرى، بولۇپمۇ نامايىشلار ئىزچىل ھالدا ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىنمەكتە. لېكىن ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن تارتىپ ئەنگلىيە پارلامېنتىدىمۇ بەزى پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ ئەنگلىيەنىڭ ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا «ئۇيغۇرلارنى قوللاش ھەرىكىتى» نامىدا تەشكىلات قۇرۇپ، ھەر ئاينىڭ 5-كۈنى خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈشنى قارارلاشتۇرغانىدى. ئەمدىلىكتە بولسا ئەنگىلىيە ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئەنگلىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىش سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرىدىكەن. رەھىمە مەخمۇت خانىم بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى. 

5-مارت كۈنىدىكى نامايىشقا ئىشتىراك قىلغان ئۇيغۇر قىزى دىلناز كەرىم ئۇيغۇرلاردىن باشقا مىللەتلەرنىڭ «ئىنسانلىق بۇرچىمىزنى ئادا قىلىمىز» دەپ نامايىشقا قاتناشقانلىقىنى بايان قىلدى. 

ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندى ئەنگلىيەدە ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان پارتىيەلەر، ئاممىۋى تەشكىلاتلار، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە كىشىلەرنىڭ سانىنىڭ كۈنسايىن كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، ئەنگلىيە ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ھازىر قىلىۋاتقان پائالىيەتلىرىنى ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ يېڭى بىر پەللىسى دېگىلى بولىدىغانلىقىنى، بۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ زورىيىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. 

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 2019-يىلى، 24-ئىيۇل كۈنى ئەنگلىيە پارلامېنتىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان «ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋەزىيىتى ۋە جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى» غا قاتناشقان ئىدى. مەزكۇر گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە يىغىن خاتىمىسىدە ھەرقايسى پارتىيە ۋەكىللىرىنىڭ ئاۋاز قوشۇشى بىلەن «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» قۇرۇلغانىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت