خۇدسون ئىنستىتۇتىدىكى سۆھبەتتە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئالاھىدە تىلغا ئېلىندى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-06-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خۇدسون ئىنستىتۇتى ئۆتكۈزگەن تور سۆھبىتىدە خۇدسون ئىنستىتۇتىنىڭ خادىمى رېبېككا خېينرىچ خانىم ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى مايك گاللاگېر ئەپەندىدىن سوئال سورىماقتا. 2020-يىلى 8-ئىيۇن.
خۇدسون ئىنستىتۇتى ئۆتكۈزگەن تور سۆھبىتىدە خۇدسون ئىنستىتۇتىنىڭ خادىمى رېبېككا خېينرىچ خانىم ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى مايك گاللاگېر ئەپەندىدىن سوئال سورىماقتا. 2020-يىلى 8-ئىيۇن.
Social Media

2020-يىلىنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ دۇنياغا تارقىلىشقا باشلىغان تاجسىمان ۋىرۇسى مىسلىسىز بىر ۋاباغا ئايلىنىپ كەتكەندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ۋىرۇسنى «ئامېرىكانىڭ غەرەزلىك ھۇجۇمى» دېگەن مەزمۇندا كۆپلىگەن ساختا ئۇچۇرلارنى پەيدا قىلغان ئىدى. شۇنىڭدىن بىخلانغان دىپلوماتىيە ئۇرۇشى بارغانسېرى دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغاشقا باشلىغاندىن كېيىن خىتاينىڭ ۋىرۇس ئاپىتىدىكى مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىش چۇقانلىرى بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە چىقىشقا باشلىدى ھەمدە كۆپلىگەن دۆلەتلەر خىتايدىن بىۋاسىتە ھالدا بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلدى. بولۇپمۇ خىتاينىڭ «كۆرۈنمەس ئىستېلاسىغا ئەسىر بولماقتا» دەپ تەسۋىرلىنىۋاتقان ئاۋسترالىيەنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدە ئۆز مەيدانىنى ئىپادىلىشى بىلەن بۇ ھەقتىكى مۇنازىرە يېڭىۋاشتىن قىزىپ كەتتى.

ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئەڭ چوڭ ئاقىللار مەركىزى بولغان خۇدسون ئىنستىتۇتى مۇشۇ مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا 8-ئىيۇن سەھەردە ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى مايك گاللاگېر بىلەن تور سۆھبىتى ئۆتكۈزدى. سۆھبەتتە خۇدسون ئىنستىتۇتىنىڭ خادىمى رېبېككا خېينرىچ ئالدى بىلەن سۆز ئالدى. ئۇ پالاتا ئەزاسى گاللاگېرغا سوئال قويۇپ خىتاينىڭ نۆۋەتتە دۇنيا ئۈچۈن، بولۇپمۇ ئامېرىكانىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن قانداق بىر تەھدىت بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشنى سورىدى.

پالاتا ئەزاسى گاللاگېر بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنى نۆۋەتتە ئامېرىكا ئۈچۈن ئەڭ زور تەھدىت، دەپ قاراش لازىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ ئامېرىكا نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي، ئىقتىساد ۋە ھەربىي ئىشلار جەھەتتىكى ئەھۋاللارنى ئۆتكەن ئەسىردىكى ئەھۋال بىلەن سېلىشتۇرغاندا نۆۋەتتە خىتايدىن كېلىۋاتقان تۈرلۈك تەھدىت ۋە خىرىسلارنى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن، دەپ قاراشقا بولىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئەقلىي مۈلۈك ئوغرىلىقىنىڭ ئامېرىكانى ئېغىر زەربىگە ئۇچراتقانلىقىنى، بۇ قېتىمقى تاجسىمان ۋىرۇسىنىڭ بولسا ئامېرىكانى غايەت زور دەرىجىدە «ئوڭدا قويغان» بىر ۋەقە بولغانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ مۇشۇ خىل رېئاللىقنىڭ نۆۋەتتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ئىككى پارتىيەنى خىتاي مەسىلىسىدە تېزلا بىر ئورتاق نۇقتىغا ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئەڭ تىپىك ئىپادىلىرىدىن بىرى قاتارىدا پالاتا ئەزاسى ئېلخان ئۆمەرنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان باستۇرۇشلارنى تەنقىدلىشى، خىتاينىڭ ئامېرىكا ۋاستېكبول بىرلەشمىسى (NBA) نى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇشىنى چۆرىدىگەن تەنقىدلەر قاتارلىقلار ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

شۇنىڭدىن كېيىنكى مۇھاكىمىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ چىقىش ھەققىدە سۆز بولدى. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1989-يىلى تيەنئەنمېن مەيدانىدا ئون نەچچە مىڭ خىتاي ئوقۇغۇچىنى قىرغىن قىلغانلىقىدىن شۇنچە يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىككە ئازراقمۇ سىلجىمىغانلىقى، ئەمما ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدا ئىزچىل «خىتاي ئىدېئولوگىيە جەھەتتە جەزمەن دېموكراتىيىگە ماڭىدۇ،» دەيدىغان بالىلارچە ساددا قاراشنىڭ ھۆكۈم سۈرۈپ كەلگەنلىكىنى، ئەمدىلىكتە دۇنياغا مەلۇم بولۇۋاتقان خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيە نامايىشىنى باستۇرۇش، ئۇيغۇر دىيارىدا مىليونلىغان كىشىلەر قامالغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ كۆپلەپ قۇرۇلۇشى دېگەنلەر بۇ خىل ساددىلىقنى ئۈزېل-كېسىل ئىنكار قىلىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

رېبېككا تەكىتلىگەن يەنە بىر نۇقتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق قىلىپ دۇنيا مىقياسىدا ئامېرىكانىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىساد ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى ئېلىش ئۇرۇنۇشى بولدى. پالاتا ئەزاسى گاللاگېرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىنىڭ پائالىيىتىگە دائىر خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقاندا خىتاي تەسىرىنىڭ بۇ رايونغا ئىچكىرىلەپ كىرىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدا، بولۇپمۇ ئىراق ئۇرۇشىدىن كېيىن ئىسلام دۇنياسىدا ئامېرىكانىڭ سەلبىي تەسىرى كېڭىيىۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۆزلىرىنى ئامېرىكانىڭ ئىلگىرىكى نوپۇزى ئورنىغا دەسسىتىشكە ئۇرۇنۇشى بەكلا ئاشكارا تۈس ئالغان. ئامېرىكا تەرەپتە بولسا خىتاي ئىقتىسادىي ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىپ، ئامېرىكا بازىرىنى خىتاي ئەمگەك بازىرىغا تايىنىشقا جەلپ قىلىش ئارقىلىق ئامېرىكا ئىقتىسادىي ساھەسىنىڭ «ئالتۇن سۈزىدىغان كۆلچىكى» گە ئايلىنىۋالغان. بۇنىڭ بىلەن خىتاينى قوللاش خاھىشى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىغا سىڭىشكە باشلىغان. يەنە بىر ياقتىن خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋاسىتە ئارقىلىق باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتىشىنىڭ ئەڭ ئېغىر بەدىلى بۇ قېتىم ئامېرىكانى يەنە بىر قېتىم ئېغىر ھالسىراتقان. ئۇ بولسىمۇ خىتاينىڭ كونتروللۇقىغا چۈشۈپ قالغان دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ۋىرۇس مەسىلىسىدە خىتاينىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئوينىشى پەيدا قىلغان بىخۇدلۇق ئامېرىكانى ھەمدە ياۋروپانى ئېغىر ۋاباغا مۇپتىلا قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي ئىمزا قويغان ھەرقانداق خەلقئارالىق كېلىشىمنىڭ ئىشەنچسىز بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن دۇنيا مالىمانچىلىققا گىرىپتار بولغاندا يەنە بىر قېتىم دۇنياغا ئۆزىنىڭ تەسىرىنى كېڭەيتىشكە ئۇرۇنغان.

ئاخىرىدا مۇھاكىمە ئارقىلىق ئايدىڭلاشقان بىر نۇقتا شۇ بولدىكى، بۇ قېتىمقى ۋىرۇس ۋاباسى ھەمدە خىتاينىڭ ياۋروپادا 5گ تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق ياۋروپانى كونترول قىلىش ئۇرۇنۇشى بارغانسېرى كۆپ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەتلەرگە خىتاينىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى ۋە ئۇنىڭ نەقەدەر ۋەھشىي بىر دۇنياۋى تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئېچىپ بەرگەن. بۇنىڭ بىلەن نۆۋەتتە خەلقئارادا خىتايغا قارشى پىكىر بىرلىكىنىڭ شەكىللىنىشىنى بىر قىسىم ئانالىزچىلار «يېڭى سوغۇق ئۇرۇش يېتىپ كەلمەكتە،» دەپ تەسۋىرلىمەكتە ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت