ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار يېڭى يىل كېچىلىك پائالىيىتىنى شېھىتلارغا دۇئا قىلىش بىلەن باشلىدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2014-01-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تۈنۈگۈن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار يېڭى يىل كېچىلىكى ئۆتكۈزدى. پائالىيەتنىڭ بېشىدا 2013-يىل ئىچىدە ئۇيغۇر رايونىدا خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى يۈز بەرگەن بىر قاتار ۋەقەلەر ئەسلەپ ئۆتۈلۈپ شېھىتلار ئۈچۈن دۇئا قىلىندى.

پائالىيەتنىڭ باشلىنىشىدا يەنە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن جان پىدا قىلغان شېھىتلار ۋە مەھبۇسلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈلدى. پائالىيەتنىڭ داۋامىدا ياش-ئۆسمۈرلەر تەرىپىدىن تەييارلانغان مىللىي ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسىتىلدى. پائالىيەتنىڭ ئەدەبىيات سەنئەت قىسمى ياشلارنىڭ رىياسەتچىلىكى ۋە ئىجراسىدا داۋام قىلدى.

پائالىيەتكە ۋاشىنگتون ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن 300 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

مەزكۇر پائالىيەتنى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى بىلەن خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت