«ئەھمەدىيە مۇسۇلمان جەمئىيىتى» نىڭ يىللىق يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى

مۇخبىرىمىز سادا
2019-08-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن «ئەھمەدىيە مۇسۇلمان جەمئىيىتى» نىڭ يىللىق يىغىنىغا قاتناشقان ئۇيغۇر ۋەكىللەر. 2019-يىلى 3-ئاۋغۇست. لوندون، ئەنگلىيە.
لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن «ئەھمەدىيە مۇسۇلمان جەمئىيىتى» نىڭ يىللىق يىغىنىغا قاتناشقان ئۇيغۇر ۋەكىللەر. 2019-يىلى 3-ئاۋغۇست. لوندون، ئەنگلىيە.
RFA/Sada

ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ نۆۋەتتە دۇنياۋى قىزىق نۇقتىغا ئايلانغانلىقى مەلۇم بولماقتا. 8-ئاينىڭ 2-3-4-كۈنلىرى ئەنگلىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئەھمەدىيە مۇسۇلمان جەمئىيىتى» نىڭ يىللىق يىغىندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئورۇن بېرىلىشى دەل بۇنىڭ ئىپادىسىدۇر.

ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 40 مىڭغا يېقىن مۇسۇلمان جامائىتى قاتناشقانلىقى مەلۇم. بۇ يىغىنغا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىدىن سەككىز كىشى، شۇنداقلا ئامېرىكا، كانادا، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن ئالتە كىشىلىك بىر ھەيئەتمۇ قەدەم تەشرىپ قىلغان ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا مەزكۇر يىغىنغا يەنە ئەنگلىيە، گوللاندىيە، فىنلاندىيە، برازىلىيە ۋە پاكىستان قاتارلىق 37 دۆلەتتىن كەلگەن ۋەكىللەر قاتناشقان. 

مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇر ۋەكىللەر ئۆمىكىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى «ئەھمەدىيە مۇسۇلمان جەمئىيىتى» نىڭ يىللىق يىغىنى ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە تەپسىلىي چۈشەنچە بەردى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، «ئەھمەدىيە مۇسۇلمان جەمئىيىتى» گە ئوخشاش پۈتۈن دۇنيادا تەسىر كۈچى زور بولغان تەشكىلاتنىڭ يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تىلغا ئېلىنىشى، بولۇپمۇ مەزكۇر يىغىندا نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا بولۇۋاتقان ئېغىر زۇلۇملار ۋە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنىڭ دۇنياغا ئاڭلىتىلىشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن. 

«ئەھمەدىيە مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى» نىڭ بۇ قېتىملىق يىللىق يىغىنىغا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىدىكى نوپۇزلۇق شەخسلەردىن برىتانىيە تاشقى ئىشلار ۋازارىتىنىڭ ئەنگلىيە ئىتتىپاقى ۋە ب د ت دا تۇرۇشلۇق ئەمەلدارى تارىق ئەخمەد، ب د ت باش كاتىپىنىڭ ياردەمچىسى كېرەم خان قاتارلىقلار قاتناشقان بولۇپ، ئۇيغۇر ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇلار بىلەن ئايرىم-ئايرىم ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىپ، خىتاينى قوللاپ ئىمزا قويغان 50 دۆلەتكە قارشى سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى ئېلىپ بارغان.

ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى روشەن ئابباس خانىممۇ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يۇقىرىقى ئەربابلار بىلەن كۆرۈشۈش جەريانىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئاساسلىق تېمىلارنى ئاڭلاتتى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى پىلانلار ھەققىدە مەلۇمات بەردى. 

ئەنگلىيەدە ئېچىلغان بۇ ئۈچ كۈنلۈك يىغىن جەريانىدا ئۇيغۇر ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن بىرلىكتە پائالىيەتلەرگە ئىشتىراك قىلغان ئەنگلىيە «ئۇيغۇر جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى كېرەم زاھىر ئەپەندىمۇ يىغىننىڭ راۋاجى ھەققىدە قىسقىچە توختالدى. ئۇ سۆزىدە يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان مېھمانلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە زور قىزىقىشتا بولغانلىقىنى، مۇشۇنداق خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ۋە ھۆكۈمەت ئەربابلىرى بىلەن كۆپرەك ھەمكارلاشقاندا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ياخشى تەرەپكە قاراپ راۋاجلىنالايدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتتى. 

«ئەھمەدىيە مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى» 1889-يىلى ئەنگلىيەدە قۇرۇلغان. كېيىنچە بۇ تەشكىلات ئامېرىكاغا كېڭەيگەن بولۇپ، تەخمىنەن 1920-يىللىرىغا كەلگەندە ئامېرىكادىكى ئەڭ چوڭ مۇسۇلمانلار تەشكىلاتىغا ئايلانغان. 2014-يىلى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا «ئەھمەدىيە مۇسۇلمانلار مۇنبىرى» قۇرۇلغان ۋە ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى بىلەن بىرلىكتە دۇنيادىكى كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرى ھەم پۇقرالىق ھوقۇقلىرى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا تىرىشىپ كەلگەن. بۇ تەشكىلاتنىڭ ھازىرغا قەدەر پۈتۈن دۇنيادىكى 200 دىن ئارتۇق دۆلەتتە 20 مىليوندىن ئارتۇق ئەزالىرى بار ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت