تەپسىلىي خەۋەر

بىرقانچە بالىنىڭ ئاتىسى بولغان 55 ياشلار چامىسىدىكى تىجارەتچى ۋەلى مەمەتنىڭ ئۆتكەن ئاي يەنى دېكابىرنىڭ ئاخىرى لاگېردا جان ئۈزگەنلىكى دەلىللەندى.

ھەپتىلىك خەۋەرلەر (12-يانۋاردىن 18-يانۋارغىچە)

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇشۇ بىر ھەپتە جەريانىدا ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم مۇھىم خەۋەرلىرى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

17-يانۋار پەيشەنبە كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتالىرىدا بىرلا ۋاقىتتا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى لايىھىسى تونۇشتۇرۇلدى.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى: «خىتاي ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ تۈرلۈك ئىپادىلىرىگە دۈشمەنلىك قىلماقتا»

دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇش چېن چۈەنگونىڭ بۇ رايونغا يۆتكىلىپ كېلىشى بىلەن جىددىي رەۋىشتە ئارتقان.

د ئۇ ق «ئۇيغۇرلۇق بەدىلى» نىڭ 4 قىتئەدىكى مەسئۇللىرىنى ئېلان قىلدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى «ئۇيغۇرلۇق بەدىلى» گە 16 دۆلەتتىن 33 نەپەر ئۇيغۇرنى مەسئۇل قىلىپ بەلگىلىدى.

مايك پەنس: «خىتاينىڭ خالىغاننى قىلىشىغا يول قويالمايمىز!»

ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى مايك پەنس ئامېرىكانىڭ تاشقى سىياسىتىدە بۇنىڭدىن كېيىن ۋۇجۇدقا كېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بىر قىسىم ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.

خىتاي مۇستەبىتلىكىنىڭ ياش قۇربانلىرى - دوكتور ساجىدە تۇرسۇن

گېرمانىيەدىكى ماكس پلانك ئىنستىتۇتىنىڭ دوكتورى ساجىدە تۇرسۇن. ئۇ 2017-يىلى يۇرتىغا قايتىشى بىلەن تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرغا قامالغان.

قازاقىستانلىق دىپلوماتنىڭ جازا لاگېرلىرى ھەققىدىكى بىلدۈرۈشى غۇلغۇلا قوزغىماقتا

ئۇيغۇر ئېلىدە زىيارەتتە بولۇپ قايتقان دىپلوماتلار تەركىبىدە غەرب دۆلەتلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋەكىللىرى بولمىغان.

لاگېرغا تاشلانغان چەتئەل پۇقراسى: گۈلباھار جېلىلوۋا لاگېردا كۆرگەن قارا كۈنلەر (4)

گۈلباھار جېلىلوۋا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى بىر قىسىم داڭلىق شەخسلەر بىلەنمۇ بىر كامېرىدا ياتقان.

جەۋھەر ئىلھام: «دېموكراتىك ئەللەرنىڭ دادام ئىلھام توختىنى ۋە لاگېرلاردىكى ئۇيغۇرلارنى سۈرۈشتە قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن!»

جەۋھەر ئىلھام رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، دادىسى ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلىنغان 5 يىلدىن بۇيان ئائىلىسىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىر قىسمەتلىرىنى ئاڭلاتتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى مالايسىيادىكى زىيارىتىنى غەلىبىلىك ئاياغلاشتۇردى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى مالايسىيادىكى زىيارىتىنىڭ 3-كۈنىدە يەنە بىر قىسىم مۇھىم پائالىيەتلەردە بولغان.

مۇتەخەسسىسلەر: «مەخمۇت قەشقىرى ھېكايە يېزىش مۇسابىقىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تونۇتۇش رولى يۇقىرى»

5-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق «مەخمۇت قەشقىرى ھېكايە يېزىش مۇسابىقىسى» نىڭ مۇكاپاتى تۈركىيەنىڭ كاستامونۇ شەھىرىدە تارقىتىلغان.

ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇر ياشلىرى مەتبۇئات ئارقىلىق «جازا لاگېرلىرى» غا نارازىلىق بىلدۈرۈش پائالىيىتى باشلىدى

قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان ئۇيغۇر ياشلىرى «ستوپ گېنوتسىد-بىز تىنچلىقنى ئارزۇ قىلىمىز!» ناملىق مەتبۇئات ئارقىلىق نارازىلىق بىلدۈرۈش پائالىيەتلىرىنى باشلىدى.

كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى: «ئىلھام توختى 5 يىل بولدى قاماقتا، دۇنيا ئۇنى ۋە ئۇيغۇرلارنى ئۇنتۇماسلىقى كېرەك»

خۇ جىيا ۋە ئەنۋەرجان ئەپەندىلەر دۇنيانى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى ۋە ئۇيغۇرلارنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا چاقىردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى مالايسىيانىڭ بىر قىسىم رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشتى

مالايسىيا دۆلىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرىنى تەنقىدلەۋاتقان يېگانە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ بىرىدۇر.

قازاقىستاندىكى «ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» غا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشماقتا

لاگېرلارغا قامالغانلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن تەشكىللەنگەن «ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» گۇرۇپپىنىڭ پائالىيەتلىرى ئىجابىي نەتىجە بەرمەكتە.

قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى: «بىز دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ قوللىشىغا موھتاج»

ھىندونېزىيە، تۈركىيە، بانگلادېش، قىرغىزىستان، رۇسىيەدە ئۆتكەن نارازىلىق ھەرىكەتلىرى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ قاتتىق تەۋرەتكەن ئىدى.

«ئىلى كەچلىك گېزىتى» نىڭ ئۇيغۇرچە ۋە قازاقچىسىنىڭ نەشردىن توختىغانلىقى دەلىللەندى

26 يىلدىن بېرى نەشر قىلىنىپ كېلىۋاتقان «ئىلى كەچلىك گېزىتى» نىڭ ئۇيغۇرچە ۋە قازاقچىسىنىڭ بۇ يىل كىرگەندىن باشلاپ نەشردىن توختىغانلىقى دەلىللەندى.

د ئۇ ق رەھبەرلىرى مالايشىيا ھۆكۈمەت خادىملىرى بىلەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەتلەشتى

14-يانۋار كۈنى مالايشىيا ھۆكۈمىتى بىلەن د ئۇ ق رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مەخسۇس سۆھبەت باشلاندى.

بابۇر: «مەن بىلىدىغان دادام ئابدۇقادىر جالالىدىن»

بابۇر ھەدە-ئىنى ئىككىيلەننىڭ دادىسى ئابدۇقادىر جالالىدىن ۋە ئانىسى جەمىلە خانىمنىڭ ئەھۋالىنى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا ئاڭلىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

تولۇق بەت