ئەركىن ئەكرەم: ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ رولى ناھايىتى مۇھىم

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2020-05-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ھاجەتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم «ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى» تېمىدىكى يىغىندا لېكسىيە بەرمەكتە. 2015-يىلى 9-ئۆكتەبىر، تۈركىيە.
ھاجەتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم «ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى» تېمىدىكى يىغىندا لېكسىيە بەرمەكتە. 2015-يىلى 9-ئۆكتەبىر، تۈركىيە.
RFA/Arslan

ئاقساراي 20-ماي كۈنى «ئامېرىكانىڭ خىتاي ئىستراتېگىيەسى» سەرلەۋھىلىك تەپسىلىي دوكلات ئېلان قىلدى. دوكلاتتا 1979-يىلى خىتاي بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغاندىن بۇيانقى سىياسىي، ئىقتىسادى، ھەربىي ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى تەپسىلىي بايان قىلىنغان.

ئامېرىكا، 2017-يىللىق دۆلەت بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسىدە تۆت ئاساسلىق نۇقتىنى يولغا قويغان بولۇپ، مەزكۇر ئىستراتېگىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنىڭ مەقسىتىمۇ ئاشۇ تۆت ئاساسىي نۇقتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى نىشان قىلغان. ئۇلار تۆۋەندىكىچە: 1. ئامېرىكا پۇقرالىرىنى، دۆلىتىنى ۋە قىممەت قارىشىنى قوغداش. 2. ئامېرىكانى گۈللەندۈرۈش 3. كۈچلىنىش ئارقىلىق تىنچلىقنى قوغداش 4. ئامېرىكانىڭ تەسىرىنى كۈچەيتىش.

ئامېرىكادىكى تونۇلغان خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى گوردون چاڭ ئەپەندى ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر تېز سۈرئەت بىلەن چېكىنىۋاتقان بىر پەيتتە ئېلان قىلىنغان بۇ ئىستراتېگىيە پىلانى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەت بارغانسېرى ناچارلىشىۋاتىدۇ، لېكىن بۇ ياخشى ئىش. چۈنكى ئەمدى خىتايغا قارىتا ئەمەلىيەتچىل بولۇشقا باشلاندى. بۇرۇن تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان، مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلار يۈز بېرىۋاتىدۇ، ھەتتا يۈز بېرىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ».

دوكلاتتا يەنە 40 يىلدىن بۇيانقى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدە خىتاينىڭ ئىزچىل مەنپەئەتدار تەرەپ بولۇپ كەلگەنلىكى، خىتاينىڭ مەقسىتى خاتا مۆلچەرلەنگەنلىكى، خىتاينىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي كۈچىنىڭ ئېشىشى، ئىدېئولوگىيەسىنىڭ سىڭىپ كېرىشى ئامېرىكانىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە، قىممەت قارىشىغا زىيان سالىدىغانلىقى قاتارلىق مەزمۇنلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

دوكلاتتا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەققىدىكى مەزمۇنلار ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلارغا سولىنىشى ئارقىلىق چۈشەندۈرۈلگەن. مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرى توغرىلىق تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىسىگە ئايلىنىدۇ. دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەدە بارلىق كوزىرلار ئوينىلىدۇ. ئۇنداق بولغاندا، ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكوڭ، موڭغۇل، مانجۇ دېگەندەك مىللەتلەرنىڭ ئۇچرىغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق مەسىلىلەر كۆتۈرۈپ چىقىلىدۇ».

بۇ ھەقتە گوردون چاڭ ئەپەندىمۇ ئەركىن ئەپەندى بىلەن ئوخشاش قاراشتىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا سىياسەت تۈزگۈچىلىرى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە باشقا دېموكراتىيە ئىزدەۋاتقانلاردىن ئۆزىگە ئىتتىپاقداش ئىزدەيدۇ. بۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي مەسىلىسىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىشى ئۈچۈن بىسىم كۆرسىتەلەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ».

دوكلاتنىڭ ئاخىرىدا يەنە مۇنۇلار قوشۇمچە قېلىنغان: «ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ئامېرىكانىڭ ئالىي مەنپەئەتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ، دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بارلىق مەسىلىلەر ھەل قىلىنغان ئاساستا خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئەلۋەتتە مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشنى خالايدۇ».

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئامېرىكانىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك خىتايغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ مۇشۇ دوكلات ئارقىلىق رەسمىي سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ تەھلىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «ئەگەر ئامېرىكا ئۆز تەسىرىنى قوغداپ قېلىش جەھەتتە خىتاينىڭ توسالغۇسىغا ئۇچرىسا، ئامېرىكا بۇنى قاتتىق قوللۇق بىلەن بىر تەرەپ قىلىدۇ».

ئەركىن ئەپەندى يەنە مۇشۇنداق چوڭ سىياسىي ئىستراتېگىيەدە مۇھىم ئورۇندا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشى ئۈچۈن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ تېخىمۇ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت