ئەلىس ئاندېرسون: ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىمۇ، مەدەنىيەت سەنئىتىمۇ خورلانماقتا

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2019-05-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
نۆۋەتتە ئىندىيانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا مۇزىكا ۋە فولكلور تەتقىقاتى بويىچە دوكتورلۇق ئاسپىرانتلىقىدا ئوقۇۋاتقان ئەلىس ئاندېرسون خانىم دۇتار بىلەن ناخشا ئورۇنلىماقتا. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)
نۆۋەتتە ئىندىيانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا مۇزىكا ۋە فولكلور تەتقىقاتى بويىچە دوكتورلۇق ئاسپىرانتلىقىدا ئوقۇۋاتقان ئەلىس ئاندېرسون خانىم دۇتار بىلەن ناخشا ئورۇنلىماقتا. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)
Social Media

خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن تارقىتىدىغان ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنى مەركەز ئۈرۈمچىنىڭ ساياھەت نۇقتىسى قىلىنغان دۆڭكۆۋرۈك خەلقئارا چوڭ بازىرى مەيدانىدا، 24-ئاپرېل ئوخشاش كىيىندۈرۈلگەن خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار كوللېكتىپ ئۇيغۇرچە ئۇسۇل ئويناۋاتقان، سۈنئىي شەكىللەندۈرۈلگەن بەختلىك ئىناق تۇرمۇش كەيپىياتى سۈرەتلىك تەشۋىقاتلىرى قاپلىدى. خىتايلار ئۇيغۇرچە كىيىنىپ ئۇيغۇرچە ئۇسۇل ئوينىسا، ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ كلاسسىك كىيىملىرىنى كىيىپ، ياڭگېر ئويناۋاتقانلىقىدەك بۇ خىل كۆرۈنۈشلەر ئىككى يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ چاغىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ھېيت بايرام ھەتتا توي مۇراسىملىرىدىمۇ كۆپ ئۇچراتقىلى بولىدىغان غەلىتىلىك بولۇپ قالدى.

خىتاي تاراتقۇلىرىدىن تارقالغان بۇ خىل كۆرۈنۈشلەر چەتئەللەردىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ غۇلغۇلا قوزغىماقتا. پىكىر-ئىنكاسلاردا بولغۇچىلار كۆپىنچە، گەرچە بۇ خىل مەجبۇرلانغان سۈنئىي كەيپىياتنى ئۇيغۇرلار ئاسانلا كۆرۈپ بىلىۋالسىمۇ، چەتئەللىكلەرگە، خىتاينىڭ تەشۋىقات پىلانىدىكىدەك «بۇلار بەختلىك ئۆم ئىناق ياشاۋېتىپتۇ» دېگەن تەسىرنى بېرەرمۇ دېگەن ئەندىشىلىرىنى بايان قىلماقتا. بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، گەرچە ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل ئويناۋاتقان بۇ كىشىلەرنىڭ مەجبۇرلانغانلىقىنى ئىسپاتلاش قىيىن بولسىمۇ، لېكىن ئوخشاش كىيىم تارقىتىلىشى، ئوخشاش ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرى بۇنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ پىلانلىق ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن مەشىقتىن ئۆتكەن بىر سۈنئىي پائالىيەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا بۇنىڭ كۈچەپ تارقىتىلىشىنىڭ ئۆزى ئۇنىڭ بىر سۈنئىي ياساپ چىقىلغان بىر مەيدان تەشۋىقات ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئىپادىلەيدىكەن. 

دەرۋەقە، خىتاينىڭ «تيانشان تورى» قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۈرۈمچى دائىرىلىرى 1-ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمى مەزگىلىدە مەدەنىيەت، ساياھەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش پىلانى بويىچە، ئۈرۈمچىدىكى ئاساسلىق ساياھەت نۇقتىلىرى، خەلق چوڭ مەيدانىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تېمىسىدىكى تۈرلۈك ئاممىۋى سەنئەت ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزىدىكەن. 

بۇنىڭ بىلەن تەڭ يەنە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقىنى، ئاتاقلىق ناخشىچى ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ مەلۇم تېلېۋىزىيە سەنئەت پائالىيىتىدە خىتاي تىلىدا «ۋەتەن ياخشى» ناملىق ئۇيغۇرچە مۇزىكا كىرىشتۈرۈلگەن خىتايچە ناخشىنى ئېيتىپ چىققان كۆرۈنۈشى بولۇپ، بۇ ئەھۋال ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا مۇنازىرە پەيدا قىلدى.

بىر قانچە ئايلار ئىلگىرى «ئەل سۆيگەن ناخشىچى ئابدۇللا ئابدۇرېھىممۇ لاگېردا ئىكەن» دېگەندەك غۇلغۇلىلار پەيدا بولغاندىن كېيىن ئابدۇللانىڭ سەھنىدە قايتا پەيدا بولۇشى ئۇيغۇرلارنى سۆيۈندۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ بۇ قېتىم بېشىدا ئۇيغۇر دوپپىسىمۇ يوق، بۇرۇتلىرى چۈشۈرۈلگەن باشقىچە يوچۇن قىياپەتتە كۆرۈنگەندىن سىرت، پۈتۈنلەي خىتاي تىلىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنى كۈيلەپ ناخشا ئېيتىپ چىقىشى، ئۇنىڭ چەتئەللەردىكى ھەۋەسكارلىرىنى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇرشۇناس غەرب كۆزەتكۈچىلىرىنىمۇ ھەيران قالدۇرغان ھەم ئوخشىمىغان مۇلاھىزىلەرگە مەيدان ھازىرلىغان. 

ئىلگىرى ئابدۇللا ئابدۇرېھىم بىلەن بىر سەھنىدە بىرگە ئويۇن قويغان، ھازىر كانادادا ياشاۋاتقان داڭلىق ئۇيغۇر سېرك ئارتىسى ئايگۈل مەمەت خانىم، ئۇيغۇرلار مىليونلاپ لاگېرلارغا قامالغان، ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىمۇ تەھدىت ئاستىدا تۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە ئۆزىنىڭ، تەسىر كۈچىگە ئىگە ئۆزگىچە ياڭراق ئاۋازى، ۋايىغا يەتكەن ئورۇنداش ماھارىتى ۋە تالانتى بىلەن ئۇيغۇر خەلقنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان داڭلىق ناخشىچى ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ خىتايچە ناخشا ئېيتىپ چىققانلىقىنى قوبۇل قىلالمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى مەجبۇرلانغان بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلايدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

دولان مەشرەپلىرىنىڭ قۇچىقى بولغان قەشقەر مارالبېشى ناھىيىسىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، خۇرۇچىدىن سەنئەتكە ئىشتىياقى بار خەلقنىڭ پەرزەنتى ئابدۇللا ئابدۇرېھىم 1990-يىللاردىن باشلاپ كۆزگە كۆرۈنگەن تالانتلىق ئۇيغۇر سەنئەتكارىغا ئايلانغان ئىدى. ئۇنىڭ ئورۇندىغان «كېچەلمەيمەن سېنىڭدىن ۋەتەن»، «ئايرىلىش»، «سېغىنىش كۈيلىرى» قاتارلىق ناخشىلىرى، مۇقاملىرى تاماشىبىنلارغا زور ئېستېتىك زوق بېرىپ كەلگەن ئىدى.

ئۆزىدەك ئۇيغۇر مۇقامى ۋە ناخشا مۇزىكىسىنى ئۆگەنگۈچى بىر ئامېرىكىلىققا نىسبەتەن بۈيۈك ئۇستاز سانىلىدىغان ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ سەھنىدە خىتايچە قىزىل ناخشا ئورۇنداۋاتقانلىقىنى توردىن كۆرۈپ، چۆچۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن، ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى، ئۇيغۇر ناخشا مۇزىكا تەتقىقاتچىسى ئەلىس ئاندېرسون خانىم، «كەسپىي تالانتى ۋە ئىجتىمائىي تەسىرىمۇ ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان ئابدۇللانىڭمۇ خىتايچە قىزىل ناخشا ئېيتقانلىقىنىڭ ئۆزىدىن ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىلا ئەمەس، ئۇيغۇر مەدەنىيەت سەنئىتىنىڭمۇ ئېغىر خورلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس» دەيدۇ. 

ئەلىس خانىم ئۆزىنىڭ 2017-ۋە 2018-يىللىرىدىمۇ ئۇيغۇر ئېلىگە بارغىنىدا خىتاينىڭ رايوندا داۋام قىلىۋاتقان سىياسىي باستۇرۇشلىرى سەۋەبلىك سەنئەت ساھەسىدە بۇرۇقتۇم بىر ھالەتنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى كۆرگەنلىكى، بۇ پەقەتلا سەنئەت ساھەسىدىلا ئەمەس بەلكى ناخشا-ئۇسسۇلغا، مەدەنىي ھاياتقا خۇشتار خەلق بولغان ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئومۇمىي كەيپىياتقىمۇ تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ھەم سەنئەت كەيپىياتىنىڭ ئىنتايىن تۆۋەن ئىكەنلىكىگە شاھىت بولغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ يەنە خىتاينىڭ نۆۋەتتە سۈنئىي مەدەنىيەت-سەنئەت پائالىيەتلىرىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىشى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئېنىق گەۋدىلىنىۋاتقان بۇ خىل جىمجىتلىق يەنى بۇرۇقتۇم بىر كەيپىياتنى يېپىشقا ئۇرۇنۇشى، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى دۇنياغا باشقىچە تەشۋىق قىلىشنىڭ بىر ئۇسۇلى دېگەندەك پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئەلىس ئاندېرسون خانىم: «سەنئەتكارنىڭ ئۆزىنىڭ تىلىدىن باشقا تىللاردا ناخشا ئېيتىشى نورمال بىر ھالەت بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ ئابدۇللا ئابدۇرېھىمدەك خەلق سۆيگەن ناخشىچىنى ئۆزىنىڭمۇ ئېتىراپ قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ، دۇنياغا ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئىتىگە تۇتۇۋاتقان سىياسىتىنى ئەكسىچە تەشۋىق قىلىپ، بىز ئۇيغۇر مەدەنىيەت سەنئىتىنى قۇتقۇزۇۋاتىمىز دېگەندەك كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ»، دەيدۇ.

ئەلىس خانىم ئۇيغۇر دىيارىدا مەدەنىيەت-سەنئەت ساھەسىدە داۋام قىلىۋاتقان بۇ خىل سۈنئىي بىنورمال ھادىسىلەرگە قاراپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ناخشا مۇزىكا مەدەنىيەت-سەنئەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلغۇچى ئىزباسارلارنى تەربىيەلەشنى ئۈزۈپ قويۇشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىدى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن «چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئۆز مەدەنىيەت-سەنئىتىنى قۇتقۇزۇپ قېلىشقا كۈچ چىقىرىشى زۆرۈر» دەيدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت