مەشھۇر سەنئەتكار زىكرى ئەلپەتتانىڭ قىزى خانقىز زىكرى لاگېردا خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-03-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆتكەن ئەسىردە ئۆتكەن مەشھۇر سازەندىسى زىكرى ئەلپەتتانىڭ قىزى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېينىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى 64 ياشلىق خانقىز زىكرى بىر يىلدىن ئاشقان لاگېر ھاياتى سەۋەبلىك نېرۋىسى ئاجىزلىشىپ، خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان.

ئۈرۈمچىدىكى خىتاي ساقچىلىرى خانقىز زىكرىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتىغا ئۇنىڭ لاگېردا بىرقانچە ئايدىن بېرى گەپ قىلماس بولۇپ قالغانلىقى ۋە كۈن بويى تورۇسقا قاراپ ئولتۇرىدىغانلىقىنى مەلۇم قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، خانقىز زىكرى ئۆتكەن يىلى فېۋرالدا لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەندە سالامەتلىكىدە ھېچقانداق بىر مەسىلە يوق بولۇپ، ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى نۆۋەتتە خانقىز زىكرىنىڭ لاگېردا جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئېغىر قىيىن-قىستاققا دۇچ كەلگەنلىك ئېھتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

مۇخبىرىمىز گۈلجېھرەنىڭ كىچىك ئاپىسى بولغان خانقىز زىكرى ھەققىدە بۈگۈن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بىر بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى خانقىز زىكرىنى تېزدىن داۋالاشقا، شەرتسىز قويۇپ بېرىشكە ياكى ئادۋوكات ئارقىلىق ئۆزىنى ئاقلاشقا پۇرسەت بېرىشكە چاقىردى. مەزكۇر تەشكىلات باياناتىدا يەنە بۇ چاقىرىققا ئاۋاز قوشقۇچىلارنى ئۇيغۇر رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگوغا ئىمزالىق مەكتۇپ يوللاشقا دەۋەت قىلدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېينىڭ ھازىر جاۋاب ۋە تەجرىبىلىك چۈشەندۈرگۈچىسى خانقىز زىكرى مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ تۇتقۇندىكى 23 نەپەر ئۇرۇق-تۇغقىنىدىن بىرىدۇر. خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ سەزگۈر دۆلەت مەخپىيەتلىكى بولغان لاگېرلار ھەققىدە خەۋەر ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىدىكى 6 نەپەر مۇخبىرنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى 40 تىن ئارتۇق ئائىلە ئەزالىرى 2017 ‏-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، ھازىرغىچە قويۇپ بېرىلمىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت