تايلاندتا پاناھلىنىۋاتقان سابىق خىتاي ئەسكىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدىكى بايانلىرى (2)

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2019-05-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
تۈرمىدە سوراق قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇس.
تۈرمىدە سوراق قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇس.
Social Media

لى نەنفېي ئەپەندى سۆھبىتىمىزنىڭ بۈگۈنكى قىسمىدا 2013-يىلى 8-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 2013-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە غۇلجا شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن «دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش» جىنايىتى بىلەن تۇتقۇن قىلىنىپ، 2 ئاي قاماقتا ياتقانلىقى ھەققىدىكى قىسمەتلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى: «ئۇلار مېنى ئىككى ئاي قاماپ قويۇشتى. ئۇلارنىڭ مەقسىتى مېنى ئىقرار قىلدۇرۇش، مېنىڭ شېرىكلىرىمنى تېپىپ چىقىش ئىدى، ئەمما مەن ئىقرار قىلمىدىم. ئۇلارنىڭ ئائىلەمگە ئەۋەتكەن ھۆججىتىدە ‹47 كۈن تۇتۇپ تۇرۇلدى› دەپ يېزىلىپتۇ. ئۇلارنىڭ مېنى 1-قېتىم تۇتقۇن قىلغان ۋاقتى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى ئىدى. كېيىنكى بىرقانچە كۈندە ئەركىنلىكىم چەكلەندى. ئۇ كۈنى ئائىلەم بويىچە تۇتقۇن قىلىندۇق. شۇ كۈنكى تۇتقۇندا ئائىلە بويىچە 24 سائەتلىك ۋەھىمە ۋە سۇ بەرمەي ئاچ قويۇش جازاسىغا ئۇچرىدۇق، دېسەم خاتا بولمايدۇ. ساقچىلارنىڭ ئۆي ئاختۇرۇشىدىن كېيىن ئايالىم ۋە 2 ياشلىق قىزىم قويۇپ بېرىلدى. 9-ئاينىڭ 7-كۈنى قاماقخانىغا ئېلىپ كېلىندىم.»

لى نەنفېي ئەپەندى تۇتقۇن قىلىنغان دەسلەپكى كۈنلەردە غۇلجا شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ يەر ئاستى قاماقخانىسىدا ئۆزى ئۇچرىغان قىيناپ سوراق قىلىنىش جەريانى ھەققىدە مەلۇمات بەردى: «سولاقخانىدا يېپىنچا يوق ئىدى، 9-ئاي بولغىنى ئۈچۈن ئاخشاملىرى تولىمۇ سوغۇق بولاتتى. ئۇلار ئېغىر جازا ھۆكۈم قىلىنغان باشقا جىنايەتچىلەرنى تۈرمىدىكى سىياسىي جىنايەتچىلەرنى نازارەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇراتتى. زەھەر يۆتكەش دېگەندەك جىنايەت بىلەن قامالغانلار جازاسىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن ساقچىلارغا ھەمكارلىشاتتى. ئۇلارنىڭ ماڭا بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار سولاقخانىدىكى سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئۆزئارا پاراڭلاشقىنى، نېمىلەرنى دېگەنلىكىنى ۋە باشقا ئەھۋاللارنى يەتكۈزۈشكە بۇيرۇلىدىكەن. ساقچىلارمۇ ئۇلارنى دائىم ئېلىپ چىقىپ كېتىپ ئەھۋال ئىگىلەيتى، سىياسىي جىنايەتچىلەرنىڭ ئۆز-ئارا پاراڭلىشىشىغا يول قويۇلمايتى.»
لى نەنفېي ئەپەندى تۇتقۇن قىلىنغان دەسلەپكى كۈنلەردە سائەت-سائەتلەپ قورقۇتۇش، بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈلۈپ تاياق يېيىش، يولۋاس ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇزۇپ قويۇلۇش، توك كالتىكىدە دۇمبالىنىش، قولىغا تۆمۈر كويزا سېلىنىپ، دېرىزىنىڭ تۆمۈر رىشاتكىسىغا ئېسىپ قويۇلۇش قاتارلىق خىلمۇ-خىل تەن جازالىرىغا ئۇچرىغانلىقىنى بايان قىلدى:

«يولۋاس ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇلۇپ سوراق قىلىنىشنى ئادەتتىكى ئەھۋال دېيىشكە بولىدۇ. قاتتىق قىيىن-قىستاق بىلەن سوراق قىلىنغان جايىم غۇلجا شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ يەر ئاستى سوراقخانىسىدا بولدى. ئۇ يەردە تاياق يىدىم. ساقچىلار توك كالتىكى بىلەن جىنسى ئەزايىمغا ئۇردى. يولۋاس ئورۇندۇق تۆمۈردىن ياسالغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئولتۇرغىنىڭىزدا پۇتىڭىز تۆمۈردىن ياسالغان ئىككى تۆشۈككە تىقىلىپ چۈشەپ قويۇلىدۇ، قولىڭىز بېغىشىدىن قىسىپ قويۇلىدۇ. مەن بىرقانچە قېتىم بۇ خىل ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇلدۇم. غۇلجا شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ يەر ئاستى سوراقخانىسىدا ۋە ئوبلاستلىق ساقچى ئىدارىسىنىڭ سولاقخانىسىنىڭ كۈتۈۋېلىش ئۆيىدە بۇ خىل ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇلدۇم. ئۇلار مېنى شېرىكلىرىمنى ئىقرار قىلىشقا مەجبۇرلىدى. ئەمما مەن ئىقرار قىلساملا جىنايەتچى بولىدىغانلىقىمنى بىلەتتىم، شۇڭا ئىقرار قىلمىدىم. قولۇمنىڭ بارماقلىرى قىسىلغانلىقى ئۈچۈن ھازىرغىچە بارماقلىرىمنى تۈزلىيەلمەيمەن.» 

لى نەنفېي ئەپەندى ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن تەن جازالىرىنىڭ تۈرمىدىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلارغا سېلىشتۇرغاندا يەنىلا كۆپ يېنىك دېيىشكە بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

ئۇ بايانىدا يەنە ئۆزىنى سوراق قىلغان خەمىت ئىسىملىك تۇڭگان ساقچىنىڭ دەسلەپكى چاغلاردا ئۇنى قورقۇتۇش ئۈچۈن تۈرمىدە ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى قىيناۋاتقان كۆرۈنۈشلەرنى ئۆزىگە كۆپ قېتىم كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

لى نەنفېي ئەپەندى بۈگۈنكى سۆھبىتىمىز ئاخىرىدا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش بىر خىتايغا قىلغان زۇلۇملىرىغا قارىغاندا ئۇيغۇر مەھبۇسلارغا تېخىمۇ قاتتىق زۇلۇم سالىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

لى نەنفېي ئەپەندى ئىككى ئايلىق تۇتقۇندا تەن جازالىرىغا ئۇچرىغان ئەھۋالدىمۇ ساقچىلارنىڭ ئۇنىڭغا ئارتقان «پارتىيە قۇرۇپ دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش» جىنايىتىنى بوينىغا ئالمىغانلىقىنى، ئىككى ئايدىن كېيىن يېنىك بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى ئۇختۇرۇلۇپ، گۇناھسىز دەپ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ بۇ ئىككى ئايلىق تۇتقۇندىن كېيىن خىتايدىن قېچىپ چىقىش ئىرادىسىگە كەلگەنلىكى ۋە 2014-يىل 4-ئايدا ئەسلى يۇرتى ئەنخۇيدىكى دادىسىنى كۆرۈپ كېلىش باھانىسىدە يۈننەن ئارقىلىق تايلاندقا چېچىپ چىققانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ ئاخىرىدا بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئەھۋاللارنى دۇنياغا ئاشكارىلاشنى ئۆزىنىڭ بۇرچى دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت