د ئۇ ق رەھبەرلىرى «مىللىي گۆرۈش» تەشكىلاتى بىلەن كۆرۈشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2019-02-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
د ئۇ ق رەھبەرلىرىدىن پەرھات مۇھەممىدى ۋە ئابدۇجېلىل ئەمەت ئەپەندىلەر «مىللىي گۆرۈش» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى كامال ئەرگۈن ئەپەندى بىلەن خاتىرە سۈرەتتە. 2019-يىلى 12-فېۋرال، كۆلن، گېرمانىيە.
د ئۇ ق رەھبەرلىرىدىن پەرھات مۇھەممىدى ۋە ئابدۇجېلىل ئەمەت ئەپەندىلەر «مىللىي گۆرۈش» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى كامال ئەرگۈن ئەپەندى بىلەن خاتىرە سۈرەتتە. 2019-يىلى 12-فېۋرال، كۆلن، گېرمانىيە.
RFA/Ekrem

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىرى «مىللىي گۆرۈش» تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەتلەر ئېلىپ باردى.

12-فېۋرال كۈنى د ئۇ ق رەھبەرلىرى مۇھاجىرەتتىكى تۈرك جامائىتىنىڭ دۇنيانىڭ ھەر يەرلىرىدە قانچە يۈز مىڭ ئەزاسى بولغان «مىللىي گۆرۈش» تەشكىلاتىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئۇلارنىڭ باش شىتابىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە بۇندىن كېيىن خىتايغا قارشى ھەمكارلىشىپ ئېلىپ بارىدىغان پائالىيەتلەر توغرىسىدا سۆھبەتلەردە بولدى.

مەركىزى گېرمانىيەنىڭ كۆلن شەھىرىدە بولغان «مىللىي گۆرۈش» تەشكىلاتى بۇ يىل 2-فېۋرالدىن باشلاپ 11-فېۋرالغىچە ياۋروپا، شىمالىي ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە قاتارلىق قىتئەلەردىكى 16 دىن ئارتۇق دۆلەت، 20 دىن ئارتۇق چوڭ شەھەرلەردە ھەم تۈركىيەدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىغا، بولۇپمۇ جازا لاگېرلىرىغا قارشى د ئۇ ق بىلەن ھەمكارلىشىپ، كۆلىمى زور نامايىشلارنى ئېلىپ بارغان ئىدى.

ئىگىلىشىمىزچە، «مىللىي گۆرۈش» تەشكىلاتى نۆۋەتتە خىتايغا بولغان قارشىلىقنى دۇنيا مىقياسىدا يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈش ئۈچۈن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا باشلىق قۇرۇلتاي رەھبەرلىرىنى جىددىي كۆرۈشۈشكە تەكلىپ قىلغان. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئامېرىكىدا، قۇرۇلتاينىڭ باشقا رەھبەرلىرى يەنە باشقا دۆلەتلەردە تۈرلۈك سىياسىي پائالىيەتلەر بىلەن ئالدىراش بولغانلىقى سەۋەبلىك قۇرۇلتاينىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ۋە قۇرۇلتاي فوندىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇجېلىل ئەمەت ئەپەندىلەر 12-فېۋرال سەھەر ميۇنخېندىن يولغا چىقىپ، چۈشتىن كېيىن سائەت 14:00 بىلەن كۆلن شەھىرىگە يېتىپ بارغان ۋە د ئۇ ق غا ۋاكالىتەن بۇ ئۇچرىشىشقا قاتناشقان.

د ئۇ ق رەھبەرلىرى سۆھبەتتىن ئىلگىرى قۇرۇلتاي رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 9-فېۋرال كۈنى ئېلان قىلغان جازا لاگېرلىرىغا قارشى باياناتىغا قۇرۇلتايغا ۋاكالىتەن رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ يازغان مەخسۇس خېتىنى ھەمدە د ئۇ ق تەرىپىدىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك تۈركچە ھازىرلانغان دوكلاتىنى «مىللىي گۆرۈش» تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىرىگە تەقدىم قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە «مىللىي گۆرۈش» تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ پاجىئەلىك تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى زوراۋانلىقلىرىغا نىسبەتەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا نامايىشلار تەشكىللەپ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى ئالەمگە جاكارلىغانلىقىغا تەشەككۈرلىرىنى ئىزھار قىلغان. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت 2 سائەت داۋام قىلغان.

كۆلن شەھىرىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا كەڭ دائىرىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئالدىمىزدىكى ئايلاردا خىتاي ھاكىمىيىتىنى خەلقئارادا تېخىمۇ رەسۋا قىلىش، جازا لاگېرلىرىنى تاقاشقا مەجبۇرلار ئۈچۈن قانداق يېڭىچە چارە-تەدبىرلەرگە مۇراجىئەت قىلىش لازىملىقىنى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى ۋە قىلماقچى بولغان بەزى پائالىيەتلەر توغرىسىدا ئالدىن مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

د ئۇ ق فوندىنىڭ مۇدىرى ئابدۇجېلىل ئەمەت ئەپەندى بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش ھەققىدە توختالغاندا «مىللىي گۆرۈش» تەشكىلاتىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى تەرەپلەردىن «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئەبەدىي قوللايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەنلىكىنى، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قارشى ئۇيغۇرلار بىلەن ھەر ۋاقىت بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدىن ئېتىبارەن ياۋروپادىكى تۈرك تەشكىلاتلىرى ئارىسىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى سىياسىتى ۋە تۈرلۈك زۇلۇملىرىغا قارىتا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ داۋاملىق سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىشىغا نىسبەتەن كۈچلۈك نارازىلىق پەيدا بولغان. ئۇيغۇرلارغا قېرىنداش ۋە دىنداش بولغان تۈرك مىللىتى ئۆزلۈكىدىن 2018-يىلى 12-ئايدىن باشلاپ د ئۇ ق بىلەن ھەمكارلىشىپ ياۋروپا دۆلەتلىرىدە خىتايغا قارشى تۇشمۇتۇشتىن قوزغىلىپ چىقىشقا باشلىغان. ھازىر د ئۇ ق بىلەن ھەمكارلىشىپ خىتايغا قارشى ھەرىكەت قىلىش ئارزۇسىدا بولۇۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، ھەتتا ياۋروپادىكى بەزى ئەرەب ئىسلامىي گۇرۇپپىلارمۇ پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا ئورتاق قارشىلىق سادالىرى چىقىرىش ئۈچۈن د ئۇ ق نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى كۈتمەكتە ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت