ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2011-12-31
28 - دېكابىر خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىدە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ 7 ئۇيغۇرنى «تېررورچىلىق» بىلەن ئەيىبلەپ ئېتىپ تاشلىغانلىقى رادىئومىز ئارقىلىق ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، مەزكۇر خەۋەر CNN ۋە «نيۇ - يورك ۋاقىت» گېزىتىدە خەۋەر قىلىندى.
2011-12-31
خىتاي ئاخباراتلىرىنىڭ شەنبە كۈنىدىكى خەۋەرىگە قارىغاندا، شېنجېن شەھىرىدە 39 ياشلىق بىر خىتاي ئەرنىڭ H5N1 تىپلىق قۇش زۇكىمى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى دەلىللەنگەن بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇنىڭ ھاياتى خەتەر ئاستىدا ئىكەن.
2011-12-31
جۈمە كۈنى سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسى ھاما، دەررا ۋە ھومس شەھەرلىرىدە نامايىشچىلارغا ئەرەب كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئالدىدا ئوق چىقارغان.
2011-12-31
جۈمە كۈنى، ئاۋسترىيە پرېزىدېنتى ھېينۇز فىشېر شىمالىي كورىيە رەھبىرى كىم جۇڭ ئىلنىڭ ئۆلۈمىگە تەزىيە بىلدۈرگەنلىكىنى رەت قىلدى.
2011-12-31
بىز ئالدىنقى بىر نەچچە ھەپتىلىك پروگراممىمىزدا ئەيدىز ۋە ئۇنىڭ ۋابالى ھەققىدىكى ھەرخىل ئەسەرلەرنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنۇپ كەلگەنىدۇق. ئەيدىز ئەنە شۇنداق پۈتمەس – تۈگىمەس ۋابا بولغاچقا، بۇ ھەقتىكى پروگراممىمىز بۈگۈن ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ھەپتىلەردە يەنە داۋاملىشىدۇ. بۈگۈن سىلەرگە ئالدى بىلەن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قالغان، لېكىن ئۆزى ھاياتقا شۇنداق تەشنا، بىغۇبار، مەسۇم بىر ئۆسمۈر ھەققىدىكى قىسقىچە تەرجىمە ھېكايىنى ئاڭلىتىپ ئۆتىمىز.
2011-12-31
ئەتىگەنلىك تەكشۈرۈش ئالدىدا دوختۇر، سېسترالارنىڭ كېچىلىك نۆۋەتچىلىكىدىن دوكلات باشلاندى. ئەخمەت ئاكىنىڭ ھالى ناچار كۆرۈندى. چىرايلىرى سارغىيىپ، ئورۇقلاپ كەتكەندەك پۈتۈن بەدىنى تىترەپ كەتتى.
2011-12-30
خىتاي مەتبۇئاتلىرى ئالدىنقى كۈنى خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن مۇكۇيلا ۋەقەسىدە، تېررورچىلاردىن 7 سىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، 4 ىنىڭ تۇتۇلغانلىقى ۋە يەنە يارىلانغانلىقىنى بايان قىلغان.
2011-12-30
چەتئەللەردىكى خىتاي ئانالىزچىلىرىدىن خۇ پىڭ ھەم جاڭ ۋېيگو ئەپەندىلەر، «گۇما مۇكۇيلا ۋەقەسىدە ئاياللارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈپ، بالىلارنىڭ يارىلاندۇرۇلۇش ۋەقەسى ھەققىدە توختالدى.
2011-12-30
28 - دېكابىر يۈز بەرگەن گۇما ۋەقەسى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر بۈگۈن خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىن كەڭ ئورۇن ئېلىپ، دۇنيا جامائىتىنىڭ دىققىتىنى يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە تارتتى.
2011-12-30
تونۇلغان ئۇيغۇر سەنئەتكارى ئازاد بورھانوف يېقىندا قازاقىستان مۇستەقىللىقىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە ھۆرمەت مېدالى بىلەن مۇكاپاتلاندى.
2011-12-30
ئاۋسترالىيىدە ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان شەرقىي تۈركىستان پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ 5 - نۆۋەتلىك ئايلانما مۇسابىقىسى ئاۋسترالىيىنىڭ ئادىلايد شەھىرىدە 2011 - يىلى 12 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىن 27 - كۈنىگىچە 3 كۈن داۋاملاشتى.
2011-12-30
بېشكەك شەھىرىدە 29 - دېكابىر كۈنى قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاقى ياشلار كومىتېتىنىڭ تەشكىللىشىدە يېڭى يىلنى قۇتلۇقلاش يۈزىسىدىن سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
2011-12-30
ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى تەرىپىدىن سۈرىيىگە ئەۋەتىلگەن مەخسۇس كۆزەتكۈچىلەر ھەيئىتى پەقەت تاماشا كۆرگۈچىلەرگە ئايلىنىپ قالغان.
2011-12-30
بۈگۈن رادىئومىز گۇما مۇكۇيلا ۋەقەسى ھەققىدە ئىلگىرىلەپ ئىگىلىگەن ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردا ئۆلگەن 7 كىشىنىڭ ئىككىسىنىڭ ئايال كىشى ئىكەنلىكى.
2011-12-30
پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا ئارمىيىسى ئامېرىكىنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى پەۋقۇلئاددە يۇقىرى رەسىم تارتىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئۇچقۇچىسىز تىك ئۇچار لايىھىلەپ چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى.
2011-12-30
شىمالىي كورىيە بۈگۈن دۇنياغا شىمالىي كورىيىنىڭ دۆلەت تۈزۈمىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
2011-12-30
بۈگۈن خىتاي دائىرىلىرى كانادادىن بۇ يىل 7-ئايدا قايتۇرۇلغان لەي چاڭشىڭ ھەققىدە تارقاتقان تۇنجى ئۇچۇرىدا، لەي چاڭشىڭنىڭ ئۆز جىنايىتىنى ئىقرار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
2011-12-30
بۈگۈن خىتاي دائىرىلىرى تىبەتلىكلەرنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ھەرىكەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ تىبەتكە قاراتقان سىياسىتىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش ياسىيالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2011-12-29
گۇما مۇكۇيلا يېزىسىدىكى توقۇنۇشتا، ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى باشلىقى ئادىل ئابدۇۋەلى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش جەريانىدا ئۆلتۈرۈلگەن، ساقچىلار چېگرادىن قاچماقچى بولغان 7 نەپەر ئۇيغۇرنى ئېتىۋەتكەن.
2011-12-29
28-دېكابىر كۈنى كەچتە، خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىنىڭ مۇكالاي يېزىسىدىكى، ھىجرەت سەپىرىگە ئاتلانغان ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن خىتاينىڭ گۇما ناھىيىلىك ساقچى خادىملىرى ئارىسىدىكى توقۇنۇشتا ئىككى تەرەپتىن جەمئىي 8 كىشى ئۆلگەن ۋە 4 كىشى يارىلانغان.
2011-12-29
2011-يىلى ئاخىرلىشىپ 2012-يىلى كىرەي دەپ قالغاندا ئۆتۈپ كەتكەن يىلنىڭ ھېسابىنى قىلىپ، كېلىۋاتقان يىلدىن يېڭى ئۈمىدلەر كۈتۈلىدۇ.
2011-12-29
قازاقىستان ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ماڭغىستاۋ ۋىلايىتىگە قاراشلىق جانائۆزەن رايونىدا يۈزبەرگەن 16-دېكابىر ۋەقەسى ھەققىدە يېڭى مەلۇماتلارنىڭ ئېلان قىلىنىشى داۋام قىلماقتا.
2011-12-29
كانادادىكى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي سەتچىلىكلىرى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. كانادا خان جەمەتى ساقچى ئىدارىسى ئاكسىيە بازىرىغا كىرگەن «خىتاي ئورمان شىركىتى» نىڭ كانادادىكى ئىقتىسادىي ئالدامچىلىقىنى تەكشۈرمەكتە.
2011-12-29
ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ھامۇت كۆكتۈرك باشچىلىقىدا 5 كىشىلىك بىر ھەيئەت مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان تور ئۇچۇر مەجمۇئەسى - «دۇنيا بۇلتەنى» تور بېكىتىنىڭ مەركىزىنى زىيارەت قىلدى.
2011-12-29
28-دېكابىر گۇما مۇكۇيلا ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلىتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ب د ت نى بۇ ۋەقە ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى.
2011-12-29
خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچىدە خەلقئارالىق تېلېفون ئالاقىلىرىنى تارقىتىش-قوبۇل قىلىش مەركىزى قۇرۇشنى قارار قىلغان.
2011-12-29
خىتايدا بىر كۈننىڭ ئىچىدە جەمئىي 12 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ ئىجرا قىلىندى. ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم قىلىنىپ، ئىجرا قىلىنغانلارنىڭ ئىچىدە بۇ يىل 6-ئايدا خۇنەن ئۆلكىسىدىكى بىر باج ئىدارىسىنى پارتلاتقان ليۇ جۈيخۇڭمۇ بار.
2011-12-29
مېكسىكا دائىرىلىرى بۈگۈن خىتايدىن كەلگەن 120 توننا زەھەرلىك ماددىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. مونومېتىيلامىن دەپ ئاتىلىدىغان بۇ زەھەرلىك ماددا شاڭخەيدىن مېكسىكىنىڭ پورتو كۋېتزال پورتىغا ئەۋەتىلگەن.
2011-12-29
بۈگۈن ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما لىۋىيىدىكى ھەربىي ھەرىكەتتە مۇھىم رول ئوينىغان گېنېرال سامۇل لوكلىرنى ئامېرىكا تىنچ ئوكيان قىسىملىرىنىڭ قوماندانلىقىغا نامزات قىلىپ كۆرسەتتى.