خوڭكوڭدا 54 كۈن داۋاملاشقان نامايىش يېڭى تاللاشقا دۇچ كەلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2014-11-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خوڭكوڭ ئامانلىق قوغدىغۇچىلىرىنىڭ نامايىشچى ئوقۇغۇچىلار يوللارنى توسۇش ئۈچۈن ئىشلەتكەن رىشاتكىلارنى يۆتكىمەكتە. 2014-يىلى 18-نويابىر، خوڭكوڭ.
خوڭكوڭ ئامانلىق قوغدىغۇچىلىرىنىڭ نامايىشچى ئوقۇغۇچىلار يوللارنى توسۇش ئۈچۈن ئىشلەتكەن رىشاتكىلارنى يۆتكىمەكتە. 2014-يىلى 18-نويابىر، خوڭكوڭ.
AFP

خوڭكوڭلۇقلارنىڭ «دېموكراتىك سايلام ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىش» نامايىشى داۋاملىشىۋاتقىنىغا 54 كۈن بولدى. ئەمما، خوڭكوڭ يەرلىك دائىرىلىرى ۋە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى بىلەن نامايىشچىلار ئارىسىدا ھازىرغىچە ئورتاق بىر پىكىر ھاسىل قىلىنمىدى. مەلۇم بولۇشىچە، نامايىش داۋامىدا مەيداننى بوشىتىشقا كەلگەن ساقچىلار بىلەن نامايىشچى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا سۈركىلىشلەر يۈز بېرىپ، بەزى ئوقۇغۇچىلار جەمئىيەت ئامانلىقىنى بۇزدى دېگەندەك جىنايەتلەر ئارتىلىپ تۇتقۇن قىلىنغان. بۇ ئەھۋال نامايىشچىلار ئارىسىدا نامايىشنى داۋاملاشتۇرۇش ياكى باشقىچە يول تاللاش ھەققىدە ھەر خىل پىكىرلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن.

پەيشەنبە كۈندىكى خەلقئارا مەتبۇئات خەۋەرلىرىدە خوڭكوڭدا 54 كۈن داۋاملاشقان نامايىشنىڭ يېڭى تاللاشقا دۇچ كەلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىككى ئايدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان دېموكراتىيىنى تەلەپ قىلىش نامايىشىغا قارىتا، خوڭكوڭ يەرلىك دائىرىلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ دېموكراتىك تەلەپلىرىگە جاۋاب بېرىپ ۋەزىيەتنى ئوڭشاشنىڭ ئورنىغا، نامايىشچى ئوقۇغۇچىلارنى ئەيىبلەپ، نامايىشچىلار ئىگىلىۋالغان مەركىزى مەيداننى مەجبۇرىي بىكار قىلىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرۈشى، نامايىشچى ئوقۇغۇچىلارنى نارازى قىلىپ ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

19-نويابىر چارشەنبە كۈنى خوڭكوڭدىكى نامايىشچىلارنىڭ بىر قىسمى خوڭكوڭ ھۆكۈمەت مەجلىس بىناسىغا بۆسۈپ كىرگەندىن كېيىن ساقچى تەرەپ بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن.

تۈنۈگۈن ئەتىگەن ئوقۇغۇچىلار خوڭكوڭ مەجلىس بىناسىنىڭ يان ئىشىكىنىڭ ئەينىكىنى چېقىپ، بىنا ئىچىگە كىرگەندىن كېيىن، خوڭكوڭ يەرلىك ھۆكۈمىتى 100 نەچچە ساقچىنى ئەۋەتىپ، ئوقۇغۇچىلارغا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئېتىش ۋە كالتەك-توقماقلار بىلەن قوغلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئۇلارنى بىنادىن قوغلاپ چىققان. نەتىجىدە نامايىشچى ئوقۇغۇچىلار بىلەن خوڭكوڭ ساقچىلىرى ئارىسىدا نامايىش باشلانغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق كەسكىن توقۇنۇش يۈز بەرگەن. خوڭكوڭ دائىرىلىرى ئۆز خەۋەرلىرىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ خوڭكوڭ ھۆكۈمەت مەجلىسىگە بۆسۈپ كىرىشىنى «قانۇننى بۇزغانلىق» دەپ ئەيىبلەپ، ۋەقەگە قاتناشقۇچىلارنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدا يەنە خوڭكوڭدىكى بىر قىسىم شىركەت ۋە پۇقرالارنىڭمۇ خوڭكوڭ يەرلىك ھۆكۈمىتىگە ئەرز سۇنۇپ، ھۆكۈمەتتىن «نامايىشچىلار ئىگىلىۋالغان مەركىزى مەيداننى ۋە توسۇۋېتىلگەن يوللارنى مەجبۇرىي ئاچقۇزۇش» تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر كۆپەيدى.

ئەمما، خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى ئۆز تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ دېموكراتىيە تەلەپلىرىگە جاۋاب بېرىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ تىنچ يول بىلەن نامايىش قىلىش تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى، بىراق ھازىرغىچە ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارنىڭ تەلەپلىرىنى جاۋابسىز قالدۇرۇشى نامايىشچى ئوقۇغۇچىلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ، ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.

خوڭكوڭ دېموكراتىك نامايىشىنى تەشكىللىگۈچى ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بۈگۈن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى، ب ب س ئاگېنتلىقى، رويتېرس ئاگېنتلىقى قاتارلىق كۆپلىگەن خەلقئارا مەتبۇئاتلارغا بايانات بېرىپ، ئاز كەم ئىككى ئاي داۋاملاشقان خوڭكوڭلۇقلارنىڭ دېموكراتىيىنى تەلەپ قىلىش نامايىشىنىڭ نەتىجىسىز ئاياغلاشماسلىقى ئۈچۈن، نۆۋەتتە نامايىش تەشكىللىگۈچى ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرىنىڭ بىلەت تاشلاش ئۇسۇلى ۋە كېڭىشىش ئارقىلىق يېڭىچە بىر يول ئىزدەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خوڭكوڭ ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىدىن لىن فامىلىلىك ئوقۇغۇچى پەيشەنبە كۈنى رادىئومىز خىتاي بۆلۈمى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز ھازىر ئىككى ئايغا يېقىن داۋاملاشقان ‹مەركىزى مەيداننى ئىگىلەش› ھەرىكىتىنى بۇندىن كېيىن قانداق ئۇسۇلدا داۋاملاشتۇرۇش ھەققىدە ئۆز ئىچىمىزدە ئورتاق بىر قارارغا كېلىشكە تىرىشىۋاتىمىز. مەيلى خوڭكوڭ يەرلىك ھۆكۈمىتى بولسۇن، ياكى مەركىزى ھۆكۈمەت بولسۇن، بىزنىڭ دېموكراتىيە ھەققىدىكى تەلەپلىرىمىزگە بىز قايىل بولغۇدەك جاۋاب بەرمىدى. ئەگەر بىزنىڭ ئىككى ئايغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىمىز نەتىجىسىز ئاياغلاشسا، كۆرسەتكەن ئەجرىمىز ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئۆكۈنىمىز. ھازىر مەسىلە ھەل قىلىنىشنىڭ ئورنىغا بارغانچە مۇرەككەپلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. مەن ھازىرقى ئەھۋالغا قارىتا بىز نامايىشنى قانداق داۋاملاشتۇرۇش ھەققىدە قارار چىقىرىشىمىز، مەركىزى مەيداننى ئىگىلەش ھەرىكىتىنى قانداق شەكىلدە داۋاملاشتۇرۇشنى دېموكراتىيە ئۈچۈن بەدەل تۆلەۋاتقانلار ئۆزى تاللىشى كېرەك دەپ قارايمەن.»

خوڭكوڭدىكى ئاممىۋى تەشكىلات ئەزالىرى ۋە خوڭكوڭ پۇقرالىرىمۇ، ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خوڭكوڭدىكى ۋەزىيەتنىڭ يەنىمۇ كەسكىنلەشمەسلىكى ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىگىلىۋالغان مەيدان كۆلىمىنى تارايتىپ، پۇقرالارغا قۇلايلىق يارىتىپ بېرىشىدىن باشقا، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭمۇ ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىشتا سەۋرچان بولۇشى، ساقچىلارنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىش جەريانىدا شىددەت ئۇسۇلنى قوللانماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

خوڭكوڭ پۇقراسى لياڭ جياجې 20-نويابىر پەيشەنبە كۈنى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: «ساقچىلار ۋەزىپە ئىجرا قىلىش جەريانىدا زىيادە كۆپ كۈچ قوللانماسلىقى كېرەك. يەنى زوراۋانلىق ۋاسىتىسى قوللىنىلغىنىدا ئاممىنىڭ غەزىپى كۈچىيىدۇ، تىنچ داۋاملىشىۋاتقان نامايىشىنىڭ زوراۋانلىق توقۇنۇشىغا ئايلىنىشى مۇشۇنداق ۋاقىتتا بارلىققا كېلىدۇ» دېدى.

خوڭكوڭ دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەي ياۋچاڭ ساقچىلارنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىش جەريانى نازارەت قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، «ھازىر ھۆكۈمەت ۋە ساقچىلار ئەمەلىيەتتە قانۇنى ھوقۇقنى يۈرگۈزگۈچىلەر. ئەگەر ساقچىلار ۋەزىپە ئىجرا قىلىش جەريانىدا ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى نازارەت ئاستىغا ئېلىنىپ، ئۇلارنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۈچ قوللىنىشىنىڭ ئالدى ئېلىنمايدىكەن، ئۇ ھالدا ئۇلار ئۆزلىرى قانۇننى بۇزغان بولۇپ قالىدۇ» دېدى.

نۆۋەتتە خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيىنى تەلەپ قىلىش نامايىشىنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتى ۋە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ نامايىشنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان. مەتبۇئات خەۋەرلىرىدە، خوڭكوڭدىكى دېموكراتىك نامايىشنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنىشى، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت سىياسىتىگە ۋە پۈتۈن خىتاينىڭ دۆلەت ۋەزىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكى تەكىتلەنمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت