د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا قاتار باش ئەلچىسىگە رەھمەت ئېيتتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2019-08-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى قاتار ئەمىرلىكى دۆلىتىنىڭ بېرلىندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشۈپ، قاتارنىڭ خىتاينىڭ ھازىرقى ئۇيغۇر سىياسىتىنى قوللاپ قويغان ئىمزاسىنى قايتۇرۇۋالغانلىقىغا رەھمەت ئېيتقان. 2019-يىلى 22-ئاۋغۇست. بېرلىن، گېرمانىيە.
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى قاتار ئەمىرلىكى دۆلىتىنىڭ بېرلىندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشۈپ، قاتارنىڭ خىتاينىڭ ھازىرقى ئۇيغۇر سىياسىتىنى قوللاپ قويغان ئىمزاسىنى قايتۇرۇۋالغانلىقىغا رەھمەت ئېيتقان. 2019-يىلى 22-ئاۋغۇست. بېرلىن، گېرمانىيە.
DUQ TV

22-ئاۋغۇست كۈنى بېرلىندا چاقىرىلغان خەلقئارالىق يىغىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى قاتار ئەمىرلىكى دۆلىتىنىڭ بېرلىندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سەئۇدى بىن ئابدۇراخمان ئەلتانى بىلەن كۆرۈشۈپ، قاتارنىڭ خىتاينىڭ ھازىرقى ئۇيغۇر سىياسىتىنى قوللاپ قويغان ئىمزاسىنى قايتۇرۇۋالغانلىقىغا رەھمەت ئېيتقان. ئۇ، مەزكۇر يىغىن جەريانىدا گېرمانىيەنىڭ مۇھىم سىياسىي ئەربابلىرى بىلەنمۇ ئۇچراشقان.

بىز مەزكۇر يىغىن توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ، ئالدى بىلەن يىغىن ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «22-ئاۋغۇست كۈنى قاتار ئەمىرلىكىنىڭ بېرلىندىكى باش ئەلچىسى سەئۇدى بىن ئابدۇراخمان ئەلتانى ئەپەندىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپى بويىچە بۇ يىغىنغا قاتناشتىم. بېرلىندىكى ئەرەب مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىننىڭ تېمىسى ‹بېرلىن تېمىنىڭ يىقىلغانلىقىنى خاتىرىلەش، ھايات ھېكايىسى ۋە سەرگۈزەشت› ئىدى. يىغىندا 1989 يىلى بېرلىن تېمى چېقىلغاندا ئۇنى خەۋەر قىلىپ دۇنياغا ئاڭلاتقان مۇخبىرلار، بېرلىن تېمىنىڭ چېقىلىشىغا قاتناشقان شاھىتلار ئۆزلىرىنىڭ سەرگۈزەشتلىرىنى قىزىقارلىق قىلىپ سۆزلەپ ئۆتتى».

1989-يىلى غەربىي گېرمانىيە بىلەن شەرقىي گېرمانىيەنى ئايرىپ تۇرىدىغان تام چېقىلىپ، ئىككى گېرمانىيە بىرلەشكەنىدى. بۇنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا گېرمانىيەنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، بەزى ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ باش ئەلچىلىرى بولۇپ كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلغان. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى مەزكۇر يىغىندا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنى قوللاپ 37 دۆلەت بىلەن بىرلىكتە قويغان ئىمزاسىنى قايتۇرۇۋالغان قاتار ئەمىرلىكىنىڭ بېرلىندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىگە رەھمەت ئېيتقان. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «بۇ خاتىرىلەش يىغىنىغا بەزى دۆلەتلەرنىڭ بېرلىندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى، دىپلوماتلار ۋە گېرمانىيەدىكى مۇھىم سىياسىي ئەربابلارمۇ ئىشتىراك قىلغان. بۇلاردىن سىرت مەزكۇر يىغىنغا گېرمانىيەنىڭ سابىق مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سىگمار گابرىئەل ئەپەندى بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردىم. بۇ كىشىنىڭ گېرمانىيە سىياسىتىگە تەسىرى بار كىشى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىمۇ ياخشى بىلىدۇ. بۇ كىشىگىمۇ مەلۇمات بەردىم». 

مەزكۇر پائالىيەتنى قاتار ئەمىرلىكىنىڭ بېرلىن باش ئەلچىخانىسى ئۇيۇشتۇرغانىدى. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى مەزكۇر يىغىندا ئەڭ مۇھىم بولغان ئىشنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنى قوللاپ 37 دۆلەت بىلەن بىرلىكتە قويغان ئىمزاسىنى قايتۇرۇۋالغان قاتار ئەمىرلىكىنىڭ، بېرلىندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن رەھمەت ئېيتىش بولغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى يىغىندا ئەڭ مۇھىم بولغان نەرسە، سىلەرگىمۇ مەلۇم بولغىنىدەك قاتار 7-ئايدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى قوللاپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا خەت يازغان 37 دۆلەتنىڭ بىرى، كېيىن بۇ دۆلەتلەر ئەللىككە چىقتى. قاتار ئەمىرلىكى خىتاينى قوللىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغانىدى. لېكىن ئۆتكەن ھەپتە ئۆز ئىمزاسىنى ياندۇرۇۋالغان. بۇ تارىخى ۋەقەدۇر. بېرلىندىكى بۇ مۇراسىمدا قاتارنىڭ بېرلىندىكى باش ئەلچىسى سەئۇدى بىن ئەلتانى ئەپەندىگە بولغان ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈردۈم. باش ئەلچىمۇ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارغا زۇلۇم قىلىۋاتقان خىتاينى قوللاشنىڭ تارىخىي خاتالىق بولىدىغانلىقىنى، دۆلىتىنىڭ بۇنىڭدىن قايتقانلىقى ئۈچۈن خۇرسەن بولغانلىقىنى دېدى».

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسامۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشقان بېرلىن تېمى چېقىلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىغا ئىيوردانىيە قاتارلىق كۆپ ساندا ئەرەب دۆلىتىنىڭ ئەلچىلىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۇلارغا ئۇيغۇرلارغا قارىتا خىتاي ئېلىپ بېرىۋاتقان دىنسىزلاشتۇرۇش سىياسىتىنى قوللاشنىڭ بۇ جىنايەتكە شېرىك بولغانلىق بولىدىغانلىقىنى دېگەن. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتىمۇ مەلۇمات بەردى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى مۇراسىم جەريانىدا ئۇچراشقان مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ بەزى ئەلچىلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي نۇقتىدىن ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى، لېكىن دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىتىگە بىرنەرسە دېيەلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلغانلىقىنى ئېيتتى. 

ئۇنداقتا قاتار ئەمىرلىكىگە ئوخشاش يەنە بەزى مۇسۇلمان دۆلەتلىرى خىتاينى قوللاپ قويغان ئىمزاسىنى قايتۇرۇۋالارمۇ؟ د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇنداق بولۇشىنىڭمۇ مۇمكىن ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت