مىسىردا تۇتقۇن قىلىنغان رەھىمجان ئازاتنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى مەلۇم بولماقتا

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2018-04-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
مىسىردا غايىب بولغان 16 ئۇيغۇرنىڭ بىرى، ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى رەھىمجان ئازاد.
مىسىردا غايىب بولغان 16 ئۇيغۇرنىڭ بىرى، ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى رەھىمجان ئازاد.
RFA/Gülchéhre

بۇلتۇر يازدىكى تۇتقۇندا مىسىردىن قېچىپ ياۋروپاغا كېلىپ پاناھلانغان رەيھانگۈل خانىم يېقىندا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزىنىڭ مىسىردىكى تونۇشلىرىدىن «16 بالىنى خىتايغا ئېلىپ كېتىپتۇ،» دېگەن گەپلەرنى ئاڭلىغانلىقىنى، بۇ خىل خەۋەرلەرنىڭ ئۇيغۇرلاردا بەلگىلىك ئەندىشىلەرنى پەيدا قىلغانلىقنى بايان قىلغان ئىدى.

تۇرا تۈرمىسىدىن غايىب بولغان ئېلياسجاننىڭ ئايالى ئۆزىگە ئوخشاش ئېرى تۇتقۇنغا ئۇچراپ غايىب بولغانلارنىڭ ئاياللىرىدىن بەزى خەۋەرلەرنى ئاڭلىغانلىقىنى، يەنى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ مىسىردىن قايتۇرۇپ كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان 16 ئۇيغۇردىن بىرىنىڭ غۇلجىدىكى ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرىپ، ئۇنىڭ قىشلىق كىيىملىرىنى ئېلىپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئېلياسجاننىڭ ئايالى ھازىرغىچە ئېرىدىن ئېنىق خەۋەر ئالالمىغاچقا، ئېرىنىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكىنى جەزملەشتۈرەلمەي ئۈمىد كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنىمۇ بايان قىلغان ئىدى.

بىز بۇ ئۇچۇرلارغا ئاساسەن مىسىردىن سۈرۈشتە قىلىپ ئاخىرى «16 بالىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپتۇ،» دېگەن بۇ ئېنىقسىز ئۇچۇرنىڭ مەنبەسىگە ئۇلاشتۇق.

نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ياش ئايالنىڭ ئېيتىشىچە، تۇرا تۈرمىسىدىن يۆتكەلگەندىن كېيىن غايىب قىلىۋېتىلگەن 16 ئۇيغۇرنىڭ بىرى رەھىمجان ئازاد بولۇپ، بۇ كىشى دەل ئۇنىڭ ئېرى ئىكەن. 2017-يىلى 4-ئىيۇل كۈنى مىسىر ساقچىلىرى ئۇنى ئۆيىدىن ئېلىش چىقىپ كەتكەندە ئۇلارنىڭ يېڭى تۇغۇلغان پەرزەنتى ئاران 50 كۈنلۈك بولغان ئىكەن.

رەھىمجان ئازاد 2013-يىلى مىسىرغا كەلگەن بولۇپ، ئۇ 1988-يىلى 29-فېۋرال كۈنى غۇلجا ناھىيەسىدە تۇغۇلغان ئىكەن.

رەھىمجاننىڭ ئايالىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ئېرى سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىنىپ تۇرا تۈرمىسىگە سولانغاندىن كېيىنمۇ ئۇلار ئارىلاپ تېلېفوندا پاراڭلىشىپ تۇرغان ۋە بەزىدە ئېرىگە تاماق ئېتىپمۇ كىرگۈزگەن. ئۆتكەن يىلى سېنتەبىر كۈنىدىكى تېلېفون سۆھبىتى ئۇلارنىڭ ئاخىرقى قېتىملىق ئالاقىلىشىشى بولۇپ قالغان. ئۇ ئېرىدىن ھېچقانداق خەۋەر ئالالماي تۇرغان پەيتتە، يەنى 2017-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى غۇلجىدىكى تۇغقانلىرىدىن رېھىمجاننىڭ غۇلجا ناھىيەسىدىكى ئاپىسىنىڭ ئۆيىگە ساقچىلار كېلىپ، «ئوغلۇڭلارنى ئېلىپ كەلدۇق، قىشلىق كىيىملىرى بولسا بېرىڭلار» دەپ ئېلىپ كەتكىنىنىڭ خەۋىرىنى ئالغان.

ئۇ رەھىمجاننىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتە قىلىپ قاھىرەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا بارغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار مەسئۇلىيەتنى مىسىر تەرەپكە ئارتىپ باشقا ھېچقانداق جاۋاب بەرمىگەن. ھازىرغىچە ئۇ رېھىمجاننىڭ قايتۇرۇپ كېتىلگەندىن كېيىنكى ئەھۋالىدىن خەۋەر ئالالماي كەلمەكتە ئىكەن.

ئۇ تۇتقۇندىكى ئەرلىرىنىڭ نەدىلىكى ياكى ئۆلۈك تىرىكىدىن خەۋەر ئالالمايۋاتقان ھەدە-سىڭىللارغا قارىغاندا، ئۆزىنىڭ ئېرىنىڭ ھايات ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن كۆڭلى بىر ئاز ئارامىغا چۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەمدى بىر ياشقا كىرگەن ئوغلىنى باغرىغا بېسىپ، تۇرمۇش قىيىنچىلىقى ۋە روھىي بېسىملارغا بەرداشلىق بېرىپ ياشاۋاتقان بۇ ياش ئايال قىينالغانلىرىدا قانچە قېتىملاپ «نېمە كۆرسەم كۆردۈم،» دەپ يۇرتىغا قايتىپ كەتمەكچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن كېيىنچە نارەسىدە بالىسىنى ئويلاپ بۇ ئويدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، مىسىردا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تۇتۇش باشلىنىشتىن بۇرۇن ئۇيغۇرلار ئاساسلىق ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرغان 7-رايون ئىنتايىن قاينام تاشقىن، قەدەمدە بىر ئۇيغۇرلار ئۇچراپ تۇرىدىغان بىر كۆڭۈللۈك مەھەللە ئىكەن. ئۆتكەن يىلى يازدىكى تۇتقۇندىن كېيىن تۇتۇلغانلار تۇتۇلۇپ، كەتكىنى كەتكەن بولۇپ، بۇ رايوندا دۇكان ۋە ئاشخانا ئاچقان ئۇيغۇرلارمۇ دۇكانلىرىنى تاقاپ نەلەرگىدۇر غايىب بولغان. قاھىرەدىكى ئۇيغۇرلار مەھەللىسى دەپ ئاتالغان-7 رايوننىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئۇ «بۇ يەردە ئۇيغۇرلارنىڭ دەۋرى تۈگىدى،» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادە قىلدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت