باۋارىيە پارلامېنتىدا «ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى

2020-03-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
باۋارىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى» دىن بىر كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 6-مارت. ميۇنخېن، گېرمانىيە.
باۋارىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى» دىن بىر كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 6-مارت. ميۇنخېن، گېرمانىيە.
Photo: RFA

يىغىندا ماركۇس ئەپەندى باشلىق باۋارىيە پارلامېنتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى، «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» نىڭ رەئىسى ئەسقەرجان قاتارلىقلار نۇتۇق سۆزلىگەن.

«ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» نىڭ رەئىسى ئەسقەرجان بۇ خۇسۇستا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئالدى بىلەن باۋارىيە پارلامېنتىنىڭ ئۆتكەن يىلى قارار قوبۇل قىلىپ ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشنى تەشەببۇس قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە بۈگۈنكى بۇ يىغىندا «ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنىستىتۇتى» 1-مارت ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى دوكلاتنىڭ روھىغا بىنائەن ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتىنىڭ، بولۇپمۇ جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنىڭ ئەتراپلىق تونۇشتۇرۇلغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئەسقەرجان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ماركۇس ئەپەندى يىغىندا قىلغان سۆزىدە خىتاينىڭ پۈتۈن دۇنياغا بىر تەھلىكە بولىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ باۋارىيەدىكى «كوڭزى ئىنىستىتۇتلىرى» نىڭ خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ئورگانلىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە ئۆزىنىڭ «كوڭزى ئىنىستىتۇتلىرى» نى تاقاش يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن.

ئەسقەرجان ئەپەندى يىغىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىن مەلۇمات بېرىش بىلەن بىرگە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىغا دەرھال تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىپ، كورونا ۋىرۇسىنىڭ لاگېرلارغا تارقىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشىنى تەشەبۇس قىلغان.

باۋارىيە پارلامېنتىدا ئەتىگەن ساەت 10:00 دىن 11:00 غىچە داۋام قىلغان بۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا «ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» نىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان قاتارلىق ميۇنخېندا ياشايدىغان بىر بۆلۈك ئۇيغۇرلار ھەمدە ميۇنخېندىكى ھەر ساھە مۇخبىرلار قاتناشقان.

يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان «ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» نىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندىمۇ بۇ يىغىن توغرىسىدا ئۆزىنىڭ تەسىراتلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى. ئۇ يىغىندا پىكىر بايان قىلىپ گېرمانىيە ھۆكۈمىتىدىن خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىپ، گېرمانىيەگە ئېلىپ كېلىپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

ميۇنخېندىكى جامائەت ئەربابى نۇرئەھمەت قارىم بۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە گېرمانىيەدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن شاھنۇرە قاسىم ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر قىزىنىڭ خىتاينىڭ جازا لاگېرىدىكى قېرىنداشلىرى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت