ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ۋاسلاۋ خاۋىل ئەركىنلىك مۇكاپاتى» نىڭ ئاخىرقى 3 نامزاتىنىڭ بىرى بولۇپ تاللاندى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2019-08-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنىڭ 5 يىللىقىنىڭ خاتىرىسى. 2019-يىلى 15-يانۋار.
ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنىڭ 5 يىللىقىنىڭ خاتىرىسى. 2019-يىلى 15-يانۋار.
RFA

گېرمانىيەدىكى «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» نىڭ باشلىقى ئەنۋەرجان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار 27-ئاۋغۇست كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىدىن مەشھۇر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ ياۋروپادىكى نوپۇزلۇق ئەركىنلىك مۇكاپاتلىرىنىڭ بىرى بولغان «ۋاسلاۋ خاۋىل ئەركىنلىك مۇكاپاتى» نىڭ 2019-يىللىق ئاخىرقى 3 نامزاتىنىڭ بىرى بولۇپ تاللانغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئالغان.

27-ئاۋغۇست كۈنى گېرمانىيەدىكى «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» نىڭ باشلىقى ئەنۋەرجان ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ 2019-يىللىق «ۋاسلاۋ خاۋىل ئەركىنلىك مۇكاپاتى» نىڭ ئاخىرقى 3 نامزاتىنىڭ بىرى بولۇپ تاللانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەنۋەرجان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر خەۋەر ئۇلارغا ياۋروپا پارلامېنتلار كېڭىشى رەئىسى لىلىئانې مائۇري پاسچۇئىئېر نامىدا ئەۋەتىلگەن خەت ئارقىلىق ئۇقتۇرۇلغان.

خەتتە دېيىلىشىچە، ئىلھام توختى ئەپەندى 2019-يىللىق «ۋاسلاۋ خاۋىل ئەركىنلىك مۇكاپاتى» نىڭ ئاخىرقى 3 نامزاتىنىڭ بىرى بولۇپ تاللانغان بولۇپ، قالغان ئىككى نامزاتنىڭ بىرى تاجىكىستانلىق بۇزۇرگمېھر يوروۋ، يەنە بىرى «ياش كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى» نامىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ئىكەن. خەتتىن مەلۇم بولۇشىچە، 29-سېنتەبىر كۈنى بۇ ئۈچ نامزاتتىن بىرى رەسمىي بېكىتىلىدىغان بولۇپ، 2019-يىل 30-سېنتەبىر كۈنى مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

«ۋاسلاۋ خاۋىل ئەركىنلىك مۇكاپاتى» 1989-يىلى شەرقىي ياۋروپادا كوممۇنىزم لاگېرىغا خاتىمە بېرىلگەن مەزگىلدە چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېموكراتىيەلىشىشى ئۈچۈن زور ھەسسە قوشقان شۇنداقلا چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ كوممۇنىزم تۈزۈمى غۇلىغاندىن كېيىنكى تۇنجى پرېزىدېنتى ۋاسلاۋ خاۋىل نامىغا 2013-يىلى تەسىس قىلىنغان. مۇكاپات سوممىسى 60 مىڭ ياۋرو دەپ بېكىتىلگەن.

ئەنۋەرجان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» ئىلھام توختى ئەپەندىنى «ۋاسلاۋ خاۋىل ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا تەۋسىيە قىلىپ كەلگەن. ئۇلار 2019-يىلى كىرىشى بىلەن يەنە، ياۋروپا، ئامېرىكا ۋە كانادا قاتارلىق دۆلەتلىرىدىكى بىرقانچە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىنمۇ ئىلھام توختى ئەپەندىنى مەزكۇر مۇكاپاتقا بىرلىكتە نامزات قىلىپ كۆرسىتىشنى ھاۋالە قىلغان. ئۇلار جاۋابنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتقاندا، بۈگۈن يەنى 27-ئاۋغۇست كۈنى ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ، ياۋروپادىكى نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرىدىن بىرى سانىلىدىغان «ۋاسلاۋ خاۋىل ئەركىنلىك مۇكاپاتى» نىڭ 2019-يىللىق ئاخىرقى3 نامزاتىنىڭ بىرى بولۇپ تاللانغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنىڭ كېلىشى ئۇلارنى سۆيۈندۈرگەن. (ئاۋاز(

ئەنۋەرجان ئەپەندى يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇنداق بىر مەزگىلدە، ئىلھام توختى ئەپەندىنى «ۋاسلاۋ خاۋىل ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا ئوخشاش نوپۇزلۇق خەلقئارالىق مۇكاپاتلارغا تەۋسىيە قىلىشنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىشتىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى.

كانادادىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى شېڭ شۆ خانىم خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى تىنچلىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپ، شېڭ شۆ خانىم «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» ھاۋالىسى بىلەن ئىلھام توختى ئەپەندىنى 2019-يىللىق «ۋاسلاۋ خاۋىل ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا تەۋسىيە قىلغۇچىلارنىڭ بىرى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شېڭ شۆ خانىمنىڭ قارىشىچە، ئىلھام توختىنى «بۇ خىل مۇكاپاتلارغا تەۋسىيە قىلىپ كۆرسىتىش، بىر جەھەتتىن ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ بالدۇرراق ئەركىنلىككە ئېرىشىشىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم پەيدا قىلىش رولىنى ئوينىسا، تېخىمۇ مۇھىمى خەلقئارانىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ باستۇرۇشقا ئۇچراشتەك جىددىي ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىشى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشىگە زور تۈرتكە بولىدۇ.»

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىلھام توختى ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشقا تىرىشىپ كەلدى. شۇڭا ھازىر ئىلھام توختى ھەققىدىكى ھەرقانداق بىر خەۋەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ دەپ ئويلايمەن. ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەقىقەتەن دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىدى، ئەمما بۇ يېتەرلىك ئەمەس. مەن بۇ مەسىلىدە دۇنيا كېچىكتى دەپ قارايمەن. سۆزلىرىمدە ھازىر شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنىڭ ئىنتايىن جىددىي بىر ھالەتتە ئىكەنلىكىنى داۋاملىق تەكىتلەپ كېلىۋاتىمەن. ئەمەلىيەتتە ھازىر ئۇ يەردىكى ۋەزىيەت ئۇرۇش بولۇۋاتقان جايلاردىكىدىنمۇ قورقۇنچلۇق ھالەتتە. شۇڭا ئۆز نۇتۇقلىرىمدا مۇستەبىت ھاكىمىيەت ئاستىدىكى يالغان تىنچلىق ۋەزىيىتى ئۇرۇش ۋەزىيىتىدىنمۇ قورقۇنچلۇق دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتىم. مەن يەنە مۇستەبىت ھاكىمىيەت ئاستىدىكى شىنجاڭ ۋەزىيىتىنى ئالاھىدە ئۇرۇش ۋەزىيىتى دەپ تەسۋىرلىدىم. چۈنكى ئۇرۇش بولۇۋاتقان شارائىتتا ئىككى تەرەپنىڭ قارشىلىشىش ئىمكانىيىتى بولىدۇ، ئەمما ھازىر ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يەرلىك خەلقنىڭ ئۆز قارشىلىقىنى ئىپادىلەيدىغان ھېچقانداق ئىمكانىيىتى يوق.»

شېڭ شۆ خانىم يەنە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ خىل زوراۋان تەقىبلەش سىياسىتىگە قارىتا غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارىتا تېخىمۇ جىددىي ۋە ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى ئۈزلۈكسىز تەلەپ قىلىپ كەلگەن ئىلھام توختى ئەپەندى 2014-يىلى 15-يانۋار كۈنى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىپ، ئۇنىڭغا «مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش، خىتاي دۆلىتىنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش» قاتارلىق جىنايەتلەر ئارتىلىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئەمما ئۇ تۇتقۇن قىلىنغاندىن بۇيان غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە ئىلھام توختىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىش سادالىرى بارغانچە كۈچەيمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە يەنە ئۆز قەلىمى ئارقىلىق تىنچلىق بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى تەلەپ قىلغان بۇ ئۇيغۇر سەرخىلىنى، ھەر خىل ناملاردىكى خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىش ۋە تەقدىرلەش پائالىيەتلىرىمۇ داۋام قىلماقتا.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىلھام توختى ئەپەندى بۇ يىل يەنە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى بىرقانچە مۇھىم ئەربابلار تەرىپىدىن 2019-يىللىق «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا بۇ يىل 8-ماي كۈنى يەنە ئامېرىكا ئەركىنلىك سارىيىنىڭ 2019-يىللىق «ئەركىنلىك مۇكاپاتى» بېرىلگەن ئىدى.

ئىلھام توختى ئەپەندىگە يەنە خەلقئارالىق مۇكاپاتلاردىن «باربارا گولدسىمىس ئەركىن يېزىش مۇكاپاتى»، «تۈرك تىللىق يازغۇچىلارنىڭ ئەركىن يېزىش مۇكاپاتى»، «مارتېن ئەننانىس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» «ۋېيمار ئەركىنلىك مۇكاپاتى» قاتارلىقلارمۇ بېرىلگەنىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت