ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودرومى 8 سېكۇنتلۇق تېزلىكتە «يۈز تارايدىغان» ئاپتوماتىك تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىنى ئىشقا كىرىشتۈرگەن

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2020-06-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

شىنخۇا تورىنىڭ 17-ئىيۇن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودرومى يولۇچىلارنى بىر-بىرلەپ ئۆتكۈزىدىغان بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئېغىزلىرىدا 8 سېكۇنتلۇق تېزلىكتە «يۈز تارايدىغان» ئاپتوماتىك تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىنى ئورنىتىپ، رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرگەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتايدىكى يۇقىرى تېخنىكا شىركەتلىرى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ 2 يىل ئىچىدە بۇ ئۈسكىنىنى ياساپ چىققان ئىكەن. بۇنىڭ بىلەن ئىلگىرىكى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 25 سېكۇنت ۋاقىت كېتىدىغان بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش جەريانى بۇ ئۈسكۈنە ئارقىلىق پەقەت 8 سىكۇنتتىلا تاماملىنىدىغان بولغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودرومىنىڭ ئۈچ تېرمىنالىدا بۇنداق «يۈز تارايدىغان» ئۈسكىنىدىن جەمئىي 37 سى بار ئىكەن.

«زىمىستان» تورىنىڭ بۇ يىل مايدىكى خەۋىرىدە خىتاينىڭ چىراي تونۇش ئۈسكۈنىسى ئارقىلىق تەكشۈرۈلگۈچىنىڭ مىللىتى، قايسى رايوندىن كەلگەنلىكى ۋە قاچان قەيەرگە بارغانلىقىغا ئائىت پۈتۈن پۈتۈن ئۇچۇرلارنى تەكشۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارى خىتاينىڭ يۇقىرى بېسىملىق كونتروللۇق سىستېمىسى ئاستىدىكى ئىسمى-جىسمىغا لايىق «ساقچى دۆلىتى» گە ئايلانغان. ئۈرۈمچى ئايرودرومىدا بۇ خىل يۇقىرى سۈرئەتلىك «يۈز تاراش» ئۈسكۈنىسىنىڭ ئورنىتىلىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى تەقىب سىياسىتىنىڭ داۋاملىق كۈچىيىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت