خىتاي كوللېگىيەسى: خىتاينىڭ ئۇيغۇر DNA ئامبىرىنى قۇرۇشى خەلقئارا ئۈچۈن بىر ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-04-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ب د ت باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررىس يىغىندا سۆزلەۋاتقان كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 24-فېۋرال، جەنۋە.
ب د ت باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررىس يىغىندا سۆزلەۋاتقان كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 24-فېۋرال، جەنۋە.
AFP

يېقىندا لوندوندىكى «خىتاي كوللېگىيەسى» ناملىق مۇستەقىل ئاممىۋى سوت مۇنبىرى ب د ت باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېسقا مەكتۇپ يېزىپ، بىر خىتاي دىپلوماتىنىڭ يېقىندا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىغا تەيىنلىگەنلىكىگە قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. مەزكۇر كوللېگىيە مەكتۇپىدا تەكىتلىشىچە، ب د ت نىڭ مەزكۇر كومىتېتىغا بىر خىتاي دىپلوماتىنىڭ تەيىنلىنىشى مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇۋاتقان، ئۇلارنىڭ ئىچكى ئەزاسىنى يىغىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە «قارىغۇلارچە ئورتاقلاشقانلىق» ئىكەن.

مەزكۇر كوللېگىيەنىڭ مەسلىھەتچىسى، ئەنگلىيەلىك ئادۋوكات ھامىد سابى 20-ئاپرېل زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ب د ت باش كاتىپىغا بۇ مەكتۇپنى يېزىشىدىكى سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈردى. ھامىد سابى مۇنداق دەيدۇ: «ئەلۋەتتە، خىتاينىڭ بۇنداق بىر مۇھىم ئورۇنغا تەيىنلىنىشىنىڭ قارشىلىققا ئۇچرىشى تۇرغان گەپ. بۇ ئىنتايىن جىددىي مەسىلە. چۈنكى، ئۇ بۇ ئارقىلىق قايسى ۋەقەنى تەكشۈرۈشنى، قانداق ئورۇنغا قايسى تەكشۈرگۈچىنى قويۇشقا ئارىلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ. شۇ سەۋەبلىك خىتاينىڭ كەلگۈسى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىدە مۇھىم رول ئوينىشىغا بولمايدۇ. ئۇنداق بولمىسا ئۇ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ خىزمىتىگە جىددىي كاشىلا پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا بىز بۇ مەكتۇپنى يازدۇق».

«خىتاي كوللېگىيەسى» نىڭ مەكتۇپىدا يەنە خىتايدىكى مەجبۇرىي ئىچكى ئەزا يىغىش مەسىلىسى ئالاھىدە ئەسكەرتىلىپ، خىتاينىڭ بۇ جەھەتتىكى ھەرىكىتى يەھۇدىيلار چوڭ قىرغىنچىلىقىغا سېلىشتۇرۇلغان. مەكتۇپتا قەيت قىلىنىشىچە، «خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئىچكى ئەزا يىغىشىنى يەھۇدىيلار چوڭ قىرغىنچىلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 20-ئەسىردىكى توقۇنۇشلاردا يۈز بەرگەن قورقۇنچلۇق زوراۋانلىقلارغا سېلىشتۇرۇشقا بولىدىكەن».

ھامىد سابى مەزكۇر مەسىلىنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغانىدى. ئۇنىڭ 21-ئاپرېل رادىيومىزغا تەكىتلىشىچە، نۆۋەتتە خىتايدا ھەر يىلى تەخمىنەن 30-40 مىڭدەك مەھبۇسنىڭ ئىچكى ئەزاسى مەجبۇرىي يىغىلىدىكەن. ئۇ، شۇڭا خىتاينىڭ فالۇنگوڭ، ئۇيغۇر ۋە باشقا ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ قېنى، ئىچكى ئەزالىرىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «خىتايدا ھەر يىلى 60 مىڭدىن 90 مىڭغىچە بولغان ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈلىدۇ. بۇ دېگەنلىك تەخمىنەن 30-40 مىڭدەك ئىچكى ئەزانىڭ ساغلام ۋە تىنچلىق سۆيەر ۋىجدان مەھبۇسلىرىدىن ئېلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئىچكى ئەزا مۇشۇنداق يىغىلىدۇ. بۇ ئىنتايىن قورقۇنچلۇق قىلمىش. بۇ قورقۇنچلۇق قىلمىش خېلى يىللاردىن بېرىپ يۈز بېرىپ كېلىۋاتىدۇ».

«خىتاي كوللېگىيەسى» بۇ يىل 3-ئايدا ئۆزىنىڭ خىتايدىكى مەجبۇرىي ئىچكى ئەزا يىغىش قىلمىشىغا دائىر تەكشۈرۈش خۇلاسە دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان بۇ قىلمىشنى يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقىغا سېلىشتۇرغان. مەزكۇر كوللېگىيە بۇ دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 50-60 تەك شاھىتنىڭ گۇۋالىقىغا ئورۇن بەرگەن شۇنداقلا نۇرغۇن ھۆججەتلەرنى ئانالىز قىلغانىدى.

لېكىن بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ب د ت ياكى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىدەك ئورگانلارنىڭ بۇ مەكتۇپتىكى چاقىرىققا قۇلاق سالىدىغانلىقى گۇمانلىق ئىكەن. ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى ئېتان گۇتمان 21-ئاپرېل بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن بۇ مەكتۇپتىن ئىجابىي بىر نەرسىنى كۆردۈم. ئۇلار ب د ت نىڭ بۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى كۈتىدىغاندەك قىلىدۇ. لېكىن مەن ب د ت نىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىنىشى، شىنجاڭدىكى لاگېرلارغا دىققەت قىلىشى، ئۇنىڭ خىتايدىكى مەجبۇرىي ئىچكى ئەزا يىغىش قىلمىشلىرىنى ئېتىراپ قىلىشىنى كۈتمەيمەن. چۈنكى، ئۇلار خىتاي دىپلوماتىيەسىگە ۋە خىتاينىڭ پۇلىغا بەك ھېرىسمەن».

ئېتان گۇتمان ئۇزۇن يىللاردىن بېرى خىتايدىكى ئىچكى ئەزا يىغىش قىلمىشىنى تەكشۈرۈۋاتقان بۇ ساھەدىكى نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىس كىشىلەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خەلقئارا تېببىي ساھەسى ئۆز ئارا ھەمكارلىشىپ، خىتايدىكى مەجبۇرىي ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان سەھىيە تارماقلىرىغا ئېمبارگو قويۇشى كېرەك ئىكەن. ئۇ، بۇنىڭ خىتاينى چەكلەشتىكى بىر خىل ئۈنۈملۈك چارە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئېتان گۇتمان مۇنداق دەيدۇ: «مەن خىتاينىڭ ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش دوختۇرلىرىنى ئايرىپ، ئۇلارغا دەرھال ئېمبارگو قويۇش كېرەك، دەپ قارايمەن. بۇ بىر قانچە يىلنىڭ ئالدىدا يولغا قويۇلۇشى كېرەك ئىدى. ئۇلارنىڭ خەلقئارا مېدىتسىنا ئورگانلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشىغا يول قويۇلماسلىقى كېرەك. چۈنكى، ئۇلارنىڭ قانداق ئىش بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە بەك كۆپ سوئال بار. بولۇپمۇ ئۇيغۇر، تۇڭگان، قازاق ۋە فالۇنگوڭچىلارنىڭ مەسىلىدە. شىنجاڭدىكى ئىشلاردا ئۇلارنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىغا دائىر دەلىللەر ماڭا ئېنىق. لاگېردا يوقاپ كەتكەن ئادەملەرنىڭ سانى ئاز ئەمەس. بۇلار 20 ياشلارنىڭ چامىسىدىكى ساغلام كىشىلەر بولۇپ، سانى ناھايىتى كۆپ. بۇ كىشىلەر زاۋۇتلاردا ئەمەس، دوختۇرخانىلاردا يوقاپ كەتتى».

بىز 21-ئاپرېل ب د ت باش كاتىپىنىڭ ئىشخانىسى بىلەن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنىڭ يۇقىرىقى مەكتۇپقا بولغان ئىنكاسىنى ئېلىشقا تىرىشقان بولساقمۇ، تېلېفونىمىزنى ھېچكىم ئالمىدى. لېكىن ئامېرىكادىكى «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» ژۇرنىلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ باياناتچىسى مەزكۇر ئورگاننىڭ نۆۋەتتىكى كۈنتەرتىپىدە خىتايدىكى مەجبۇرىي ئىچكى ئەزا يىغىش قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈش پىلانى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت