يازغۇچى خالىدە ئىسرائىلنىڭ «ئالتۇن كەش» رومانى «مەسىلە ئەڭ ئېغىر كىتاب» دەپ بېكىتىلگەن

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019-04-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۆيىدە نەزەربەند ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان يازغۇچى خالىدە ئىسرائىل خانىم.
ئۆيىدە نەزەربەند ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان يازغۇچى خالىدە ئىسرائىل خانىم.
Social Media

ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن يىلى ئېلىپ بارغان «مەسىلىلىك كىتابلارنى تەكشۈرۈش» ھەرىكىتىدە يازغۇچى خالىدە ئىسرائىلنىڭ «ئالتۇن كەش» ناملىق رومانى «مەسىلە ئەڭ ئېغىر كىتاب» دەپ بېكىتىلگەن. ئۈرۈمچىدىكى ئالاقىدار خادىملار خالىدە ئىسرائىلنىڭ نەدىلىكى ۋە نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى. ئەمما ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەر خالىدە ئىسرائىلنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى سەۋەبلىك، يەنى چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئۆيىدە نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئۆتكەن يىلىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ تەھرىرى، شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇت يازغۇچى خالىدە ئىسرائىلنىڭ «ئالتۇن كەش» ناملىق رومانىنى تەھرىرلىگەنلىكى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. بىز شۇنىڭدىن كېيىن «ئالتۇن كەش» رومانىنىڭ ئاپتورى يازغۇچى خالىدە ئىسرائىلنىڭ تەقدىرى ھەققىدە بىر قاتار ئېنىقلاشلارنى ئېلىپ باردۇق. ئىلگىرى «قۇملۇقنىڭ چۈشى»، «تىمتاس شەھەر»، «رەڭدار قۇيۇن»، «كەچمىش» قاتارلىق ئەسەرلىرى بىلەن داڭق چىقارغان يازغۇچى خالىدە ئىسرائىل بىر مەھەل شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. مەزكۇر جەمئىيەت ئۆزىنىڭ سابىق رەئىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرەلمىدى. 1952‏-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان خالىدە ئىسرائىل 1975‏-يىلى بېيجىڭدىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن تاكى دەم ئېلىشقا چىققۇچە بولغان ئارىلىقتا «شىنجاڭ گېزىتى» دە مۇھەررىر بولۇپ خىزمەت قىلغان. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ئالاقىدار خادىملىرىمۇ خالىدە ئىسرائىلنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى.


2016‏-يىلى ئىشلەنگەن شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسىنىڭ «مەدەنىيەت بوستانى» پروگراممىسىدا بايان قىلىنىشىچە، يازغۇچى خالىدە ئىسرائىل مەزكۇر رومانىنى ئىككى پۇتى سۇنۇپ چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ قالغان مەزگىلدە يازغان. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خادىمى خالىدە ئىسرائىلنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ بىر قەدەر ياخشى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى، ئەمما ئۇنىڭ تۇتقۇندا ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بەرمىدى. جەمئىيەتتىن ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا ئەھۋالدىن خەۋەردار بەزى كىشىلەر خالىدە ئىسرائىلنىڭ نۆۋەتتە ئۆيىدە داۋالىنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلسا، يەنە بەزىلەر سالامەتلىكى يار بەرمىگەنلىكى سەۋەبلىك ساقچىلارنىڭ ئۇنى لاگېرغا ياكى قاماقخانىغا ئاپىرىشقا چارىسىز قالغانلىقى، خالىدە ئىسرائىلنىڭ ئۆز ئۆيىدە سوراق قىلىنغانلىقى ۋە ھازىر نەزەربەند ئاستىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

«مەدەنىيەت بوستانى» تېلېۋىزىيە سۆھبەت پروگراممىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇت ۋە ئالىي مۇھەررىر قۇربان مامۇتلار تەرىپىدىن تەھرىرلەنگەن «ئالتۇن كەش» رومانى 2016‏-يىلى نەشر قىلىنغاندىن كېيىن «ياۋرو‏-ئاسىيا كىتاب كۆرگەزمىسى» گە قويۇلغان ۋە يۈكسەك باھاغا ئېرىشكەن. قەشقەرگە قارىتا ئېلىپ بارغان يېقىنقى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا ئالاقىدار سىياسىي-قانۇن خادىملىرى «ئالتۇن كەش» رومانىنىڭ قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىدىن «مەسىلىلىك كىتابلار» دەپ بېكىتىلگەن 600 نەچچە پارچە كىتاب ئىچىدە «مەسىلە ئەڭ ئېغىر كىتاب» دەپ بېكىتىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئەمما خادىملار مەزكۇر كىتابتا كونكرېت قانداق بىر «مەسىلە» تېپىلغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندىن كەلگەن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى «مەسىلىلىك كىتاب» دەپ بېكىتىلگەن كىتابلاردىكى «مەسىلىلەر» نىمۇ جەمئىيەتتىن سىر تۇتقان. «مەدەنىيەت بوستانى» دىكى باھالىغۇچىلار «ئالتۇن كەش» رومانىغا «ئۈچ ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ تەلپۈنۈشلىرىنى ماھىرلىق بىلەن ئەكس ئەتتۈرگەن نادىر ئەسەر» دەپ باھا بەرگەن. يازغۇچى خالىدە ئىسرائىل بولسا «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا ئۆچمەس تۆھپە قوشقان، يېڭى دەۋر ئەدەبىياتىدا پەخىرلىك ئورنى بولغان ئاتاقلىق يازغۇچى» دەپ تەرىپلەنگەن.

بەزى كۆزەتكۈچىلەر نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا بىر قىسىم كىتابلاردىن «مەسىلە» تېپىلىشتا شۇ كىتابلاردىكى بەدىئىي قىممەتتىن باشقا شۇ كىتاب يازغۇچىلىرىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئىززەت-ھۆرمىتىنىڭمۇ بىر سەۋەب بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى، يەنى يازغۇچى جەمئىيەتتە قانچە سۆيۈلسە، دائىرىلەر تەرىپىدىن شۇنچە تەقىب ئاستىغا ئېلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە. 

يازغۇچى خالىدە ئىسرائىل بىلەن بىر ئىشخانىدا خىزمەت قىلغان، نۆۋەتتە ئامېرىكادا ياشاۋاتقان جۈرئەت نىزامىدىن ئەپەندى سابىق خىزمەتدىشىنىڭ بىر قىسىم خىسلەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت