د ئۇ ق: «‹زىمىستان› مۇخبىرلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتىمىز»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-01-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 18‏-يانۋار بايانات ئېلان قىلىپ، ئىتالىيەدىكى دىنىي ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق تورى‏- «زىمىستان» تورىنىڭ مۇخبىرلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ۋە ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. «زىمىستان» تورى ئۇيغۇر رايونىغا مۇخبىر ئەۋەتىپ، دۇنيانى مەزكۇر رايونىدىكى لاگېرلار ھەققىدە دەلىللەر بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتقان تورلارنىڭ بىرى. لېكىن، ئۆتكەن يىلى 8‏-ئايدىن باشلاپ مەزكۇر تورنىڭ 45 نەپەر خىتاي مۇخبىرى تۇتقۇن قىلىنغان ياكى ئىز-دېرەكسىز يوقالغان. مەلۇم بولۇشىچە، يۇقىرىقى 45 نەپەر مۇخبىرىنىڭ 4 نەپىرى ئىچكىرىدە تۇتقۇن قىلىنغان، قالغان 41 نەپىرى ئۇيغۇر رايونىدا غايىب بولغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتىدا، بۇ مۇخبىرلار دۇنيانىڭ «يامانلىشىپ كېتىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلىشى، ئۇيغۇر ۋە باشقا ئېتنىك ھەم دىنىي گۇرۇپپىلارنى جازالاۋاتقانلىقىغا ئورتاق چۈشەنچە ھاسىل قىلىشىدا ئىنتايىن مۇھىم دەلىللەر بىلەن تەمىنلەپ كەلگەنلىكى» نى بىلدۈرگەن. «زىمىستان» تورىنىڭ بىر مۇخبىرى ئۆتكەن يىلى 11‏-ئايدا غۇلجىنىڭ يېڭىيەر بازىرىدا قۇرۇلۇۋاتقان بىر يىغىۋېلىش لاگېرىنى سىنغا ئېلىپ، مەزكۇر توردا ئېلان قىلغان. بۇ مۇخبىر شۇنىڭدىن كېيىن غايىب بولغان ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتىدا: «بىز ھەقىقەتنى ئاشكارىلاشقا جاسارەت قىلغان بۇ كىشىلەرنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. بىز يەنە خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە بۇ مۇخبىرلارنى قويۇپ بېرىش ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش ھەققىدە ئۈنلۈك خىتاب قىلىشقا چاقىرىمىز» دېگەن. «زىمىستان» تورىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئېنىق بولسىمۇ، ئەمما ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقى مەلۇم ئەمەس ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت