باش بەت | تەپسىلىي خەۋەر قەدرىيە غوپۇر: «گۇۋاھلىق باياناتىمغا تۈركلەردىن قىزىقىش زور، خىتايدىن رەسمىي ئىنكاس يوق»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2020-03-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
گۇۋاھلىق باياناتلىرى تۈركلەر ئارىسىدا قىزىقىش قوزغىغان قەدرىيە غوپۇر خانىم.
گۇۋاھلىق باياناتلىرى تۈركلەر ئارىسىدا قىزىقىش قوزغىغان قەدرىيە غوپۇر خانىم.
Photo: RFA

نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان قەدرىيە غوپۇر ئۆتكەن ئايدا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاقسۇ نىڭ توقسۇ ناھىيەسىدە 10 يىللىق كېسىۋېتىلگەن ئانىسى ھاجىرە روزى ھەققىدە تۈركچە ۋە ئۇيغۇرچە بىر يۈرۈش گۇۋاھلىق باياناتى ئېلان قىلغان ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ باياناتلار تۈرك جامائەت پىكرى سورۇنلىرىدا كۈچلۈك قىزىقىش قوزغىغان.

بۇ ئىنكاسلار ھەققىدە رادىيومىزغا پىكىر بايان قىلغان قەدرىيە غوپۇر باياناتىنىڭ تۈركلەردە زور قىزىقىش پەيدا قىلغانلىقى، ئەمما خىتاي تەرەپتىن رەسمىي يوسۇندا ئىنكاس قايتمىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ دەۋا سېپىگە پۇختا روھىي ۋە ئىدىيەۋىي تەييارلىق بىلەن ئاتلانغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىش ئارقىلىق پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىز.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت