تىجارەتچى خېلىل ھاشىم ئوغلىنى 15 يىلنىڭ ئالدىدا دىنى ساۋات كۇرسىغا بەرگەنلىكى ئۈچۈن 19 يىللىق كېسىلگەن

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019-04-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
بىگۇناھ 19 يىل كېسىلگەن تىجارەتچى خېلىل ھاشىم.
بىگۇناھ 19 يىل كېسىلگەن تىجارەتچى خېلىل ھاشىم.
Social Media

غۇلجىدا كۆزگە كۆرۈنگەن تىجارەتچىلەردىن بىرى بولغان خېلىل ھاشىم بۇرۇن خىتايچە ئوقۇغانلىقى ۋە ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرىگە پۇختا بولمىغانلىقى ئۈچۈن تۇرمۇشتا بۇنىڭ، بولۇپمۇ دىنىي ساۋاتى بولماسلىقنىڭ خىجالەتچىلىكىنى كۆپ تارتقان. شۇڭا ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوغلى مەردان خېلىلنى دەرستىن سىرت مەزگىلىدە مەھەللىدىكى بىر ئائىلىۋى قۇرئان كۇرسىغا بەرگەن. 15 يىل ئاۋۋالقى بۇ قىلمىش ئۆتكەن يىلغا كەلگەندە خېلىل ھاشىمنىڭ 19 يىللىق كېسىلىشى، مەردان خېلىل ۋە ئاپىسىنىڭ بولسا لاگېرغا ئەكىتىلىشىگە سەۋەب بولغان.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ غۇلجىدا تۇتقۇن قىلىنغان تىجارەتچىلەر ھەققىدە رادىيومىزغا يازغان خېتىدە، غۇلجىدا كۆزگە كۆرۈنگەن تىجارەتچىلەردىن خېلىل ھاشىمنىڭ 19 يىللىق كېسىلگەنلىكى بايان قىلىنغان. ئىنكاستا خېلىل ھاشىمغا مىسىرنى زىيارەت قىلىش، بالىسىنى قۇرئان كۇرسىغا بېرىش ۋە مىللىي ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل قىلمىش سەۋەبلىك دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايىتى ئارتىلغانلىقى يېزىلغان. غۇلجىدىكى ئالاقىدار خادىملار خېلىل ھاشىمنىڭ كېسىلىشى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىدى. ئىنكاستا، خېلىل ھاشىمنىڭ كۆپىنچە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ قازاقىستاندا ئىكەنلىكى ۋە بىر مەزگىل قازاقىستاندا تىجارەت قىلغانلىقى يېزىلغان. بىز بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، خېلىل ھاشىمنىڭ قازاقىستاندىكى ئاكىسى ھاكىم ھاشىمنىڭ ئوغلى ۋاھاپ ھاكىمنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ تاغىسىنىڭ 19 يىللىق كېسىلگەنلىك خەۋىرىدىن تېخى ئۈچ كۈن ئاۋۋال خەۋەر تاپقانلىقىنى ئېيتتى.


ئىنكاستا دېيىلىشىچە خېلىل ھاشىم ئوتتۇرا مەكتەپنى خىتايچە ئوقۇغان، مەكتەپ پۈتتۈرگۈچە ئۇيغۇر بالىلارغا ئاساسەن ئارىلاشمىغان. ئۇ خىتاي تىلىغا پۇختا بولغانلىقى ئۈچۈن دادىسىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە قىلىۋاتقان تىجارەتلىرىگە ياخشى ماسلىشىپ بېرەلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆزى ئەل-جامائەتكە ئارىلىشىشتا بىر قاتار قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن، بولۇپمۇ 1990 ‏-يىللاردا ئانىسى ۋاپات بولغاندا، ئانىسىنىڭ ئۆلۈمىنى ئۇزىتىش داۋامىدا دىنىي ساۋاتى بولماسلىقنىڭ بىر قاتار خىجالەتچىلىكىنى تارتقان. شۇڭا ئۇ 2000 ‏-يىللارنىڭ ئاخىرى باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقان ئوغلى مەۋلان خېلىلنى تەتىل مەزگىلىدە مەھەللىدىكى بىر ئائىلىۋى قۇرئان كۇرسىغا بەرگەن. بۇ قىلمىش بۇ نۆۋەت ئۇنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك بىلەن ئەيىبلىنىشىگە پاكىت قىلىنغان. مانا بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىگەن ۋاھاپ ھاكىم، خېلىل ھاشىمنىڭ ئايالىنىڭمۇ ۋە ئۆتكەن يىلى ئالىي مەكتەپنى يېڭى پۈتتۈرگەن ئوغلى مەردان خېلىلنىڭمۇ ئەنە شۇ قاتناش كۇرسى سەۋەبلىك لاگېردا ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، مەلۇم بىر ئىدارە خادىمى خېلىل ھاشىمنىڭ دەسلەپتە لاگېرغا خىتاي تىلى ئوقۇتقۇچىلىقى ئۈچۈن ئەكېتىلگەنلىكى، ئارقىدىن شۇ لاگېردا ئاتالمىش ئوقۇتۇلۇش ئۈچۈن تۇتۇپ قېلىنغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى. خېلىل ھاشىمنى بۇرۇندىن بىلىدىغان چەتئەلدىكى تىجارەتچىلەردىن بىرىنىڭ ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن بايان قىلىشىچە، ئۇ مىسىرغا بارغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغان، خىتاي تىلى بىلگەنلىكى ئۈچۈن لاگېردا بىر مەزگىل ئوقۇتقۇچىلىققا سېلىنغان. 

رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاستا دېيىلىشىچە، ئۇ، لاگېردا ئۆزىنى تەكشۈرۈش ۋە مەسىلە تاپشۇرۇش داۋامىدا 15 يىل ئاۋۋال ئوغلىنى قۇرئان كۇرسىغا بەرگەنلىكىنى ئىقرار قىلغان. ئەمما ئۇ بۇ ئىقرارىنى لاگېردىن بۇرۇنراق چىقىشىغا پايدىسى بولىدۇ دەپ ئويلىغان؛ بىراق ئۇ بۇنىڭ، ئايالى ۋە بالىسىنىڭ تۇتۇلۇشى ھەم ئۆزىنىڭ كېسىلىشىگە سەۋەب بولۇشىنى ئويلاپ باقمىغان. 

خېلىل ھاشىمنىڭ قازاقىستاندىكى ئاكىسىنىڭ ئوغلى ۋاھاپ ھاكىم، تاغىسىنىڭ ياراملىق بىر تىجارەتچى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرسە، شاھىتلار، خېلىل ھاشىمنىڭ ھەر خىل ساھەدە ئۇتۇق قازانغان بىر تىجارەتچى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. 

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، رادىيومىزغا كەلگەن مەكتۇپتا، ئۇنىڭ مىسىرغا بارغانلىق ۋە بالىسىنى قۇرئان كۇرسىدا ئوقۇتقانلىقى قىلمىشى ھەققىدە كونكرېت ئۇچۇر بېرىلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئۈچىنچى قىلمىشى، يەنى مىللىي ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىش قىلمىشى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت